رادىكال تەشكىلات 127 ئىراقلىق بالىنى تۇتقۇن قىلىۋالدى
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رادىكال تەشكىلات-«ئىسلام دۆلىتى» ئۆتكەن نەچچە كۈندىن بېرى موسۇلدا 11 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان 127 بالىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان. ئەسەبىي رادىكال ئۇنسۇرلار بۇ بالىلارنى بازىسىغا ئاپىرىپ، ئۇلارغا قورال ئىشلىتىشنى، تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى ئۆگىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇجايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر ئاتا بالىسىنى قوغداش ئۈچۈن، «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن ئېلىشىپ، ئىككى تېررورچىنى جايلىۋەتكەن.