[ ئىنكاس ] «بىردەم تۈركىيەنىڭ غەيۋىتىنى قىلىمىز» دېگەن تېمىغا يازغان ئىنكاسىم

orada-uzakta-bir-cami_副本

تۈركىيەگە كەلگەندىن بېرى بلوگىمدا تۈركىيەدىكى ھايات ياكى ئويلىغانلىرىم ھەققىدە مەلۇمات بېرىشقا قادىر بولالمىدىم، ئەلۋەتتە، يېڭى كەلگەچكە قالايمىقان يېزىپ قويۇشتىن ئەنسىرگەنلىكىم ئۈچۈن يازمىغانلىقىممۇ بار. بۇدا تەدبىركارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن تورخۇمارنىڭ كارىدورىدا يېزىلغان «كىلىڭلا باللا بىردەم تۈركىيەنىڭ غەيۋىتىنى قىلىمىز» ناملىق تېمىغا غا بىر ئىنكاس يازغان ئىدىم، بۈگۈن «تۈركىيە تەسىراتلىرى» دەپ تاپشۇرۇق بەرگەن تورداشلىرىمغا جاۋاب ئورنىدا ئىنكاسىمنى بۇ يەرگىمۇ ئەكەلدىم…

2,909 گىرادۇس 10

[ WordPress قىستۇرمىسى ] بلوگنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا باغلاش قىستۇرمىسى – weixin-robot

WordPress_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئالدى بىلەن كېچىكىپ قالغان بولساممۇ سىلەرنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن: قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئۇزۇن بوپتىكەن WordPress ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغىلى، نەچچە كۈن ئاۋال بىر خەنزۇچە بلوگدا WordPressدە قۇرۇلغان بېكەتلەرنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا باغلىغىلى بولىدىغان قىستۇرمىنى ئۇچرىتىپ، بىر ئاز سىناق قىلغاندىن كېيىن ياراپ قالدى. بۈگۈن سىلەر بىلەن مەزكۇر قىستۇرما ھەققىدە بىرئاز بىلىملەرنى ئورتاقلىشىپ ئۆتەي…

4,419 گىرادۇس 29

[ فوتو ئەسەرلىرىم ] ئىستانبۇلنىڭ تۇيغۇلىرى

DSC_0326_副本_副本

ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئىستانبۇلغا كېلىپ قېلىشىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. گەرچە، ئىستانبۇلغا كېلىش ۋە ئىستانبۇلدا ياشاشنى ئارزۇ قىلغىلى سەككىز يىل بولۇپ قالاي دېگەن بولسىمۇ، ئىستانبۇل دېگەندە ماڭا گۈزەل بىر چۈش، تاتلىق بىر خىيال، چەكسىز بىر ئۈمىد بەخىش ئىتىلەتتى، نېھايەت، پىشانەم ئوڭمۇ ياكى تەلىيىم ياخشىمۇ مانا شۇ تاپتا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتىمەن، گەرچە ئىستانبۇلغا نىسبەتەن مەن بىر بىر ناتونۇش بولساممۇ، ئاپاراتىم ئارقىلىق ئىستانبۇلغا يېقىنلىشىشقا ۋە ئىستانبۇلنىڭ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە تېرىشتىم…

7,547 گىرادۇس 32

[ فوتو ئەسەرلىرىم ] ئىستانبۇلنىڭ ھېكايەسى

ruhumuzu-dinleme-zamani-uc-aylar_副本

بەلكىم بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، بىگىڭلار ئۇيغۇربەگنىڭ ئاجايىب بىر ھەۋىسى بار، ئۇ بولسىمۇ رەسىمگە چۈشۈش ۋە رەسىمگە تارتىش، ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ بۇ ھەۋىسىم تېخىمۇ كۈچىيىپ مېنى سەۋدا قىلدى، مۇساپىرچىلىق مۇھىتتا رەسىمگە تارتىش مېنىڭ دەرسدىن سىرتقى ئاساسلىق پائالىيىتىمگە ئايلاندى، گەرچە تارتقان نەرسىلىرىم كەسىپ ئىگىلىرى ئالدىدا ھېچنېمە بولمىسىمۇ تارتقان بىر قانچە رەسىملىرىمنى «ئىستانبۇلنىڭ ھېكايەسى» دەپ چوڭ بىر قالپاق كەيدۈرۈپ سىلەرگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتىمەن، يازمىغا كىرىشدىن بۇرۇن ئاياق، چالما كېسەك، پالاق تۇخۇملارنى ئېتىشقا تەييارلاپ تۇرغايسىزلەر…

4,416 گىرادۇس 35

[ WordPress ئۇسلۇبى ] ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سابىق ئۇسلۇبى – UB2

ub222_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئېسىڭلاردا بولغۇنۇدەك ۋە «ئۇيغۇربەگگە ئوغرى تەگدى، ھۇشيار بولۇڭلار ئەي بلوگداشلار…» بايان قىلىنغاندەك ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سابىق تور نامى(www.Uyghurbeg.net) بۇلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن باشلايمەن دەپ ئۇسلۇبنىمۇ يېڭىدىن ياسىغان ئىدۇق، كونا ئۇسلۇبىمىز «UB2»نى سورىغانلارنىڭ كۆپلۈكىگە باقماي ساقلاپ قۇيۇۋەرگەن ئىدۇق، ئالاھەزەل بۈگۈنگە كەلگەندە مەزكۇر ئۇسلۇبنى چەكلىك مىقداردا ھەقلىق سېتىشنى قارار قىلدۇق…

3,927 گىرادۇس 22

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە سەكسەن تۆت گۇرۇپپىسى – چېقىلما

住宿登记表.xlsx - 快捷方式_副本

ناخشىدىن باشقا ھېچنېمە تەرجىمە قىلالمىغانلىقىمدىن قاتتىق ئېچىنىپ مۇشۇ چۈشەندۈرۈشنى يېزىشقىمۇ ئېرىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن. نېمىلا بولسا سەكسەن تۆت گۇرۇپپىسىنى تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، تۆمەردىكى ئوقۇتقۇچىمىز دەرس ئارلىقىدا بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا ئەكەلگەن مەزكۇر ناخشىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تونۇدۇم، ئەمما مەزكۇر «چېقىلما» دېگەن ناخشىسىنىڭ سۆزى ۋە مىلودىيىسىنى ياخشى كۆرۈپ كېتىپ ھاياجىنىم تۇتۇپ كېتىپ تەرجىمە قىلىپ سالدىم، ۋاقتىڭلار يەتكەندە ئاڭلاپ قويارسىلەر…

2,144 گىرادۇس 4

«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدىكى خام-خىيالىم…

«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدىكى خام-خىيالىم…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، سەرگەردان ئوقۇش ھاياتىم باشلانغاندىن بىرى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش تىرىكچىلىكىدە بلوگىمنى يېڭىلاپ بولالمىدىم، شۇنداقتىمۇ بلوگنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشىمنى تاشلاپ قويغىنىم يوق. مۇشۇ ئويلىنىشلىرىم ئىچىدە مۇھىمراق ئورۇن تۇتقىنى «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» دېگەن خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى قۇرۇش خىيالى بولدى. قىزىقىدىغانلار كىرىپ مېنىڭ بۇ خام-خىيالىمنى ئاڭلاپ باققايسىزلەر…

4,575 گىرادۇس 35

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە ناخشىچىسى رافەت ئەل روماننىڭ يېڭى ناخشىسى – قەلبىمگە سۈرگۈن

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە ناخشىچىسى رافەت ئەل روماننىڭ يېڭى ناخشىسى - قەلبىمگە سۈرگۈنئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، مۇساپىر ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم باشلانغاندىن كېيىن تورغا كۆپ چىقىش پۇرسىتى بۇلالماي، مۇئەللىم بەرگەن مەشىقلەرنى ئىشلەپ، شېئىرلارنى يادلاپ، ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، كىنولىرىنى تەرجىمە قىلىپ يۈردۈم، سىلەرگە مۇشۇ يەردە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى بايان قىلىپ بېرەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ چوڭقۇرراق پىكىرگە ئىگە بولماي تۇرۇپ تاقا-تۇققا سۆزلەپ قېلىپ، چوڭلارنىڭ تەنبىھ بېرىشىدىن ئەنسىرىدىم، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى تۈركىيەدىكى يېڭى ناخشىلارنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىپ تۇرۇشنى ئويلىشىپ، ھازىر تۈركىيە ناخشىچىسى رافەت ئەل روماننىڭ يېڭى مودا بولىۋاتقان ناخشىسى »قەلبىمگە سۈرگۈن»نى ئەپ كەلدىم، تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

4,779 گىرادۇس 12

[ناخشا سۆزى تەرجىمىسى] تۈركىيە چولپىنى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى تەك ناخشىسى – فىرۇزە

[ناخشا سۆزى تەرجىمىسى] تۈركىيە چولپىنى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى تەك ناخشىسى - ڧىرۇزە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بلوگىمنى يېڭىلاپ بولالمىغانلىقىمنىڭ ئۈستىگە، ئۆتۈپ كەتكەن روزا ھېيتىڭلارنى مۇبارەكلەپ، پەتىلەشكە بارالمىدىم ۋە قالدۇرۇلغان ئىنكاسلارغا جاۋاب بىرەلمىدىم، بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن. ھاىر بولسىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن كېچىكىپ قالغان بولسىمۇ ئۆتۈپ كەتكەن رۇزا ھېيتىمىزنى قىزغىن قۇتلايمەن، ھەممىمىزنىڭ رۇزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! بۈگۈن قۇرۇق قول كېلىشكە يۈز چىدىماي تۈرك ناخشىچىسى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى تەك ناخشىسى «فىرۇزە»نىڭ ناخشا سۆزى تەرجىمىسى بىلەن ئەكەلدىم، ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن…

2,563 گىرادۇس 6

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە ناخشىچىسى مىركەلام ئورۇنلىشىدا – ئۇنۇتۇلماس

162459_1557873202324_1557816320902_14362_1591_n_副本

تۈركچىنى يېڭى باشلىغان شۇنداقلا خەتلىك كىنو تېخنىكىسىنى ئەمدى تەتقىق قىلىۋاتقان ياش ۋاقىتلىرىمدا مىركەلامنىڭ مونۇ ناخشىسىنى خېلى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، شۇ ۋاقىتتىكى چالا تۈركچەم بىلەن قىلغان تەرجىمەمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ۋاقىت ئوقى ئاساسىدا مەزكۇر ناخشىنىڭ تەرجىمىسىنى قايتا ئىشلىدىم، مەزكۇر ناخشىنى سۆيگۈنىدىن يېڭى ئايرىلغان كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىمىز. تەۋسىيە قىممىتى: بەش يۇلتۇز….

2,602 گىرادۇس 8

[خەتلىك ناخشىلىرىم] ئىسلام كۈيچىسى ماھىر زەيىن ئورۇنلىشىدا رامزانلىق ناخشا – رامزان

[خەتلىك ناخشىلىرىم] ئىسلام كۈيچىسى ماھىر زەيىن ئورۇنلىشىدا رامزانلىق ناخشا - رامزان

شۋىتسىيەلىك ئىسلامچە كۈي-ناخشىچىسى ماھىر زەيىن ئۇيغۇر تورداشلىرىغا خېلى تونۇشلۇققۇ دەيمەن، بولۇپمۇ ماھىر زەيىننىڭ «ئىنشائاللاھ» دېگەن ناخشىسى ئۇيغۇر تورداشلىرى ئارىسىدا خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن. شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ ماھىر زەيىننى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن ھەمدە ناخشىلىرىنى ئۇدۇللۇق ئاڭلاپ تۇرىمەن، بۈگۈن تورداشلارغا ماھىر زەيىننىڭ كېلىۋاتقان رامزانغا ئاتاپ ئېيتقان ناخشىسى «رامزان»نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ئەپ كەلدىم، ياقتۇرغان بولساڭلار رەنجىمەي «رەھمەت»دەپ ئىنكاس يوللاپ سالغايسىلەر…

7,903 گىرادۇس 25

ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىتىنىڭ توردىكى قىسقارتىلما يېزىلىشى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىم…

ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىتىنىڭ توردىكى قىسقارتىلما يېزىلىشى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىم…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېقىندىن بۇيان ئوقۇش پۈتتۈرىمەن، رەسىمگە چۈشىمەن دەپ سەل ئالدىراش بولۇپ قالغاچ تورغىمۇ كۆپ چىقالمىدىم، چىقساممۇ ئۇزاق ئولتۇرالمىدىم، ئالدىنقى يازمىنى يوللىغان مەن ئەمەس، ئوقۇشۇم ئەمدى پۈتكەن تۇرسا نەدىكى خىزمەتكەن ماڭا. بۈگۈن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن مىكروبلوگ ئويناش داۋامىدا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى باشقىلارغا قانداق ئىشارەت قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، تورداشلار ئىشلىتىپ يۈرگەن UG ،UIG ،UY ،UYG قاتارلىق سۆزلەر ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ قويغان ئىدىم، بۈگۈن سىلەرگە بۇنى يازما ھالىتىدە ئورتاقلىشاي.

3,819 گىرادۇس 13