ياپونىيەدىكى كەسىپچان ئاياللار ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتمىدى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > خەلقئارا >

ياپونىيەدىكى كەسىپچان ئاياللار ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتمىدى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 1247   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 07-12-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

 ياپونىيەدىكى كەسىپچان ئاياللار ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتمىدى. سۈرەتتە ياپونىيە ئاياللىرى.

جۇڭگو ئاخبارات تورى 7–دېكابىر تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 7–چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن، «ئەر-خوتۇنلار چوقۇم بىر تەرەپنىڭ فامىلىسىنى ئىشلىتىش كېرەك»، بىراق ياپونىيەدە كۆپ ساندىكى، ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان ئاياللار ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ئىشلىتىدۇ. ياپونىيەدە ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆز فامىلىسىدىن ۋاز كېچىشنى خالىماي، ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىككە ئىنتىلدى. بىر قىسىم كىشىلەر مۇنداق دەپ قارىدى، ئابى شىنزو ھۆكۈمىتى «ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە جانلىنىشى» نى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى، تويدىن كېيىن فامىلىسىنى ئۆزگەرتىش بولسا بىر قىسىم كەسىپچان ئاياللارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى، شۇڭا ياپونىيە ئاياللىرىغا قارىتا ئۆز فامىلىسىنى تاللاش ئەركىنلىكى پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولدى.

ياپونىيە 1898–يىلىدىن باشلاپلا ئەر خوتۇنلار چوقۇم بىر تەرەپنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىشى كېرەك دەپ بېكىتكەن. ھازىرغا قەدەر بۇ تۈزۈم ساقلىنىپ كەلدى ھەمدە ياپونىيەنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى بولۇپ كەلدى.

ياپونىيەدىكى بىر تاراتقۇ 6–چېسلا تەكشۈرۈش دوكلاتى چىقىرىپ، ياپونىيە ئاياللىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ بۇ تۈزۈمنى قوبۇل قىلالمايۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. ئۇلار تاپشۇرۇپ ئالغان 1744 پارچە جاۋاب خەتنىڭ يەتتە ئۈلۈشى ئايال ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن، ئۇلار بۇ جەھەتتىكى ئىسلاھاتقا بەكمۇ تەشنا ئىكەن. 1259 ئادەمنىڭ قارىشىچە، «فامىلە مەسىلىسىنى ئويلاشقان ۋاقىتتا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ چوقۇم بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك»؛ ئۇلار مۇنداق دېگەن،  ئۆز فامىلىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۆزىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

712 ئادەم مۇنداق دەپ قارىغان، تويدىن كېيىن فامىلىسىنى ئۆزگەرتسە، خىزمەتكە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 20 ياشلار چامىسىدىكى تېخى ياتلىق بولمىغان بىر ياپونىيەلىك قىز مۇنداق دېگەن: «توي قىلىش نوپۇسقا ئېلىش بىلەن باراۋەر، چوقۇم ئىسمىنى ئۆزگەرتىش، ئاندىن شىركەتكە مەلۇم قىلىش كېرەك. كەسپىي ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ پايدىسى كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئىسىم-فامىلىسىنى ئىشلەتكەندە، كەلگۈسىدە ناۋادا ئاجرىشىدىغان ئىش بولسىمۇ سىرتقا جاكارلاشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ».

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70–يىللىرىدا، ياپونىيەدە بىر قىسىم ئاياللار ئۆز نىكاھىنى تىزىملاتماسلىق ئارقىلىق بۇ تۈزۈمگە قارشى تۇرغان. 69 ياشلىق بىر ياپونىيەلىك ئايال مۇنداق دېگەن: «مەن 1973–يىل يەنى 23 ياش ۋاقتىمدا ياتلىق بولدۇم، مەن كۆپچىلىككە ئۆز فامىلەمنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى دېگەن ۋاقتىمدا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماڭا نەسىھەت قىلىشتى، ھەتتا لايىقىممۇ بۇنداق قىلىشىمغا قارشى تۇردى. ئۇ مەندىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئۆينىڭ چوڭ ئوغلى ئىكەن، ناۋادا ئايالى باشقا فامىلە قوللانسا، ئۇ يۇرتداشلىرىغا ئاتا ئانىسىغا جاۋاب بېرەلمەي قالىدىكەن. ئادەتتىكى تۇرمۇشتا، مەن ئۆز فامىلەمنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم، بىراق بەزىدە ناھايىتى تەڭلىكتە قالغان چاغلىرىممۇ بولدى، مەسىلەن ئىسىم كارتىسى ئەۋەتكەندە، باشقىلار دائىم مېنى ئاجرىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ قالىدىكەن».

  ياپونىيە ئاياللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ياپونىيە ئەرلىرى ئەر ئاياللارنىڭ ئوخشاش فامىلە ئىشلىتىشىگە قارىتا بەك كۆپ قارشى پىكىردە بولمىغان. بولۇپمۇ 50 ياشتىن ئاشقان ياپونىيەلىك ئەرلەر مۇنداق دەپ قارىغان: «بۇ ياپونىيەنىڭ ئەنئەنىسى، پەقەت ئوخشاش بىرلا فامىلىنى ساقلاپ قالغاندا، ئاندىن ئائىلىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ناۋادا ئەر خوتۇنلارنىڭ ئوخشاش فامىلە ئىشلىتىش تۈزۈمى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدىغان بولسا، 100 يىلدىن كېيىن ياپونىيەدىكى ئائىلىۋى تۈزۈمدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن». 

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىۋىلىغان بۇلۇپ تور بىكىتمىز بىلەن نەشىرى ھۇقۇقى جەھەتتە ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ،ئەگەر نەشىرى ھۇقۇقىمىزغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ بىز 24سائەت ئىچىدە سىز دىگەن مەزمۇنلارنى ئۈچۈرۈپ بىرىمىز.

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000 :توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2