مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 5-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى يوقلىدى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > شىنجاڭ >

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 5-تارماق ئۆمىكىدىكىلەر بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى يوقلىدى

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى       ئاۋاتلىقى 1815   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 28-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش ئارقا سەپ بۇسىنىڭ باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ كېشى 27-سېنتەبىر مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 5-تارماق ئۆمىكىنى باشلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى ئېلىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن قۇمۇل ۋىلايىتىگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

 
  شۇ كۈنى ئەتىگەندە، 72 ياشلىق ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى خامتۇ بايىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر موڭغۇلچە كىيىملىرىنى كىيىپ، ھاياجانلانغان ھالدا ھال سوراپ كەلگەن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى كۈتۈۋالدى. خۇشخۇي ۋە ئوچۇق-يورۇق خامتۇ بايىر كورلا شەھىرىدە كۈنىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، ئۇ: مەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىناق، مۇقىم بولغان تەرەققىيات مۇساپىسىگە شاھىت بولدۇم، مەن بۇ مۇنبەت زېمىننى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن ھەم يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىدىن پەخىرلىنىمەن، دېدى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خۇشال ھالدا:
  «بىراۋ كېلىپ سورىسا مەندىن،
  بۇ يەر قەيەر، بۇ يەر قايسى جاي؟
  پەخىرلىنىپ بېرىمەن جاۋاب:
  بۇ يەر يۇرتۇم كورلا، گۈزەل جاي!»
  دەپ قوشاق قېتىپ ناخشا ئېيتىپ بەردى.
 
  9-ئايدا قۇمۇلدا قوغۇنلارنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، كۈز مەنزىرىسى كىشىگە يېقىشلىق بولۇپ، قۇمۇلدىكى ھەر مىللەت ئامما مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىغا سەمىمىي مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. جاۋ كېشى قاتارلىقلار چۈشتىن كېيىن قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، «جىنفېڭ» شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەسلىھەلىرى چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
 
  سۆھبەت يىغىنىدا، قۇمۇل شەھىرى شەرقىي ئۆستەڭ رايونى مەھەللە ئىش باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۈي شيەنفېڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان، كۈنلىرىمىز ئىنتايىن باياشات ئۆتۈۋاتىدۇ، يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردۇق، ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، پۇقرالار پارتىيە ۋە ۋەتەندىن چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار.
 
  جاۋ كېشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
 
  ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، پېڭ يۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھەمراھ بولۇپ پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا تۇرغان

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2