جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى 31 -دېكابىر بېيجىڭ
خەۋىرى:
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 31- دېكابىر ئۆز ئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگىراممىسى يوللاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى، 2015- يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھالىتىنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە 2- دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ۋە ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى چوڭقۇرلاشتى، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى كۈچەيدى، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ھەر قايسى ساھەدىكى ھەمكارلىغىدا يېڭى، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا ئىجابىي كۈچ قوشۇلدى. ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى بىر يىلدا بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە تىنچلىق ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا قوللاشنى زورايتىپ، ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ، تەڭ نەپ ئېلىشتىكى ھەمكارلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتىن مۇنداق دېدى، ئۆتكەن بىر يىلدا، رۇسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى بىر قاتار زور ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈردى. يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئۇچرىشىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى، 2- دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەش -رۇسىيە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملىدى، ئۆز ئارا ئۆتكۈزگەن ياشلار دوستلۇق ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، تاراتقۇلار ئالماشتۇرۇش يىلى پائالىيىتىمۇ باشلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق قويۇق باردى كەلدى ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، رۇسىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسلى مەنبە: http://www.uycnr.com/xwzx/gjxw/201512/t20151231_997922.html