تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېسنىي بايرىقى ئاستىدىكى ئىككى چوڭ فىلىم «ئەقىللىق ئالاھىدە خادىم ئەتىرىتى» ۋە «چۈمۈلە ئادەم» نىڭ جۇڭگودا قويۇلۇش ۋاقتىنى رەسمىي ئېلان قىلغان بولۇپ، پېكسار خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەسىرى «ئەقىللىق ئالاھىدە خادىم ئەتىرىتى» 10-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت بايرىمىدا قويۇلىدىكەن، ئەكىسچە مارۋېلنىڭ ھەرىكەتلىك قەھرىمان فىلىمى «چۈمۈلە ئادەم» 10 كۈندىن كېيىن، يەنى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى قويۇلىدىكەن.
«ئەقىللىق ئالاھىدە خادىم ئەتىرىتى» بولسا دېسنىي فىلىم خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە پېكسار كارتون خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن كارتون فىلىم، فىلىمدا كىچىك قىزى لىلى سان فرانسېسكوغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشى «خوشال بولۇش»، «ئازابلىنىش»، «غەزەپلىنىش»، «قورقۇش»، «بىزار بولۇش» بەش خىل كەپىيات تەرىپىدىن ئورتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بەش خىل كەيپىيات لىلىنىڭ مېكىسىنىڭ كونترول مەركىزىگە ئورۇنلىشىدۇ، ئاشۇ يەردە لىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەڭشەيدۇ. فىلىم بۇ يىللىق گانا كىنو بايرىمىدا قويۇلغاندىن كېيىن، كۈچلۈك باھاغا ئېرىشكەن، فىلىم 6-ئايدا شىمالى ئامېرىكىدا رەسمىي قويۇلغاندىن كېيىن، باھالاشتا %98 لىك يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان.
مارۋېلنىڭ ئەسىرى قەھرىمان فىلىمى «چۈمۈلە ئادەم» بۇ يىل شىمالى ئامېرىكا يازلىق بازاردا قويۇلغان چوڭ فىلىم، فىلىمدا سابىق ئېنژىنىر سىكوت بايدىن تارتىۋېلىپ گادايغا بېرىش سەۋەبىدىن تۈرمىگە كىرىدۇ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ قىزىغا قاراش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە ئوغىرلىق قىلىش يولىغا قەدەم قويىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بىر قېتىملىق تاسادىپىي بولغان ئوغۇرلۇق ئىشى ئۇنى يېڭى بىر ئەۋلاد «چۈمۈلە ئادەم» گە ئالماشتۇرىدۇ، كىرزىس قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالىدۇ، كۈچلۈك بولغان دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ دۇنيانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سىكوت بىر توپ دوستلىرىنى ئۆزىنىڭ بىر مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ، يەر شارى بېلەت كىرىمى جۇغلانمىسى 380 مىلىيون دوللارغا يەتكەن، جۇڭگو رايونىدىكى قويۇلۇشمۇ چوقۇم بېلەت كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.