گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 12 نەپەر ئادەم قازا قىلدى
11- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ خېنەن يېڭى ناھىيىە يول بۆلىكىدە زور قاتناش ھادىسىسى يۈ بېرىپ، 12 ئادەمنىڭ قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. جېڭجۇدىن نەنچاڭغا ماڭغان بىر چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى گۇاڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ خېنەن يېڭى ناھىيىە يول بۆلىكىدە مېڭىۋاتقاندە، ئالدى تەرەپتە ھاراق تۇشۇيدىغان بىر ماشنا ماڭغان بولۇپ، ئۇ ماشنىدىكى ھاراق يولغا تۆكۈپ ماڭغان، شۇنىڭ بىلەن يول يۈزى ناھايتى تېيىلغاق بولۇپ كېتىپ، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى تۇيۇقسىز يانغا تېيلىپ كېتىپ، بىر يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كەتكەن. چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى ۋە ھاراق تۇشۇش ماشىنىسنىڭ شوپۇرىنى ساقچىلار قۇلغا ئالدى.سۈرەتتە: ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدان.
ۋەقەدە 9 ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، 22 نەپەر يارىلانغۇچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 3 كىشى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
سۈرەتتە: تورداشلار ئېلان قىلغان، دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى