باش ماقالە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ رەئىسى جەنېت يەلېن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى 17-سېنتەبىر يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ داۋام قىلىۋاتقان تۆۋەن پۇل پاخاللىقىنى ئويلىشىپ، فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنى ھازىرقى سەۋىيەدە ساقلاپ قېلىش، ۋاقتىنچە ئۆستۈرمەسلىكنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى 17-سېنتەبىر ئاياقلاشقان پۇل سىياسىتى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىللىقلىقى ئاشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم ئاشتى، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۇدا تۆۋەنلىدى دېدى. لىكىن يېقىنقى مەزگىلدە دۇنيا ئىقتىسادى ۋە پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتى مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى پائالىيەتنى چەكلەپ، قىسقا مۆھلەتلىك پۇل پاخاللىقىغا تۆۋەنلەش بېسىمى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى ئىپادە بىلدۈرۈپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى داۋاملىق ياخشىلىنىدۇ ھەمدە پۇل پاخاللىقى ئوتتۇرا مەزگىلدە %2 لىك نىشان سەۋىيەگە قاراپ ئاتلىنىشقا تېخىمۇ ئىشەنىچ باغلىغان ۋاقىتتا ئكسۈم ئكستۈرۈشنى قوزغىتىش ئاندىن مۇۋاپىق. ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ خەتىرى يەنىلا تەڭپۇڭ ھالەتكە يېقىن، ئەمما فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى چەتئەل ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىدۇ دېدى.
ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ھالىتىنىڭ ئاستا-ئاستا مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى، سىرتقى ساھە ئىلگىرى فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى 9-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى قوزغىتىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. ئەمما يېقىندا سىرتقى ساھە ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈش ئۆستۈرۈش بۇ يىل 12-ئاي ئەتىراپىغا ھەتتا كېلەر يىلى يىل بېشىغا كېچىكتۈرۈلىشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلغان.
فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ رەئىسى جەنېت يەلېن 17-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، كۆپلىگەن فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى ئەمەلدارلىرى يەنىلا 2015-يىلىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى قوزغىتىشنى مۆلچەرلىدى، ئەمەلىي سىياسەت ئىقتىسادى ۋەزىيەتنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتتا ئىقتىسادى ئەھۋالنى باھالاشنى ئۈمىد قىلىدۇ دېدى.
فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى يەنە ئەڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىساد مۆلچەرىنى ئېلان قىلدى، 2015-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرى بۇندىن ئىلگىرىكى %1.9 تىن %2.1 كە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئىشسىزلىق نىسبىتى مۆلچەردى %5.3 تىن %5 كە تەڭشەلدى، خۇسۇسىي ئىستىمال چىقىم باھا كۆرسەتكۈچى %0.7 تىن %0.4 كە تەڭشەلدى، يادرولۇق خۇسۇسى ئىستىمال چىقىم باھا كۆرسەتكۈچى %1.3 تىن %1.4 كە تەڭشەلدى. يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇمات فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ئويلاشقان مۇھىم ئاساس.