2015-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۇيياڭ شەھىرى يۈنيەن رايونى چيەنلىڭ بازىرى شياۋگۇەن كەنتىدىكى 60 ياشلىق دېھقان ۋاڭ يۇۋلەننىڭ ئۆيىدە خۇشاللىق بولدى. 27 يىل بۇرۇن سېتىۋېتىلگەن قىزى جاڭگولى گۇيجۇ شەھەرلىك «مەركىزىي شەھەر گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆيىگە قايتتى.
ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن جاڭگولى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ دادىسىنىڭ سۈرىتى ئالدىدا يۈكىنىپ ئولتۇردى.
جاڭ گولى 17 ياش ۋاقتىدا ئادەم بېدىكى تەرىپىدىن خېنەن ئۆلكىسىنڭ شاڭچيۇ شەھىرىگە سېتىۋېتىلىپ، ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ ئىككى ئوغۇل تۇغقان. ئوغۇللىرىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ جاڭ گولىنىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەچكە خاتىرىسى سۇسلىشىپ كەتكەن. ئۇ پەقەت ئاتا-ئانىسى، سىڭلىسى ۋە ئۇكىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىدىغان بولۇپ ، ئۆيىنىڭ ئادرېسىنى « گۇيياڭ شەھىرى شياۋگۇەن كەنتى» دەپ تۇتىۋالغان. نەچچە يىل بۇرۇن ئوغۇللىرى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ توردا «تۇغقان ئىزدەش ئېلانى» چىقارغان بولسىمۇ ئىزچىل خەۋىرى بولمىغان. تۇغقانلىرىنى تاپالمىغان جاڭ گولى تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن.
10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىككى ئوغلى رۇخسەت سوراپ 44 ياشلىق ئاپىسىنى ئېلىپ گۇيياڭ شەھىرىگە كەلدى. ئۇنىڭ ئېسىدە قالغىنى بويىچە چيەنلىڭ تېغىنىڭ كەينىدىكى شياۋگۇەن كەنتىگە باردى. ئەمما 27 يىل ئۆتۈپ كەتكەچكە ئۇنىڭ خاتىرىسىدىكى پاكار تاشلىق ئۆيلەر ئېگىز بىنالارغا ۋە ھەيۋەتلىك يوللارغا ئۆزگىرەپ كەتكەنىدى. ئانا بالا ئۈچەيلەن ئۈچ كۈن سۈرۈشتە قىلىپ ئازراقمۇ ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىدى.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۇيجۇ «مەركىزىي شەھەر» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چاڭ گولى ئۇرغان ياردەم سوراش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خاتىرىسىدىكى ئۇچۇرلار بويىچە ئۆيمۇ ئۆي سۈرۈشتە قىلىپ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆيىنى تاپتى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى ئامراق دادىسى قازا قىلىپ كەتكەنىدى. ئاپىسىنىڭ دېيىشىچە دادىسى ھايات چېغىدا دائىم قىزىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىكەنتۇق.
سىڭىللىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كۆرۈشتى
بىر قوشنىسى جاڭگولىنى يىراقتىنلا تونۇپ قېلىپ ئەركىلەتمە ئىسمىنى چاقىردى.