سەن كەتكەندە

سەن كەتكەندە

سەن كەتكەندە جان دادا،
سورىغانتىم سېنى ھەممىدىن.
مومام دېدىكى،
جەننەت دېگەن يەرگە كەتتى،
پات يېقىندا كېلىدۇ قايتا.

تاغام دېدىكى،
ساڭا ماشىنا ئالغىلى كەتتى،
پات ئارىدا كۈلىدۇ قايتا.

دوستلىرىڭ دېدىكى،
ئوغلۇم ئېلى
داداڭ يىراق يەردە سېنى كۈتمەكتە،
سەن ئەر بولغاندا قايتىپ كېلىدۇ.

 

سېنى كېلىدۇ دېگەنلەر
قاتار بولۇپ كەتتى پىشىڭدىن.
مەن ھەم سېنى كۈتەر ئەر بولدۇم،
لېكىن سەن كەلمىدىڭ.

2015-يىلى 25-ئاۋغۇست

731 گىرادۇس 9


9 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئۆزلەت | 14:59 | 2015.09.1 جاۋاب

    يات ئەل،يىراق چىگرالار
    ئۇيغۇر غېمىگە بويلاپ بولالماس،
    ئۇيغۇرچە پۇراقتا ئاھاڭداش مىسرا
    قايتماس نىدا،قايتماس بىر ئاۋاز.

  • يامغۇر | 01:34 | 2015.09.7 جاۋاب

    كۈتتۈم بەرنانى نە بولغاي قالمىدى ھەۋەس ،
    دەرمان تاپالمىدى كۆڭلۈم پەخەس بول پەخەس.
    ئەمدى بەك كېچىكتىم بولمىسام چەبدەس ،
    يۇتۇم سۆيگۈسى ئەبەدتۇر بەرنانىڭ ئەمەس .

    • يامغۇر | 01:53 | 2015.09.7 جاۋاب

      يۇرتۇم سۆيگۈسى ئەبەدتۇر بارنانىڭ ئەمەس دېمەكچى ئىدىم

  • يامغۇر | 01:51 | 2015.09.7 جاۋاب

    يانفون ئوسلۇبىدا شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ئوتتۇرىغا توغرىلانماپتۇ ئويلىشىپ بېقىڭ ؟

  • whisper | 02:59 | 2015.09.19 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇربەگ ئاكا تور تۇرايىڭىزغا كەلمىگىلى بەك ئۇزاق بوپتۇ… قانداق ئەھۋالىڭىز ، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتامدۇ… بەلكىم بۇ ئىنكاسىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، سىزدىن تۈركىيەدە ئاسپرانتلىق ئوقۇش ھەققىدە ئازراق مەسلىھەت سوراي دېگەن ئىدىم. ئېلخەت بىلەن ئالاقىلاشساق بولامدۇ ، دېمەكچى ۋاقتىڭىز بولسا… مېنىڭ ئېلخەت ساندۇقۇم iletmish@yahoo.co.jp
    ماۋۇ شۇ.. سىز ئىنكاستا ماڭا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىز مەن خەت يازسام….. جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن ئەمىسە…

    • ئۇيغۇربەگ | 10:00 | 2015.11.20 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كەچۈرۈڭ، بلوگغا كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، ئىنكاسىڭىزنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن، تولىمۇ خىجىلمەن.

  • ئۇزدىل | 04:24 | 2015.10.13 جاۋاب

    ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم، كۆپ رەھمەت. نادىر ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!