ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!

ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!

«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» نامىدا خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىپ كەلگىنىمگە بەش يىلدىن ئېشىپتۇ. دەسلەپتە، خەتلىك فىلىم ياساشنى ھەۋەس سۈپىتىدە ئۆگىنىپ باشلىغان بولسام، كېيىنچە خەتلىك فىلىم ياساشنى ئۆزۈمنىڭ دەرسدىن سىرتقى بوش ۋاقتىمنى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش پىلانىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ تىل ئۆگىنىش مەقسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرغان ئىدىم. بۇ بەش يىل جەرياندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە كىنو، كۆپ قىسمى تۈركچە بولغان 250گە يېقىن ناخشا، 10غا يېقىن نوتۇق تەرجىمە قىلىپتىكەنمەن، شۇنداقلا، بۇ فىلىملىرىمنى مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىلىمىزدىكى ئەڭ پاكىز، ئەڭ ياخشى بولغان يوۋكۇغا يوللاپ تۇرغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن قىلغان بولغاچقا، تەسىرى ۋە ئۈنۈمىنى ئويلىشىپ يۈرمىگەن ئىدىم. تۈركىيەگە كېلىپ بىلسەم، شۇ خەتلىك فىلىملەرنىڭ ئىنتايىن داڭقى بار ئىكەن، بولۇپمۇ تۈركچە-ئۇيغۇرچە خەتلىك ناخشىلار بىر قىسىم تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن رولى بوپتۇ؛ بەزى ناخشىلار دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم چوڭ رېستوران-ئارامگاھلارنىڭ دائىم قۇيۇلۇپ تۇرىدىغان ناخشىسىغا ئايلىنىپتۇ، ھەتتا دوۋبەن دەيچىلەر ئۇ ناخشىلارنى توپلاپ دەي قىلىپ سېتىشقا ئۈلگۈرۈپتۇ، ئىشقىلىپ، مەن بىلىپ-بىلمەي قىلغان بۇ ئىشلارنىڭ باشقىلارغا ئازدىن كۆپتۇر پايدىسى تىگىپتۇ. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇسكى…

3,751 گىرادۇس 39

«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدىكى خام-خىيالىم…

«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدىكى خام-خىيالىم…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، سەرگەردان ئوقۇش ھاياتىم باشلانغاندىن بىرى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش تىرىكچىلىكىدە بلوگىمنى يېڭىلاپ بولالمىدىم، شۇنداقتىمۇ بلوگنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشىمنى تاشلاپ قويغىنىم يوق. مۇشۇ ئويلىنىشلىرىم ئىچىدە مۇھىمراق ئورۇن تۇتقىنى «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» دېگەن خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى قۇرۇش خىيالى بولدى. قىزىقىدىغانلار كىرىپ مېنىڭ بۇ خام-خىيالىمنى ئاڭلاپ باققايسىزلەر…

4,541 گىرادۇس 35

« خوببىتلار2: دەشتى سىماگ» كىنوسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى – ئۇيغۇرچە خەتلىك

[خەتلىك فىلىم] « خوببىتلار2: دەشتى سىماگ» كىنوسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى

«ھۆكۈمران ئۈزۈك» يۈرۈشلۈك كىنوسىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلار ھە قاچان مۇشۇ يۈرۈشلۈك كىنونىڭ ئالدىنقى بابى بولغان «خوببىتلار»نىڭ بىرىنچى قىسمى بولغان «خوببىتلار1: غايىبانە سەپەر»نى كۆرۈپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن. ھەقاچان بۇ كىنونىڭ داۋامى بولغان « خوببىتلار2: دەشتى سىماگ»نى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانسىلەر؟  خوش، كىنوسى چىقىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر كىنونىڭ كەمىنە تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرگەن تەشۋىقات فىلىمىنى بىر كۆرۈپ چىقمامسىلەر؟…

2,453 گىرادۇس 5

« 58- نۆۋەتلىك بېرلېن ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نادىر فىلىم – پەلەك

ontime

مەلۇم يىگىت سۆيگۈنىگە توي تەكلىپى قويۇپ رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئېنتايىن ئازابلانغان ھالدا ئايروپىلان كۈتۈش ئورنىغا كېلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا بىر يۇچۇن كىشى پايدا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورايدۇ ۋە ئۆزىدە بىر خىل ئەسۋابنىڭ بارلىقىنى، مۇشۇ ئەسۋاب ئارقىلىق كەلگۈسى 30 سىكۇنىت كېيىنكى ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يىگىت باشتا ئىشەنمەيدۇ، ئەمما يۇچۇن كىشى ئۇنىڭغا ئۇ ئەسۋابنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، يىگىت ئىنتايىن چۆچۈپ كېتىدۇ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئويلىمىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ…

2,082 گىرادۇس 13

چەتئەلدە ئىشلەنگەن مىكروكىنو–تاملار ئارقىسىدا…

RUL1~_~E5KMFZH(V}HXJ$1Y

ئۇزۇن بولدى تۇرايىمىزغا مىكروكىنو يوللاپ باقمىغىلى، بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا چەتئەلدە ئىشلەنگەن مىكروكىنو «تاملار ئارقىسىدا»(Behind the walls) ناملىق مەزكۇر مىكروكىنونى سۇنىمىز. مەزكۇر مىكروكىنونىڭ ۋەقەلىكى ئىنتايىن ئاددىي، ئەمما تورداشلارنىڭ بەرگەن ئىنكاسى باشقىچە. كىنودا، مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىسى زور بىلەن ئامېرىكىلىق ياش بىلەن بىر مۇسۇلمان ئايال بىر لىفىتقا قاپسىلىپ قالىدۇ، ئاخىرىدا ئامېرىكىلىق ياشنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان چۈشەنچىسى ئۆزگىرىدۇ. بەزى تورداشلار مەزكۇر كىنوغا باھا بىرىپ «مۇسۇلمانلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە دۈشمەنلىرىگىمۇ ياردەم بىرىدىغان ئېسىل خىسلىتىنى نامايەن قىلغان» دىيىشسە، بەزىلەر «ھەقىقەتنى بۇرمىلىغان، مۇسۇلمانلارنى قارىلىغان» دېيىشمەكتە. قالغان ھىسلارغا ئۆزىڭىز جاۋاب بېرىڭ، ئەمىسە نەزەرىڭىز كىنودا بولسۇن…

1,809 گىرادۇس 8

يېقىندا كۆرۈپ تۈگەتكەن، ماڭا ناھايىتى ياققان ئېسىل كارتون فىلىم–باتۇرلۇق قىسسىسى

brave-movie-disney-cartoon-pixar-warrior-princess-merida-wallpaper-1920x1200_副本

كىچىكىمدىنلا قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم، ئۇيغۇرچە ساۋادىم چىققاندىن كېيىن «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى»دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چۆچەك كىتابلارنى ئوقۇپ قىدىرىۋەتكەن. چۆچەكلىرىمىزدىكى باتۇر مەلىكىلەرنىڭ، باتۇر شاھزادىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا، خەتەرلىك سەزگۈرەشتىلىرىگە ناھايىتى ھەۋەس قىلغان شۇنداقلا كەلگۈسىدە مەنمۇ شۇ باتۇر شاھزادە، قەيسەر مەلىكەلەردەك قاتمۇ-قات توساقلارنى بۈسۈپ ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ بەختىنى تاپىمەن دەپ خام خىياللارنى قىلغان. چوڭ بولۇپ يا شاھزادە بولالمىدىم، يا تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق قىلالمىدىم، پەقەت مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ۋەزخانلىق قىلىشقا ياراپتىمەن. خوش، سۆزىمىزگە كەلسەك تۆنۈگۈن ۋەتەن ئاغامنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئامېرىكىستان ئىشلىگەن «باتۇرلۇق قىسسىسى»(ئىنگىلىزچە ئىسمى:brave، خەنسوچە: 勇敢传说) ناملىق كارتون فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە شۇنداق ياقتۇردۇم، ھە قاچان تۇراداشلار يولداش ئۇيغۇربەگ قاچان بىر ئېسىل كىنو تەۋسىيە قىلار دەپ چىشىڭلارنى بىلەپ ئولتۇردۇڭلار ھە، ئەمىسە كېلىپ ماۋۇ كىنونى بىر كۆرۈپ چىقىڭلار، يارىماي قالسا قۇلىقىمنى كىسىپ بېرىمەن!…

1,941 گىرادۇس 10

73-قېتىملىق ئەڭ نادىر ئوسكار كارتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون فىلىم–ئاتا ۋە قىز

Father-Daughter_副本

سەككىز مىنۇتلۇق بۇ قىسقا كارتون 73-قېتىملىق ئەڭ نادىر ئوسكار كارتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، كارتوندا بىرەر جۈملە دىئالوگ يوق، شۇنداقلا ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈش يوق، ئەمما تەگ مۇزىكىسىغا پىئانىنو بىلەن تەڭكەش قىلغاچ، بىرجۈپ ئاتا بىلەن قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاددىي، ئەمما چىن كۆرۈنۈشلەرنى بايان قىلىدۇ، كۆرۈۋېتىپ قەلبىڭىزنىڭ ئىختىيارسىز ئىللىق بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىسىز. ماڭا ئىشىنىڭ!…

1,700 گىرادۇس 9

[ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون فىلىم] ئامېرىكىستان ئىشلىگەن چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە كارتون فىلىم–قەيسەر ئات

Spirit-spirit-stallion-of-the-cimarron-797576_600_287

«قەيسەر ئات» ناملىق مەزكۇر كارتون فىلىم ناھايىتى ئامېرىكىستان كارتونچىلىرى مەنىلىك قىلىپ ئىشلىگەن نادىر كارتونلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادا خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ئەركىن،  پايانسىز كەتكەن بىر يايلاقتا شۇنداق شاش ۋە ئوماق بىر تايچاق ئاپىرىدە بوپتۇ. ئۇ ئۆز توپىنىڭ ئاتامانىغا ئايلىنىپ، توپىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدىگە قۇماندانلىق قىلىشنى ئارزۇ قىپتۇ، ئۆزى ھەم ئەركىنلىكنىڭ شۇنداقلا بويسۇنماسلىقنىڭ سىموۋولى بوپتۇ. ئەپسۇسكى، ئۇ شۇنداق يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇنى ئىنسانلار تۇتۇپ ئەكىتىپتۇ ھەمدە زورلۇق بىلەن كۆندۈرمەكچى بوپتۇ، ئەمما ئەركىنلىككە كۆنۈپ قالغان بۇ ئات نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى چەكسىمۇ باش ئەگمەي ئۆزىنىڭ ئەركىن دالاسىنى سېغىنىپتۇ ھەمدە ئاشۇ يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپتۇ. مەزكۇر كارتون فىلىمنى مەكتەپداش ئىنى بۇرادەر ئابدۇكېرەم ئەپەندى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تەييارلاپ چىقتى ھەمدە كارتوننىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدى. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

1,489 گىرادۇس 12

[ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو] دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر كىنو–لەگلەك قوغلىغۇچى بالا

The Kite Runner-01_副本

«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق مەزكۇر فىلىم خالىد ھۈسەيىننىڭ ئوخشاش ناملىق كىتابىغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن كاتتا فىلىم بولۇپ، 2008-يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئافغانىستانلىق ئىككى دوست  ئامىر بىلەن ھەسەن ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بالىلىق ۋاقىتتىكى دوستلۇق بۇرچ، ساداقەت، ۋاپادارلىق، خىيانەت، پۇشايمان، رىشتە، ئازاب، ئىنتىلىش، پىداكارلىق، مۇھەببەت دېگەندەك قاتلاملىق ھىسلار بىلەن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن بولسا، فىلىمنىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى ھەمدە نۇرغۇن ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ فىلىمدە «چىقىپ» قالىدىغانلىقى بىزنى قىزىقتۇرىدۇ. مەزكۇر فىلىم مەكتەپداش ئىنىم ئابدۇكېرەم تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەييارلاندى. فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ھەم تەمىنلەندى، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر.

3,853 گىرادۇس 9

[ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو] دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر كىنو–لەگلەك قوغلىغۇچى بالا

the-kite-runner-1-1024_副本

«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق مەزكۇر فىلىم خالىد ھۈسەيىننىڭ ئوخشاش ناملىق كىتابىغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن كاتتا فىلىم بولۇپ، 2008-يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئافغانىستانلىق ئىككى دوست  ئامىر بىلەن ھەسەن ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بالىلىق ۋاقىتتىكى دوستلۇق بۇرچ، ساداقەت، ۋاپادارلىق، خىيانەت، پۇشايمان، رىشتە، ئازاب، ئىنتىلىش، پىداكارلىق، مۇھەببەت دېگەندەك قاتلاملىق ھىسلار بىلەن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن بولسا، فىلىمنىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى ھەمدە نۇرغۇن ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ فىلىمدە «چىقىپ» قالىدىغانلىقى بىزنى قىزىقتۇرىدۇ. مەزكۇر فىلىم مەكتەپداش ئىنىم ئابدۇكېرەم تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەييارلاندى. فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ھەم تەمىنلەندى، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر.

3,395 گىرادۇس 22

Anchorage خەلىقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدىكى نادىر كارتونلارنىڭ بىرى–سېباستىياننىڭ نەشتىرى

sebastian

«سېباستىياننىڭ نەشتىرى»(Sebastian’s Voodoo) ناملىق مەزكۇر قىسقا كارتون فىلىم ئەينى چاغ Anchorage خەلىقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەڭ نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە زۇلمەت ئىچىدىكى بىر پىرىخون بىر مۇنچە قىساس قونچاقلىرىنى ياسىغان بولۇپ، بۇ قونچاقلارنى قېينىغاندا ئاشۇ ئاغرىق ئازابلىرى ئۇنىڭ قىساسكارىغا، يەنى دۈشمەنلىرىگە تىگىدىكەن، ئەمما ئۆزلىرىمۇ ئازابنى يەتكۈچە تارتىدىكەن، ئاخىرىدا قانداق بولىدۇ، قىزىققان بولسىڭىز كارتوننىڭ داۋامىغا نەزىرىڭىزنى تاشلاڭ.

1,149 گىرادۇس 9

ئاچا-ئىنى ئوتتۇرىسىدىكى چىن ھىسسىياتنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئۇيغۇرچە مىكروكىنو -ئىمتىھان نەتىجىسى

netije0_副本

چەت بىر يېزىدا بىر ئاچا-ئىنى بار ئىكەن، بۇ ئىككىسى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياشايدىكەن، بىر-بىرىگە شۇنداق كۈيۈنىدىكەن، ئاچىسى شۇنچە تىرىشىپ ئىنىسىنى ئوقۇتىدىكەن، ئەمما ئىنىسى سەل ئويۇن قېپى بولغاچ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن. شۇڭا  چارەكلىك ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ئىنىسى ئاچىسىغا يالغان گەپ قىلىدىكەن، ئەمما ئىنىسىنىڭ يالغانچىلىقىنى بىلىپ قالغان ھەدىسىنىڭ ئاچچىقى كېلىدىكەن. كېيىن بىر قانچە ئىش تۈپەيلى ئىنىسى ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇيدىكەن، ئەمما ئاخىرىدا تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر ۋەقە بولىدىكەن، بۇ ۋەقە نېمىدۇ؟ زادى قايسى ئىشلار ئىنىسىنى تىرىشىشقا ئۈندىگەندۇ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز مەزكۇر مىكروكىنودا بولسۇن!

1,952 گىرادۇس 17