‘تىل’ 分类下的所有文章
2014فېۋرال20

ئاشىقتاشلار ۋە ئاشىقلار

ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن تارتىپ مىنىرال تاشلاردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىسىل تاشلارنى زىننەت بۇيۇمى قىلىدىغان ئادەت بار. شۇڭا، بۇلارغا ھەر خىل ئىسىملارنى قويۇپ پەرقلەندۈرگەن. مەسىلەن: ئالماس، ياقۇت، ھېقىق دىگەندەك. ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىغاندا، ئۇيغۇرچە قانداق ئاتالغانلىقىنى مەن ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن تېخى ئۇچراتمىدىم. مىنىڭچە، بۇلارغا بىر نام كېرەك. شۇڭا، بارلىق ئېسىل تاشلارنىڭ تەبىئىي مىنىرال ھالەتتىكىسىگە ئاشىقتاشلار، ئۇلاردىن نەپىس پىششىقلاپ چىققان تاش مەھسۇلاتىغا، ئاشىقلار دىگەن نامنى قويدۇم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئۆز چۈشەنچەلىرىمنى، تۈرلەرىنى ۋە مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئاتالغۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

2014فېۋرال19

قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، ئۆيىمىزدە ئالتۇن چۇكا (زىقچە ئالتۇن)، ئالتۇنخش (چوڭ سەرەڭگە قېپىدەك خىش ئالتۇن)، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەيزۈك، چاشتەنگە دىگەندەك نەرسىلەر بولاتتى. بۇلارنى دادام، ئانام، ئاتام ، ئاپاملار، ئالتۇن-كۈمۈش جابدۇشلار دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇم بىلەيزۇك، قۇرۇم ئۈزۈك، قۇرۇم غاڭزا، قۇرۇم تۇمار، ھېقىق تەفسىي، ياقۇت ھالقا دەپ ئاتايدىغان تاش زىننەت بۇيۇملىرى بار ئىدى. بۇلارنى، ئاشىق جابدۇشلار دەپ ئاتايتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆيىمىزدە 1965- يىلغىچە بارلىقىنى بىلىمەن، ئۇنىڭدىن كىيىن كۆرۈپ باقمىدىم. ئەلۋەتتە، 1974-يىلغىچە بۇلارنى كۆرۈپ قويۇش ھەم ئۇلارنىڭ نامىنى ئاڭلاپ قويۇشتىن باشقا، مىنىڭدە بۇلار توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە يوق ئىدى. مۇشۇ يېقىنقى 5-6 يىل مابەينىدە، مەن كۆرۈپ، ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئالتۇن جابدۇشلار، ئاشىق جابدۇشلارنىڭ باھاسى تېز ئۆرلەپ كەتتى. ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان ئاتام-ئاپام ئىسىمگە كەلگەندە، بەزىدە مەن ئۆيدە ئوينايدىغان بۇ جابدۇشلارمۇ يادىمغا كىلىپ قالىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بېرى، مەن كىچىكىمدە ئاڭلايدىغان قۇرۇم بىلەيزۈك، قۇرۇم تۇمار، ئاشىق جابدۇش دىگەندەك ئىسىملار توغرىسىدا ئويلاپ قالدىم، ئىزدىنىپمۇ باقتىم. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇلار توغرىسىدىكى چۈشەنچەلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.

2014فېۋرال18

ئاكىيىك رۇق ۋە ئۇنىڭ زاتلىرى

ئاكىيىك رۇق (花鹿属 Axis)، كىيىكئىلەدىكى (鹿科,Cervidae) 16رۇقنىڭ بىرىنىڭ نامى. دۆلىتىمىزدە، ئاكىيىك رۇقنىڭ «ئاكىيىك پورسىنى» دىگەن بىرلا زاتى بار ئىكەن. ئاكىيىك پورسىنى، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ 1-دەرىجىدە قوغدايدىغان ھايۋانزاتى . ئاكىيىك رۇقدىكى 4 زاتنىڭ رەسىمى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

2014فېۋرال15

يەتتە ئەۋلاد ناملىرى

مەن كىچىك چاغلىرىمدا ياشانغان ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز كۆپ ئىدى. ئۇلار بىرى-بىرىنى چەۋەم، چەنەم، بالكام، مالكام، دادام، ئانام، ئاتام، ئاپام دىگەندەك ناملاردا ئاتىشاتتى. كىچىكلەرنى بولسا، نەۋرەم، چەۋرەم بەزىلىرىنى كەۋرەم دىگەندەك ناملاردا ئاتىشاتتى. دىمەك، بىزدە يەتتە ئەۋلادنىڭ ناملىرى بار. ئەمما، بىز يەتتە ئەۋلاد نامىنى ھەر قايسى يۇرتلاردا ھەر خىل ئاتاپ كەلگەندەك قىلىمىز. بەزى ناملار ئوخشاش، بەزى ناملار پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاتا، ئاپا دىگەن نامنى، بەزى يەرلەردە دادا، ئانا دەپ ئاتايدۇ. دادا، ئانا دىگەن نامنى بەزىلەر چوڭ دادا، چوڭ ئانا دەپ ئاتايدۇ. بەزىلەر بوۋا، موما دەپ ئاتىسا، بەزىلەر چوڭ بوۋا، چوڭ موما دەپ ئاتايدىكەن. چەۋەم، چەنەم دىگەن ناملارنى بەزىلەر، ئۇلۇق بوۋام، ئولۇق مومام دەپ ئاتايدىكەن. كەۋرەنى بەزىلەر كۆك نەۋرە ياكى كۆكۈن نەۋرە دەپ ئاتايدىكەن. ئومۇمەن ئالغاندا، يەتتە ئەۋلاتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى ھەر خىل ئىكەن. مەن تا ھازىرغىچە بىرلىككە كىلىنگەن ئىخچام ناملىرىنى ئۇچراتمىدىم ياكى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باقىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئائىلىمىزنى مىسال قىلىپ، يەتتە ئەۋلاتنى رەتى بويىچە تىزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى ئاتاپ تۈزۈپ چىقتىم.

2014فېۋرال13

توقاي، جاڭگال ۋە قاراچىمتان

توقاي، جاڭگال ۋە قاراچىمتان دىگەن 3 ئىسىم سۆز بىزدە كۆپ قوللۇنىلىدىغان سۆزلەردىن بولىدۇ. ئەمما، بۇ سۆزلەرگە بولغان چۈشەنچە تەبىرلەر ھەر خىل بولۇپ، ئېنىقىنى ئايرىۋالماق تەس. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بۇ 3 ئىسىم سۆزنىڭ تەبىرىنى شېئىرى شەكىلدە ئىخچام بايان قىلدىم.

2014فېۋرال9

ئېيىق ۋە ئۇنىڭ زاتلىرى

1982-يىلى 7-ئايدا، تىكەس، باي ۋە خېجىڭ 3 ناھىيە تاغلىرى بىرلەشكەن تىكىلىك تاغقاشلىرىدىكى ئوتلاقلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىز ئىككى قىتىم ئېيىقنى ئۇچىراتتۇق. بىرىنچى قىتىم، خورخات دەپ ئاتىلىدىغان تاغ داراسىدا بولۇپ، بىر چوڭ ئېيىق بلەن ئىككى ئېيىقاننى (كىچىك بالىسى) ئۇچراتتۇق. چوڭ ئېيىق ئىككى ئېيىقاننى نۆۋەت بىلەن سۇ يىغىلغان كىچىك كۆلچەككە چىشلەپ پاتتۇرۇپ، ئۇلارنى مەشىقلەندۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئىككىنچى قىتىم، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ باشىدا ئارشات باشتاغىدا بىر چوڭ ئېيىقنى ئۇچىراتتۇق. بۇ ئېيىق بىزنى تېزلا بايقاپ قالدىدە، يامزال يوقۇرىغا قاراپ يۈگرەپ، قارلىق جىيەكتە كۆزىمىزدىن غايىپ بولدى. شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئېيىق توغرىسىدا ئىزدىنىدىغان بولدۇم. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئېيىق توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم.

2014فېۋرال7

11 ئىسىم سۆزنىڭ تەبىرى

ئۇيغۇرلار، كۆپلىگەن قەدىمى مىللەتلەرگە ئوخشاش، سازنامە مەرىپەت ھەم سازنامە مەدەنىيەتكە باي بىر مىللەت. «ئۇيغۇر 12 مۇقام» نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا رۇيخەتكە ئالىنغانلىقى بۇنى دەلىللەپ بېرىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بىزنىڭ سازنامەگە ئائىت ئاتالغۇلىرىمىزدا ئەڭ كۆپ قوللۇنىۋاتقان ئىسىم سۆز، مۇزىكا، مۇزىكانت، ساز، سازچى، چالغۇ، چالغۇچى دىگەن 6 سۆزدىن ئاشمايدۇ. دىمەك، بىزدە، سازنامەگە ئائىت ئىسىملار توغرىسىدا سەل قارالغان ياكى ئىزدەنمىگەنلىكتىن، تىلدا ئىپادىلەپ بېرىشتا ئېغىر ئاجىزلىق مەۋجۇد. مىنىڭ گەرچە سازنامەدىن ھەم تىلنامەدىن خەۋەرىم بولماسىمۇ، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن «ساز» دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 11 سۆزنى ياساپ چىقتىم ھەم ئۇنىڭ تەبىرىنى ئىزاھلىدىم.

2014فېۋرال7

ئاناكا غەرىبى

بازارلاردا بۆرەك شەكلىگە ئوخشاپ قالىدىغان، سارغىل ياكى ئاقشۇل (سۈترەڭ) مېغىزدىن ئىبارەت بىر خىل قۇرۇق مىۋە سېتىلىدۇ. بۇنى بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز، «مۇقاتىل» دىسە، بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز «يوگو»، يەنە بەزىلەر «ئاق مېغىز» دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىشىدىكەن. مەن بۇ ئىسىملارنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قاراپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىلمىي نامىنى «ئاناكا غەرىبى» دەپ قويدۇم. ئادەتتە ئاتىغاندا، ئاناكا ياكى ئان غەرىبى دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. مۇلاھىزە قىلىپ باقارسىزلەر.

2014فېۋرال5

پىستەرۇق زاتلىرى

پىستە بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان داڭلىق قۇرۇق مىۋىلەرنىڭ بىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، پىستە ئۆستۈرۈشتە جۇڭگو بۇيىچە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن رايون. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، پىستەنىڭ شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلۈپ كەلگىنىگە ئاز كام 1500 يىلچە بولۇپتۇ. شۇڭا، شىنجاڭدىكى باغۋەن-دىخانلىرىمىزنىڭ ئۇنى تېرىش، پەرۋىش قىلىش، پىششىقلاش جەھەتلەردە، تىۋىپلىرىمىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىبنامەدە قوللۇنۇش جەھەتلەردە مول تەجىربىلەرگە ئىگە. شۇنداق بولسىمۇ، پىستەنىڭ گىيانامە تەۋەلىكى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمىز كۆپ ئەمەس. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەزگۇر ئەسەردە، پىستەنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، ئۇلارنىڭ نامى، پىستەرۇقنىڭ دۇنيادىكى زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى كۆرسۈتىلدى.

2014فېۋرال2

تىلىيارۇق زاتلىرى

مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بىر قىسىم تىلىيا رۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ لاتىنچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ناملىرى كۆرسۈتۈلدى.