2015-يىلى 10-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى خەۋەر، خېنەن جېڭجۇ. كەچ سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىر جىنشۇي يولى ۋە فاڭيى يولى ئېغىزىنىڭ غەربىگە كېلىپ، يولنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى كۆۋرۈك ئاستىغا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوبۇسنى كۆردى. ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئەينەك پۈتۈنلەي چېقىلغان، ماشىنىنىڭ سول تەرىپى ۋە ئۈستۈنكى تەرىپىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى قاتتىق سوقۇلۇشنىڭ تەسىرىدە يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، سۇنۇق پارچىلىرى يەرگە چېچىلىپ كەتكەنىدى.