‘تىل’ 分类下的所有文章
2014فېۋرال1

تىلىيا مانجۇر يۇمۇلاقى

«تىلىيا مانجۇر يۇمۇلاقى» دىگەن سۆز، مەلۇم بىر گىيا قايزاتىنىڭ (变种) ئۇيغۇرچە ئىسىمى. بۇنىڭ لاتىنچە نامى: « Tilia mandshurica var. ovalis»، خەنزۇچە نامى: «卵果辽椴 (变种)» دەپ ئاتىلىدۇ.

2014يانۋار29

تاغۆچلەر

«تاغۆچ» دىگەن سۆز، ياۋائىي ھالەتتە ياشاۋاتقان ئۆچكە تىپىدىكى ھايۋان زاتلىرىنىڭ ئومۇمى نامى. بۇ نام، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «تاغ تىكىسى»، «تاغ ئۆچكىسى»، «تورۇق تىكە»، «قىزىل كىيىك»، «ياۋا ئۆچكە» دىگەندەك ھەر خىل ناملاردا ئاتالغان. بۇ ناملارنىڭ توغراسىنى بىكىتىش، ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نۆۋەتتە بىزدىكى مەرىپەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى. بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، «تاغۆچ» توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم.

2014يانۋار28

لامىم سۆسۈنى

لەۋىيائىلەنىڭ لامىم رۇقدىكى Lamium purpureum L. دەپ ئاتالغان گىيا زاتىنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى «لامىم سۆسۈنى» دەپ قويدۇم. بۇ گىيا شىنجاڭدا بارمۇ يوق؟ مەن كۆرگەن مەنبەلەردە، شىنجاڭدا ھەتتا جۇڭگو تەۋەسىدە لامىم سۆسۈنى بارلىقى خاتىرلەنمىگەن.

2014يانۋار17

جۇڭغار غەربى تاغلاش ۋە ئۇنىڭدىكى تاغداشلار، تاغقاشلار

جۇڭغار ئويپاتىنىڭ غەربى قىسمىدا كۆپلىگەن تاغلار شەكىللەنگەن. جۇغراپىيەدە، بۇ تاغلار ئومۇملاشتۇرۇپ ، جۇڭغار غەربى تاغلاش دەپ ئاتىلىدۇ (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە جۇڭغار غەربى تاغلىرى دەپمۇ ئاتالغان). جۇڭغار غەربى تاغلاش دىگەن نىمە؟ ئۇ قايسى تاغداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ھەر قايسى تاغداشلار، قانداق تاغقاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ئۇلارنىڭ نامى نىمە دەپ ئاتىلىدۇ؟ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، بۇلارغا قىزىقىدۇ، بىلگىسى كىلىدۇ. مەن 1981-يىلىدىن، 1984-يىلىغىچە ئىلگىر كىيىن بولۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تاغلارنى قىدىرىپ كۆردۈم. دىمەك، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، كۆرگەن-بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن، جۇڭغار غەربى تاغلاشدىكى تاغداشلارنى، تاغقاشلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرىنى قىسقىچە بايان قىلدىم.

2014يانۋار4

قىش (1-ئاي، يانۋار)

ئايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى قانداق ئاتاش ھەققىدە بىزدە ئىزدىنىشلەر بولدى. چوڭ جەھەتتىن بىرلىككە كىلىندى. قىسمەن ئايلار نامىدا بەزى ئوخشىماسلىقلار بار. قىش ناملىق بۇ ئەسەر، 1-ئاي ياكى يانۋارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئاينىڭ (قىش ئاينىڭ) گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى، شېئىرى شەكىلدە ئاپتور چۈشەنچىسىدە بايان قىلىندى.

2013دېكابىر27

باياۋان (شېئىرى تەسۋىر)

مەزگۇر ئەسەردە، باياۋان دىگەن قانداق يەر؟ ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى نىمە؟ دىگەندەك مەسىلىلەر، شېئىرى شەكىلدە تەسۋىرلەندى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاكادېمىيە تورىدا يەنە ماقالە شەكلىدە يازىلغان باياۋان ناملىق ئەسەرمۇ بار، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا، ئۇنىمۇ كۆرۈپ قويارسىز.

2013دېكابىر22

تاغلارغا ئائىت ئاتالغۇلار تەبىرى

Uygurlar, baxca tvrky milletlerge ohxax, yaxax tarihi jeryanida, ziminnamede ceyt cilingan herhil yer bwlekleride yaxigan, xularnin’ iqide, taglar bilenmu kwp hepilexken. Xun’a, uygur tilimizda, taglarga munasivetlik bolgan atalgular az emes. Emma, yazic eserlirimizdiki emeli colluniximizda, bu taglarga ait uygurqe isimlar, terjimeni asas cilip atilivatidu. Nexir cilingan lugetlirimizde, isimlar herhil collunilvatidu, Isimlar, isimdek bolmay, uzirap izahlic jvmlege aylinip calgili turdi. Muxu ehvallarni kwzde tutup, buraderler bilen birdeklik hasil cilix vqvn, mezgur eserde, taglarga ait 27 dane atalgunin’ uygurqe atilixi ve unin’ tebirini wzemqe izahlap bactim.

2013يانۋار12

ئۇيلات ئېلىپبەگە ئىزاھات

“Uylat” elipbege izahat