مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يەندۇڭ 27-سېنتەبىر مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 2-تارماق ئۆمىكىنى باشلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى ئېلىپ، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىدىن ھال سورىدى ھەم كۆپچىلىكنىڭ تاۋۇز چاغىنىنى تەبرىكلىدى.
ليۇ يەندۇڭ 27-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق قۇرۇلغان خوتەن-تيەنجىن ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، مەكتەپنىڭ يۇمشاق-قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېجىل-ئىناق ئۆتۈپ، ساغلام چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيەمىز بېكىتكەن فاڭجېن، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭغا مائارىپ بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئەلرايى قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.
ليۇ يەندۇڭ ئارقىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كەلدى. ئاقسۇ شەھىرىدە كوچا-يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىگە پانۇس ۋە دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق بىر يەرگە جەم بولۇپ، مىللىيچە كىيىنىپ، ئۇسسۇلغا چۈشكەن، ھەممىلا يەردە بايرام كەيپىياتى ئەۋج ئالغانىدى. ليۇ يەندۇڭ يەرلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى، ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «60 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، شەھەر، تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئاقسۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېڭىلىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۇيۇشقاقلىق ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىق كۈنسېرى ئېشىپتۇ. ئاقسۇ غەربىي دىياردىكى قەدىمكى كۈسەن، قۇم قاتارلىق بەگلىكلەرنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولغان، ئۇزاق تارىخقا، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھازىر ئىسلاھات، تەرەققىياتتىن ئىبارەت تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، بايلىق، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىرىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى پاراۋۇز بولۇشى، تېخىمۇ ياخشى ۋە تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لەڭگەر «قوش تىل» يەسلىسىگە كىرىپلا، بىنانىڭ 1-قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كەلگەن ئويۇنچۇق، تىزما ياغاچ قاتارلىق ھەرخىل سوۋغىلارنىڭ رەتلىك تىزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۇق. ليۇ يەندۇڭ دەرسخانىغا كىرىپلار ئويۇنچۇقلارنى بالىلارغا بىر-بىرلەپ تارقىتىپ بەردى، بەش ياشلىق تولۇنئاي ئۆزى ياسىغان پانۇسىنى ليۇ يەندۇڭغا سوۋغا قىلدى ھەم خەنزۇ تىلىدا راۋان قىلىپ: بۇ ئۆزۈم ياسىغان پانۇس، موما سىزگە سوۋغا قىلاي، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!، دېدى. ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دېدى: «قوش تىل» ئوقۇتۇشى ۋەتەن، خەلققە پايدىلىق زور ئىش، ئۇنى بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ بىلىم ئىگىلىشى، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشى، ۋەتەن ۋە شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىغا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
ليۇ يەندۇڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1-شى 5-تۈەنىدە پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، داۋالىنىش، ساقلىق ساقلاش كاپالىتى سىياسىتىنى تەپسىلىي سوراپ، بىڭتۈەننىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىڭتۈەن ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىگرانى تىنچلاندۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ليۇ يەندۇڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بېغىغا كېلىپ، يەرلىكتىكىلەرنى باغۋەنچىلىك قاتارلىق خاس ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، خۇاڭ ۋېي كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ھال سوراشتا بىللە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا تۇرغان