سىچۇەندە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا دالا تامىقى يېگەنلەر جازالاندى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > مەملىكەت >

سىچۇەندە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا دالا تامىقى يېگەنلەر جازالاندى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 2977   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 13-02-2016

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

«جۇڭگو خەۋىرى» تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

   خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سىچۈەن ئۆلكىسى ياشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى 3-چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچى تۈنۈگۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول جىددىي ئەھۋال يولىدا دالا تامىقى يېگەنلەرنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى ئاشكارىلىۋەتتى. 

    رەسىمدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر كىچىك ئاپتوموبىل ياشى يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولىنىڭ بويىدىكى مۇلازىمەت رايوننىڭ ئالدىدىكى جىددىي ئەھۋال يولىدا، يول بويىدىلا ئۈستەل، ئورۇندۇقلارنى تىزىپ، ئۈستىگە نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنى قويغان  ھەمدە ناھايىتى ئازادە ھالدا بىر قېتىملىق دالا تامىقى يېگەن، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئەخلەتلەرنى يول بويىغا تۆكۈۋەتكەن. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى جېنى بىلەن ئويناشقانلىق ئىدى. 

بۇ بىر پارچە رەسىم نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ بەس مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ كىشىلەرنىڭ قىلمىشىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە ئۇلارنى «ساپاسىز، جېنى بىلەن ئويناشقانلىق» دېيىشتى. 

مۇخبىرنىڭ بۈگۈن سىچۇەن ئۆلكىسى ياشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى 3-چوڭ ئەترىتى 1-ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ۋاڭ رۇي بىلەن ئالاقىلاشقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ۋەقە 9-فېۋرال چۈشتىن كېيىن 14:35 ئەتراپىدا يۈزبەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ رۈي قول ئاستىدىكى ساقچىلار بىلەن بىللە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول «شېمىيەن» مۇلازىمەت رايونى ئەتراپىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. دەل شۇ ۋاقىتتا مۇلازىمەت رايونى ئالدىدىكى جىددىي ئەھۋال يولىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى يول بويىغىلا ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى تىزىپ ناھايىتى ئازادە ھالدا بىر قېتىملىق دالا تامىقى يېگەن. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا كىچىك بالىلارمۇ، ياشانغان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قالايمىقان مېڭىپ يۈرگەن ھەمدە  يېگەن نەرسىلىرىنى يول ئەتراپىغا قالايمىقان تاشلىغان. 

قاتناش ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، مەزكۇر يۇقىرى سۈرئەت تاشيولدا يۈك ماشىنىلىرى كۆپ ماڭىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يولدا ئەگرى ئايلانما يوللار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئۆزىنىڭ جېنى بىلەن ئويناشقانلىق ئىكەن. 

    نۆۋەتتە ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن، قاتناش ساقچىلىرى يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيول جىددىي ئەھۋال يولىنى ئىگەللىۋالغان شوپۇرغا 200 يۈەن جەرىمانە قويۇش، پىراۋىسىدىن ئالتە نومۇر تارتىش جازاسى بەرگەن. 

    ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول جىددىي ئەھۋال يولىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە ياكى ماشىنىدىن كاشىلا چىققاندىلا توختاشقا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ساقچى ماشىنلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، قۇرۇلۇش ماشىنلىرى قاتارلىق ماشىنىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندىلا بۇ يولدا مېڭىشقا بولىدىكەن. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرگەندە جىددىي ئەھۋال يولىنى ئىگىلەپ مېڭىش ياكى توختىۋىلىشقا بولمايدىكەن. 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2