ئامېرىكا ئانالىز تارماقلىرى: 2016- ئەنسىز بىر يىل بولۇشى مۇمكىن-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > خەلقئارا >

ئامېرىكا ئانالىز تارماقلىرى: 2016- ئەنسىز بىر يىل بولۇشى مۇمكىن

مەنبە : باشلان تورى       ئاۋاتلىقى 665   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 31-12-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

  ئامېرىكا ئانالىز تارماقلىرى: 2016- ئەنسىز بىر يىل بولۇشى مۇمكىن، «شام ئىسلام دۆلىتى»نى ھازىرچە مەغلۇب قىلغىلى بولمايدۇ

 

 

 

«ئوربىتا تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 30-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر ئانالىز قىلىش ئورگىنى Stratfor نىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2016- يىلى ئەنسىزلىككە تولغان بىر يىل بولىدىكەن. رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىدىكەن، «شام ئىسلام دۆلىتى»قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋاقتىنچە مەغلۇب قىلغىلى بولمايدىكەن، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش ۋەزىيىتىدە ئۈمىد يوقكەن، بۇلار يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 2016- يىلىدىكى دۇنياۋى يۈزلىنىش ئىكەن. 

 

]

قاتتىق تىركىشىش

دوكلاتتا:«يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان غەرب بىلەن رۇسىيەنىڭ تىركىشىش ۋەزىيىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان يادرولۇق ئامىل بولۇپ قالغان. Stratfor نىڭ مۆلچەرلىشىچە 2016- يىلىمۇ بۇ ئەھۋال داۋاملىشىدىكەن، بىراق تىركىشىش سەۋىيەسى ۋە ھەمكارلىشىش ئېھتىماللىقى ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىدىكەن».

 

 

مەزكۇر ئورگاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشتە غەرب بىلەن موسكۋانىڭ ھەمكارلىشىشى تامامەن مۇمكىن بولسىمۇ، بىراق غەرب يەنىلا «سوۋېت ئىتتىپاقى»نى قايتا قۇرۇش ئىستىكىدە بولۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. 

ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، بىراق رۇسىيە بىلەن ش ئا ئە ت نىڭ ئارىسىدا بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرمەيدىكەن، ئىككىلا تەرەپ مۇداپىيەلىنىش يوشۇرۇن كۈچىنى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىكەن. 

 

 

«شام ئىسلام دۆلىتى»نى ۋاقتىنچە مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدۇ

بىز 2016- يىلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشكە تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىنكەن، بىراق نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىكەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ قارىشىچە، «شام ئىسلام دۆلىتى»گە ھۇجۇم قىلىش، ئۇلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىشىغا دەستەك بولۇپ بېرىشى مۇمكىنكەن. 

ھالبۇكى، رۇسىيە خەلقئارالىق تېررورلۇققا زەربە بېرىشتە ئۆزىنىڭ رولىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتى تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىكەن. 

 

 

تۈركىيە ئوتتۇرا شەرققە رەھبەرلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا

دوكلاتتا، يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولغان تۈركىيەگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، تۈركىيە شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى «كۆۋرۈك»بولۇشى كېرەك، دەپ قارالغان. بۇ ئورگان:«تۈركىيە يەنىلا مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىم ئىشتىراكچىسى، شۇڭا تۈركىيەنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۆزىتىش كېرەك»دېگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە رەھبەرلىك قاتلىمى بۇ رايوننىڭ بىردىنبىر رەھبىرى بولۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قەتئىي بوشاشمايدىكەن. 

 

 

مەزكۇر ئورگاننىڭ مۆلچەرلىشىچە، تۈركىيە سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت قىلىشى ھەمدە ئىراقتا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ سانىنى كۆپەيتىشى مۇمكىنكەن. بىراق، رۇسىيە سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي سانىنى كۆپەيتىپ، تۈركىيەنىڭ پىلانىنى سۇغا چىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماي قالمايدىكەن. بۇ ئالدى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىشلىتىلىدىغانلىقىدىن، ئەمما تۈركىيەنىڭ باش ئەگمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

 

 

قاتمال ۋەزىيەتكە پېتىپ قالغان دونباس

ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە كەلسەك، Stratfor نىڭ مۇتەخەسسىسلىرى باشقا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلىدىكەن، يەنى ئۇلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2016- يىلى دونباس توقۇنۇشى قاتمال ۋەزىيەتكە پېتىپ قالىدىكەن. مەزكۇر رايوندىكى ئاكتىپ ھەربىي ھەرىكەت 2015- يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئاجىزلايدىكەن، بىراق يەنىلا ئوق چىقىرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن. 

 

 

ياۋروپادىكى بۇرۇلۇش

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى پەيدا قىلغان كۆچمەنلەر كىرىزىسى ياۋروپانىڭ سىياسىي قىياپىتىنى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن. 2016- يىلى ياۋروپادىكى ئۆزگىرىش ئاساسلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىككى «تۈۋرۈك» دۆلەت فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەدە كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. بۇ ئىككى دۆلەت 2017- يىلدىكى سايلامغا تەييارلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككىلا دۆلەتتە مىللەتچىلىككە ۋە ياۋروپا گۇمانچىلىقىغا ئېغىش خاھىشى كۆرۈلىدىكەن. 

 

 

ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتەمدۇ؟

مەزكۇر ئورگان مۆلچەرىدە يەنە «كۆڭۈلنى خاتىرجەم»قىلىدىغان بىر قىسىم ئامىللارنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، 2016- يىلى ئەڭ ئەنسىز بىر يىلمۇ بولۇپ كەتمەيدىكەن. بىراق دوكلاتتا:«2016- يىلى، يەر شارى تېخىمۇ ئەنسىزلىككە تولغان، 2017- يىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان بىر يىل بولىدۇ»دېيىلگەن. 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋىلىغان بۇلۇپ تور بىكىتمىز بىلەن نەشىرى ھۇقۇقى جەھەتتە ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ،ئەگەر نەشىرى ھۇقۇقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ بىز 24سائەت ئىچىدە سىز دىگەن مەزمۇنلارنى ئۈچۈرۈپ بىرىمىز.

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000 :توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2