جىڭخۇا ۋاقىتلىق گېزىتى خەۋىرى، كاۋاپ ساتىدىغان سۇن ئۆي ئىجارىسى تاپشۇرىدىغانغا پۇلى يوق مۇچ كېپىكىنى باشقىلارنىڭ چىرايىغا چېچىپ ئوغرىلىق قىلدى. يېقىندا خەيديەن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايەت گۇماندارى سۇن نى قولغا ئالدى.
بۇ يىل 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچتە، سۇن مۇچ كېپىكى قاچىلانغان خالتىنى ئېلىپ خەيديەن رايونىدىكى مەلۇم بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ئەتراپىغا كېلىپ «ئولجا» ئىزدىدى. ھەميانىنى قولىغا كۆتۈرىۋالغان جاڭ خانىم ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن سۇن يالغاندىن دىققەت قىلمىغان قىياپەتتە مۇچ كېپىكىنى جاڭ خانىمنىڭ يۈزىگە چاچتى ھەمدە يەرگە يىقىتىپ ھەميانىنى ئېلىپلا قاچتى. جاڭ ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار ۋەقە يۈزبەرگەن نەق مەيداندىكى تېلېكامىراغا تارتىلغان كۆرۈنۈش قاتارلىق يىپ ئۇچى بىلەن سۇن نى بايقاپ قولغا ئالدى. سۇن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.
سۇننىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئىلگىرى يايما ئېچىپ كاۋاپ ساتىدىغان ئۇششاق تىجارەتچى بولۇپ، ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرىدىغانغا پۇلى يوق ئامالسىز كىشىلەرنى بۇلاشتەك خىيال كاللىسىغا كەلگەنىكەن.