WordPressدە خەتكۈچ ۋە سەھىپىلەرنى توپ ھالەتتە بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى

creating-a-wp-plugin

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېقىندا تۇرايىمىزنىڭ iOS ئەپىنى يېڭىلاش جەريانىدا سەھىپىلەرنى رەتلەش ئىھتىياجى تۇغۇلدى. سەھىپىلەرنى رەتلەش جەريانىدا بلوگىمدىكى نۇرغۇن سەھىپىلەر ۋە خەتكۈچلەرنىڭ نىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، بەزى سەھىپىلەرنىڭ قايتىلىنىپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. ئەمما، نورمالدا بۇ سەھىپىلەرنى قولدا بىرىكتۈرۈش توغرا كەلسە، ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق. ئەمما،  WordPress تەمىنلىگەن قىستۇرما ئارقىلىق بۇنى ئەپچىللا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

157 گىرادۇس 2

[ WordPress قىستۇرمىسى ] بلوگنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا باغلاش قىستۇرمىسى – weixin-robot

WordPress_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئالدى بىلەن كېچىكىپ قالغان بولساممۇ سىلەرنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن: قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئۇزۇن بوپتىكەن WordPress ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغىلى، نەچچە كۈن ئاۋال بىر خەنزۇچە بلوگدا WordPressدە قۇرۇلغان بېكەتلەرنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا باغلىغىلى بولىدىغان قىستۇرمىنى ئۇچرىتىپ، بىر ئاز سىناق قىلغاندىن كېيىن ياراپ قالدى. بۈگۈن سىلەر بىلەن مەزكۇر قىستۇرما ھەققىدە بىرئاز بىلىملەرنى ئورتاقلىشىپ ئۆتەي…

4,406 گىرادۇس 29

wordpress يانفۇن ئۇسلۇبى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

iphone_prestan_uyghurbeg

يانفونلارنىڭ ئەقلىيلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىرىمىز يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىشقا كۆنۈپ كەتتۇق، شۇنداقلا بلوگىمىزغا يانفون ئۇسلۇبى ياساش ئىھتىياجىمىز ئېشىشقا باشلىدى. بۇرۇن «WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!» ناملىق يازمىمىزدا قىستۇرما ئارقىلىق يانفون ئۇسلۇبى ھاسىل قىلىشنى ئۆگەنگەن بولساق، بۇ قېتىم يانفون ئۇسلۇبىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىپ ئۆتىمىز.

2,560 گىرادۇس 14

[يەرلىك قىستۇرما] Wp-Aptor –يازمىغا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىماھالىنى قىستۇرۇش قىستۇرمىسى

wp-aptor_01بەزىدە بلوگىمىزدىكى يازمىلارغا يازمىنىپ ئاپتورى ھەققىدە ئازراق ئىزاھات بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدەك كۆپ ئاپتورلۇق بلوگلاردا بۇ ئىشنىڭ تەقەززاسى تېخىمۇ كۈچلۈك. ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبلىرىدا مەن كەڭ بلوگداشلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يازمىدا ئاپتور ئۇچۇرى چىقىپ تۇرىدىغان ئىقتىدارنى قوشقان ھەمدە تۇرايىمىزدا بۇرۇن «wordpress دا يازما ئاستىغا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى قوشۇش ئۇسۇلى» ناملىق يازما ئېلان قىلىپ بۇ تېخنىكىنى كەڭ بلوگداشلارغا تونۇشتۇرغان. ئەمما، كود بىلەن ھەل بولىدىغان بۇ تېخنىكىنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى بولغاچقا، بىر قىسىم يېڭى بلوگداشلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنى ئىجادىي قىستۇرمام Wp-Aptor ئارقىلىق ھەل قىلدىم. يەنى، Wp-Aptor قىستۇرمىسى ئارقىلىق يازمىلاردا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىماھالىنى كۆرسۈتۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ!…

878 گىرادۇس 2

wordpress 3.5.1 تا دوستانە ئۇلىنىشنى قانداق قوشىمىز


بلوگىمنى wordpress 3.5.1 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسغا يېڭىلىغاندىن كېيىن «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، wordpress نىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان تورىغا قاراپ باقسا، بۇ قېتىمقى نەشرىدە «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ئېيتىلىپتۇ، ئۇنداقتا دوستانە ئۇلىنىشنى قانداق قاتىمىز؟ بۇنىڭ ئىشىمۇ ئاسان ئىكەن، ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن «Link Manager» قىستۇرمىنى (ئاپتورى: wordpress) قاچىلاش ئارقىلىق ئۇلىنىش قۇشۇش مەقسىتىمىزگە يېتەلەيدىكەنمىز. باشقۇرۇش تاختىسىدىن (بۇرۇن باشقۇرۇش بېتى دەيدىغان، ھازىر باشقۇرۇش تاختىسى دەيدىكەنمىز ) قىستۇرمىنى ئىزدەپ قاچىلاپ قويساقلا ئىش تامام.

1,286 گىرادۇس 7

SEO ئوينايدىغان بلوگگېر كېلىڭ، SEO قىستۇرمىسىنىڭ ھاجىم دادىسىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي…

Google-XML-Sitemaps

ئۇيغۇرچە بلوگ ۋە بېكەتلەردە SEO ئوينايدىغانلار ئازراق بولسا كېرەك، شۇنداقتىمۇ يوق بولمىسا كېرەك، خۇددى ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە SEOغا ئائىت ھېچنېمە يوق بولغىنىدەك، خۇددى يولداش پرېستان ئەينى چاغدا بلوگىمىز فىلىم قانىلىنىڭ SEO قىسمىنى ئالامەت ئاقسا ئىشلىگەندەكچۇ. SEOنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بلوگ ياكى تور بېكىتىمىز ئۇچۇرىنى ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئۆمۈچۈكلىرى تەرىپىدىن كۆپرەك «تورغا ئىلىۋېلىش» بولغاچقا، بلوگىمىز ۋە تور بېكىتىمىزنى ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئىزدەش نەتىجىسىگە پايدىسى خېلى كۆپ، بۈگۈنكى يازمىمىزدا مۇشۇنداقراق ئىشلارغا ئەسقاتىدىغان مۇھىم قىستۇرما Google XML Sitemapsنى تونۇشتۇرۇپ قۇياي…

2,431 گىرادۇس 21

WordPress بلوگىدىكى قسىتۇرمىلارنىڭ يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى يۇقىتىش

باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بەزىدە «ئۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ، بۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ» دېگەن خەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ھە ماقۇل دەپ بىرلا يېڭىلاپ قويساق، تەلىيمىزگە ساق يېڭىلانسىغۇ مەيلى، تەلەي كەلمەي قالسا ئۇسلۇبتىكى مەلۇم بىر كود بىلەن پېتىشماي كاشال چىقىدىغان ئىش. يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقاتسىڭىز بولىدۇ.

1,190 گىرادۇس 13

WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!

camera-lens-520x245

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرى، ھەر خىل ئەپ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئانچە-مۇنچە ئايفون ۋە فوتوگراپچىلىق تېخنىكىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان پاسىبان ئاغامنىڭ بلوگىنى ئايفوندا زىيارەت قىلسا شۇنداق پەچچەت چىقاتتى، ئىچىم قىزىغانتى دېسە. ئەمدى بىلسەم، بۇنىمۇ قىستۇرما ئارقىلىق جايلايدىكەنمىز. خوش، بىر قانچە سائەت ئىزدىنىشىم ئاستىدا ئەقلىيفونلاردا بلوگنى رەتلەپ چىقىرىپ بېرىدىغان قىستۇرما WPtouchنىڭ كۆرۈنمە يۆزىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم، ماڭا ئىشىنىڭكى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!…

6,739 گىرادۇس 58

ئاگاھ بولۇڭلار ئەي بلوگگېرلار، ئەڭ مۇھىم قىستۇرما قىستۇرمىسى WP-PostViews ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى!

74-1

WordPress  ساھەسىدە ئازراق ئىزدىنىپ باققانلار ۋە ياكى WP-PostViews قىستۇرمىسىنى چۈشۈنىدىغانلار شۇنى ئەلەم بىلەن ئىتىراپ قىلىدۇكى، WP-PostViews قىستۇرمىسى بلوگدا كەم بولسا بولمايدىغان قىستۇرمىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر مۇقەددەم ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى «[مەخپىي رېتسىپ]WordPress قىستۇرمىسى WP-PostViews ۋە ئۇنى ئىشلىتىش» ناملىق يازمىمىزدا ھەم سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەپسۇسكى، تا ھازىرغا قەدەر بۇ قىستۇرمىنىڭ تەڭشىكى ئىنگىلىزچە ئىدى، بۈگۈن شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلايمىزكى WP-PostViews قىستۇرمىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، ئەمدى بۇنى ئىشلىتىش ھەققىدە تەپسىلىي مەزمۇنغا ئىگە بۇلايلۇق.

3,398 گىرادۇس 36

[خەققە دەپ قويماڭ ھە!]توردىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئەسلى مۇنداق

توردىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈش ئۇزۇندىن بېرى دوستلار قىينىلىپ كېلىۋاتقان ئىشنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، مەن سىلەرگە ئىنتايىن ئاددى ئۇسۇلدا چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

400 گىرادۇس 0

[wordpress قىستۇرمىسى] WordPress Thread Comment ھەققىدە

wptreatedqist

مەزكۇر قىستۇرما WordPress ئىنكاس ئىقتىدارلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئېچىلغان ھەقسىز قىستۇرمىلارنىڭ بىرى بولۇپ،بلوگغا يازمىغا چۈشكەن ئايرىم ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن،مەلۇم ئىنكاسقا نىسبەتەن پىكرى بولغان تورداشلارمۇ ئەركىن-ئازادە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ،بلوگغا مۇنبەر ئىنكاس تۈسىنى قوشۇپ بېرەلەيدۇ.نۆۋەتتە،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى،يۈكسەل بلوگى،تەدبىركار بلوگى قاتارلىق بلوگلارغا مۇشۇ خىل قىستۇرما ئۈنۈمى ھازىرلانغان.

1,316 گىرادۇس 17

[wordpress قىستۇرمىسى] Comment Info Detector (ئىنكاسچىلار ئۇچۇرى)

bayrakuchur

‹‹WordPress ئىنكاس رايونىنى بىزەش››ناملىق يازمامنى تەييارلاش داۋامىدا، بىر يەردە بىر ئالاھىدە قىستۇرمىنى غىل-پال كۆرۈپ قالغانىدىم،كىيىن نىمە شەيتان ئازدۇردى بۇ قىستۇرمىنى ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن.بۈگۈن،خوشنا بلوگلارنى ئارىلاۋېتىپ ئۇ قىستۇرمىنى خۇددىي 8-قىتئەنى بايقىغاندىكى ئىلھامدا بايقاپ ئاندىن قېدىرىپ چىقتىم،بۇ زادى قانداق قىستۇرما؟دىققىتىڭىز مەزكۇر يازمىدا بولسۇن!

937 گىرادۇس 8