باش بەت > تىل > تۈرك تىل گۇرۇپىسىدىكى تىل تۈرلىرى
15فېۋرال

تۈرك تىل گۇرۇپىسىدىكى تىل تۈرلىرى

تۈرك تىل گۇرۇپىسىدىكى تىل تۈرلىرى

 

جىمسارى

 

بايان ئەۋۋەل

2016-يىل 11-جۇد (2-ئاي 11-كۈنى)، ۋېبتور «باغداش»تا، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەۋەلىكى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، تۈرك تىل گۇرۇپىسىدا 5 خىل تىل تارماقى بارلىقى كۆرسەتىلگەن. ئەمدى مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەنبەلەرگە ئاساسەن شەكىللەنگەن چۈشەنچەلىرىم بۇيىچە ئەنە شۇ 5 خىل تىل تارماقىدىكى تىل تۈرلىرى كۆرسەتىلدى.

 

  • 1-ئۇيغۇر تىل تارماقىدىكى تىل تۈرلىرى

تۈرك تىل گۇرۇپىسىدىكى ئۇيغۇر تىل تارماقى، يەنە قارلۇق تىلى تارماقى، چاغاتاي تىلى تارماقى دەپمۇ ئاتالغان. ئۇيغۇر تىل تارماقىدا، ئۇيغۇر تىلى، ئۆزبەك تىلى، سېرغۇر (سېرىق ئۇيغۇر) تىلى، ساخار تىلىدىن ئىبارەت 4 تىل تۈرى بار ئىكەن.

 

  • 2-تۈركەش تىل تارماقىدىكى تىل تۈرلىرى

تۈرك تىل گۇرۇپىسىدىكى تۈركەش تىل تارماقى، يەنە ئوغۇز تىلى تارماقى دەپمۇ ئاتالغان. تۈركەش تىل تارماقىدا، تۈركەش تىلى، ئەزەربەيجان تىلى، تۈركمەن تىلى، گاگائۇز تىلى، سالار تىلى، تاتار (قىرىم تاتارلىرى تىلى)، قاشقىر تىلى قاتارلىق 7 تىل تۈرى بار ئىكەن.

 

  • 3-قىرغىز تىل تارماقىدىكى تىل تۈرلىرى

تۈرك تىل گۇرۇپىسىدىكى قىرغىز تىل تارماقى، يەنە قىپچاق تىلى تارماقى دەپمۇ ئاتالغان. قىرغىز تىل تارماقىدا، قىرغىز تىلى، قازاق تىلى، قاراقالپاق تىلى، نوغاي تىلى، باشقىرت تىلى، تاتار تىلى، قاراچاي تىلى، قارايىم تىلى، بالقار تىلى قاتارلىق 9-10 چە تىل تۈرى بار ئىكەن.

 

  • 4-تۇۋا تىل تارماقىدىكى تىل تۈرلىرى

تۈرك تىل گۇرۇپىسىدىكى تۇۋا تىل تارماقى، يەنە ئالتاي تىلى تارماقى دەپمۇ ئاتالغان. تۇۋا تىل تارماقىدا، تۇۋا تىلى، خاكاس تىلى، چۈۋاش تىلى قاتارلىق 3 تىل تۈرى بار ئىكەن.

 

  • 5-ياقۇت تىل تارماقىدىكى تىل تۈرلىرى

تۈرك تىل گۇرۇپىسىدىكى ياقۇت تىل تارماقى، يەنە ئالتاي تىلى تارماقى ياكى سىبىرىيە تىل تارماقى دەپمۇ ئاتالغان. ياقۇت تىل تارماقىدا، ياقۇت تىلىدىن باشقا 7-8 دەك تىل تۈرى بار ئىكەن. ياقۇت تىل تۇرىدىن باشقا تىللارنىڭ نامىنى ھازىرچە بىلمەدىم.

 

بايان ئاخىر

تۈرك مىللىتىنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ تارىخى جەريانىدا، تىللارمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. گەرچە بۇ تىللارنىڭ ئاساسى ئوخشاش بولسىمۇ، تىلشۇناسلار، تارىخچىلار، تەتقىقات جەريانىدا خىلمۇ خىل كۆر قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن، بىر تۈرك مىللەت، 20-30 خىل تۈركى مىللەتكە ئايرىلغان. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، بىر تۈرۈك تىلمۇ، 20-30 خىلدەك تۈركى تىل تۈرىگە ئايرىلغان. مەيلى قانداق بولسۇن، مىنىڭ چۈشەنچەمدىكى ئاخىرقى خۇلاسە شۇكى، دۇنيادىكى 7 خىل تىل تۈركۈمىنىڭ ئىچىدىكى ئالتاي تىل تۈركۈمىدە، تۈرك تىل گۇرۇپپىسى، مۇڭغۇل تىل  گۇرۇپپىسى ۋە تۇڭگۇس تىل گۇرۇپىسىدىن ئىبارەت 3 تىل گۇرۇپىسى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۈرك تىل گۇرۇپىسىدا، 5 خىل تىل تارماقى بار. بۇ 5 خىل تىل تارماقىدا، 30 ئۆپچۆرىسىدە تۈرك تىل تۈرى بار ئىكەن. ئەمما، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى  ساخار تىلى، قاشقىر تىلى، بالقار تىلى دىگەندەك كۆپ خىل تىل تۈرلىرىنىڭ ھازىر مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكى ماڭا نامەلۇم.

ئەسەردە خاتا بولغان يەرلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇرادەرلەرنىڭ تۈزۈتۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 65 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=6854
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز