ئوغرىلار ئوغرىلىغان پۇللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەنلىكتىن ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالدى-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...
ئورنىڭىز : باش بەتخەۋەر > جەمئىيەت >

ئوغرىلار ئوغرىلىغان پۇللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەنلىكتىن ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قالدى

مەنبە : nur.cn       ئاۋاتلىقى 1976   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 09-09-2015

خەۋەر كۈرۈش ئۈستى 660-90 ئوڭ

 

    يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرى جيۇلوڭپو رايونى جوڭلياڭشەن ساقچىخانىسى ئىككى ئوغرىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ، بۇ كىچىك ئوغرىلار ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىققا كېيىن، ئوغرىلاپ كەلگەن نەق پۇل بىلەن «كەمبەغەل»، «گاداي» دېگەن خەن شەكلىللىرىنى چىقارغان، ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ رەسىملەر ئەڭ ئاخىرىدا ساقچىلارنىڭ دېلو پاش قىلىشىدىكى مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئايلانغان.

    ساقچىلار كىچىك ئوغرى دېڭ XX نىڭ يېنىدىكى تېلفۇندىن يۈز يۈەن پۇل بىلەن «كەمبەغەل»، «گاداي» دېگەن خەت شەكلىنى چىقىرىپ رەسىمگە چۈشكەن بىر ئەرنىڭ رەسىمىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار سوراق قىلىش ئارقىلىق، رەسىمدىكى ئەرنىڭ دېڭ XX نىڭ يۇرتدىشى تاڭ XX ئىكەنلىكىنى، بۇ پۇللارنىڭ ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىم ئوغرىلىق قىلغاندا قولغا چۈشۈرگەن 5100 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. بىرىنچى قېتىمدىلا بۇنچە كۆپ پۇلنى ئوغرىلىغان بۇ ئىككەيلەن خۇشاللىقىدىن مېھمانخانىدا يېتىپ بۇ يۈز يۈزەنلىك پۇللارنى پۇخادىن چىققۇچە «ئوينىۋالغان». ساقچىلار  رەسىمدىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن گۇاڭدۇڭدىكى تاڭ XX نى قولغا ئالغان.

    8-سېنتەبىر، جوڭلياڭشەن ساقچىخانىسىدىكى چېن ساقچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار بۇ رايوندا كۆپ قېتىم دېلو سادىر قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىككەيلەننى كۆزىتىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغانىكەن، نۆۋەتتە ئوغرىلىق قىلىۋاتقان كىچىك ئوغرى دېڭ XX ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىدا قولغا ئېلىنغان. چېن ساقچىنىڭ دېيىشىچە، شۇ ۋاقىتتا دېڭ XX مەلۇم ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە ئوغرىلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆي ئىگىسى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، دېڭ XX ئۆرۈلۈپلا دېرىزىدىن قېچىپ كېتىپ، بىنا سىرتىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان. چېن ساقچى تاڭ XX ئالدىغا يېيىپ قويۇپ چۈشكەن رەسىمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «دېڭ XX تۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىدىن يېڭىلا ئوغرىلانغان بىر قول سائەت، كۇلۇچ، يەنە بىر كىچىك قول چىرىقىنى ئاختۇرۇپ تېپىۋالدۇق.» رەسىمدە ساقچى ئەمەلدارى تاڭ XX نىڭ تېلفۇندىكى رەسىمىنى كۆرسەتمەكتە.

    چېن ساقچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دېڭ ۋە تاڭ فامىلىلىك ئىككىلىسى چۇڭچىڭ شەھىرى روڭچاڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئاتا-ئانىلىرى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن، ئۆيىدە زىددىيەت بولغاچقا، تاڭ 1000 يۈەن پۇل بىلەن دېڭ XX نى ئېلىپ چۇڭچىڭغا قايتىپ كەلگەن، ئەسلىدە خىزمەت تېپىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قولىدىكى 1000 يۈەنمۇ خەجلىنىپ كەتكەچكە مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە يامان نىيەت پەيدا بولغان. دېڭ XX بىلەن تاڭ XX بىرىنچى قېتىمدىلا 5100 يۈەن پۇلنى ئوغرىلىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ دەسمايە بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ پۇللار بىلەن «خاتىرە» قالدۇرماقچى بولغان. رەسىمدە تاڭ XX  نەق مەيداننى كۆرسەتمەكتە.

    ئىگىلىنىشىچە، دېڭ XX بىلەن تاڭ XX كۆپ قېتىم دېلو سادىر قىلغانلىقتىن، ئوغرىلىغان نەرسىلىرىنىڭ قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. نۆۋەتتە بۇ دېلو تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ، ئەمما تاڭ XX بىلەن دېڭ XX چوقۇم قانۇنىي جازاغاتارتىلىدىكەن. رەسىمدە دېڭ XX نەق مەيداننى كۆرسەتمەكتە.

خەلقىم تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.Halkim.Cn
خەلقىم ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇڭ

Copyright @2016-2017 Halkim.cn All Rights Reserved

نەشىر ھوقۇقى : تور بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى خەلقىم تور تېخنىكا تور مۇلازىمەت لايىھە گۇرپىسىغا مەنسۈپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان كۆپ ساندىكى فىلىم ، ناخشا قاتارلىق مەزمۇنلار توردىن يېغىۋىلىنغان بولۇپ ، ئەگەر قانۇنلۇق

ھوقۇق - مەنپەتىڭىزگە دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، 24 سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆

توربىكەت مەسئۇلى : جۈرئەتجان، ئېلان ئالاقە نۇمۇرى : E-Mail:858124823@qq.com QQ:858124823 TEL:18197718000

تور بىكىتمىزنىڭ توردا ئۇچۇر تارقىتىش ئىجازەت نۇمۇرى :新ICP备15001465号-2 . 新ICP备15001833号-2