تۈرك ناخشىچىسى گۆكخان ئۆزەننىڭ مەزكۇر ناخشىسى بولمىش ‹‹سىتەمكار»نى بۇرۇن تۈركچە سەۋىيە ئانچە يۇقىرى ئەمەس چاغدا «ئەيىبلىگۈچى» دەپ تەرجىمە قىپتىكەنمەن، يېقىندا ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ماتىرىيال كۆرۈۋېتىپ شائىرىمىز نىم شېھىتنىڭ «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق ئەسىرىدە «سىتەمكار» دېگەن بۇ سۆزنى ئۇچرىتىپ قالدىم، دېمەك تۈركچىدىكى «سىتەمكار» كەلىمەسى بىزدىكى مەنىسى بىلەن ئوخشاش ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ناخشىنىڭ تەرجىمىسىنى ئەسلى مەنىسىگە بەكرەك يېقىنلاشتۇرغان ئاساستا قايتىدىن ئىشلەپ چىقتىم، سىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…
2,726 گىرادۇس
گۆكتاننىڭ ئەسلى ئىسمى ئەرخان گۈلەريۈز، تۈركىيىدە بىر مەزگىل ناخشا ئېيتىپ يۈرگەن ئاداشكەن. گۆكتاننىڭ بۈگۈن تورداشلارغا ئەكەلگەن ناخشىسى «سەن» مەن تاكى ھازىرغىچە ھېچ زېرىكمەي ئاڭلاپ كەلگەن بىر ناخشا بولۇپ، مەندىن بۇرۇنمۇ بىرەيلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەپتىكەن، كەسپىي كېسىلىم تۇتتى بولغاي، مەنمۇ ھەم بۇ ئامراق ناخشامنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ چىقتىم. ئەلۋەتتە، كونا قائىدىمىز بۇيىچە تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر!…
3,534 گىرادۇس
بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز بولسا تۈركىيە ناخشىچىسى مۇستافا سەندالنىڭ مەلۇم بىر ئالبۇمىدىكى بىر ۋەكىللىك ناخشىسى بولۇپ،تۈرك دوستلارنىڭ ئېيتىشىچە تۈركىيەدە بىر قەپەز مودا بولغان مەشھۇر ناخشا ئىمىش، ئەلۋەتتە، ھارمايدىغان، چارچىمايدىغان ئۇيغۇربەگ يەنە بۇنىمۇ خەتلىك قىلىپ ياساپ چىقتى. ئەلۋەتتە، كونا قائىدىمىز بۇيىچە تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر. ئەمىسە ناخشىغا مەرھەمەت!…
3,862 گىرادۇس
بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ناخشىمىز بولسا تۈركىيە ناخشىچىسى ھالىل سەزاينىڭ 2011-يىلى ئېلان قىلغان ئالبۇمىدىكى بىر ۋەكىللىك ناخشىسى بولۇپ، سەرسانلىق ئىچىدىكى بىر ئاشىقنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشىسىدۇر. ئەلۋەتتە، كونا قائىدىمىز بۇيىچە تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر. مەزكۇر ناخشىچى ھەققىدە ئۇچۇر بىلىدىغان تورداشلار بولسا كۆكلەم مۇنبىرىگە يوللىغايسىزلەر. ئەمىسە ناخشىغا مەرھەمەت!…
2,505 گىرادۇس
ئەمدىكى تەنەپپۇس مەزگىلىدە ھوزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى، تۈركىيەنىڭ 2011-يىللىق مودا ناخشىلىرىدىن بىرى ‹‹خۇشۋاغ قال››، ناخشى ئەمرە ئايدىڭ، ئۇيغۇرچە-تۈركچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەندى. ساۋاقداشلار، ئەمدى كىتاب-ماتىرىياللارنى يىغىشتۇرۇپ، تەنەپپۇسكە چىققايسىزلەر! مەزكۇر ناخشا ئالدىنقى يىلى يوللانغان كونا ناخشا ئىدى، تۇرادىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلدىم…
4,888 گىرادۇس
تۈركىيە ناخشىچىسى مۇرات ئەۋگىننى مۇشۇ ناخشىسى ئارقىلىق تونۇغان ئىدىم، كېيىن گۇگېلدىن ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنىڭ شەخسىي بېكىتىگە ھەم چىقتىم، شۇنچە ناخشىلارنى ئېيتىپتۇ، ماڭا مۇشۇ ناخشىسىلا ناھايىتى يارىدى، ئەلۋەتتە، ماڭا يارىغان ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىپ قويىدىغان ئادىتىمنىڭ بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇنىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتتىم، تەرجىمىدە ئۇدۇل تەرجىمە ئۇسلۇبى بىلەن مەنە تەرجىمە ئۇسلۇبىنى تەڭ بىرىكتۈرۈپ، ئازراق شېئىرىي پۇراق چىقاردىم دەپ ئويلايمەن، تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…
3,853 گىرادۇس
بۈگۈن ئەكەلگەن تەرجىمە ناخشىنى مەن نەدىن ئاڭلىدىم ئېسىمدە يوق، بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق ياخشى كۆرۈپ ئاڭلاپتىكەنمەن، نەچچە كۈن بۇرۇن كۆكلەم مۇنبىرىدە بۇ ناخشىدا چىقىدىغان ‹‹كادېكۆي››نىڭ ئەسلىي بىر جاي نامى ئىكەنلىنى بىلىپ، ناخشا تېكىسىتىنى ئوقۇپ چىقتىم ھەمدە مەزكۇر ناخشىنىڭ ئاپتورلىرى ھەققىدە ئازراق مەلۇمات ئاقتۇرۇپ باقتىم. گۇگېلدا ئېيتىلىشىچە تۈركىيە ‹‹غەزەلنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى›› ئانسامبىلى(تۈركچە Ezginin Günlüğü، ئىنگىلىزچە Melody’s Diary ) ئەينى چاغ ئەمىن ئېگۈس(Emin İgüs)، خاقان يىلماز(Hakan Yılmaz)، شەبنەم باشار(Şebnem Başar)، تۇگاي باشار (Tugay Başar) ۋە ۋەدات ۋەرتەر(Vedat Verter) قاتارلىق ئەزالار بىرلىكتە 1982-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرغان بىر مۇزىكا ئەترىتىمىش. كېيىن بۇ مۇزىكا ئەترىتىدىمۇ يېڭى ئەزالار قوشۇلۇپ، كونا ئەزالار چىكىنىپ دېگەندەك ئىشلار بولغان سىياقتا. سەكسەن، توقسىنىنچى يىللىرى تۈركىيەدە خېلى مودا بولغان چىراي. مەن بۇلارنىڭ باشقا ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، كېيىن ياخشى ناخشىلىرى ئۇچراپ قالسا ئەلۋەتتە ئۆزلەشتۈرۈپ قويىمەن. بۈگۈن ئەكەلگىنىم بۇلارنىڭ مەن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بىر ناخشىسى – كادېكۆي. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…
2,828 گىرادۇس
تۈركىيەدىكى بىر قانچە بالىلار قۇرغان مۇنبەر كۆكلەم مۇنبىرىنىڭ ئاتامانى بولغان ئاغام بىلەن يېقىن ئۆتەتتىم، بىلگىنىڭلاردەك بىر قانچە ناخشىلارنى شۇ تەرجىمە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۈگۈنمۇ يەنە بىر ناخشىنى تەرجىمە قىلدىم دەپ ئەكەپتۇ، كۆردۈم، قارىسام بوپ قالىدىغاندەك. ئۇ ئاغىنىمىزنىڭ پىرىنسىپى – ئۇدۇل تەرجىمە، يەنى تۈركچە سۆزلەرنى ئامال بار ئۇيغۇرچىدىكى ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ئېلىپ، تۈرك تىلى ئۆگىنىۋاتقانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشدىن ئىبارەت. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىغىنىمىز تۈرك ناخشىچىسى يۈكسەك ساداقەتنىڭ تەسىرلىك ناخشىسى – ساڭا ئاشىق يالغۇزمەن. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…
3,813 گىرادۇس
سەردار ئورتاچنىڭ ناخشىلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭمۇ تۈركىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى ناخشىلىرىنىمۇ ھەم ئاڭلاپ كېلىۋاتاتتىم. بولۇپمۇ يۇلتۇزخاننىڭ 2010-يىلى تۈركىيەدە مودا بولغان ناخشىسى «سېنى سۆيەتتىم»نى تولىمۇ سۆيۈپ ئاڭلايتىم، سەردار ئورتاچنىڭ «خالتا»(poset)ناملىق ناخشىسىنىمۇ ھەم تولىمۇ سۆيەتتىم، بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىنىم بولسا سەردار ئورتاچ ۋە يۇلتۇز ئوسمانىۋا بىرلىكتە ئورۇنلىغان يېڭى ناخشا – دېيەلمەيمەن.تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…
4,385 گىرادۇس
تاركاننىڭ ناخشىلىرىنىڭ ھەممىسىنى شوخ دەپ ئويلاپ قالماڭ، بەزى ناخشىلىرىدا ئۇ ناھايىتى غېرىب، بەزى ناخشىلىرىدا بولسا ناھايىتى چۈشكۈن، بەزى ناخشىلىرىدا بولسا بەكلا تەلۋە. ھىم، بۈگۈنكى بۇ ناخشىسىدا بۇ ئاداش ناھايىتى مۇڭ، خۇددى سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىدەكلا. ھىم، يېقىندا ئايرىلىپ كېتىشكەن ئاشىق-مەشۇقلار بولسا بۇ ناخشىنى ئاڭلىماڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارنى بېسىۋالالماي…ياش كەلكۈنى پەيدا قىلغۇسىلەر! تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ناخشىنىڭ تېكىسىتى ۋە چۈشۈرۈش مەنزىلى بىرىلدى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقايسىزلەر…
4,286 گىرادۇس
شۇنداق قىلىپ تەتىلمۇ توشتى، كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ جىددىيلىك كۈنلىرى رەسىمىي باشلاندى. بۈگۈن بىر كۈن مەكتەپتە چېپىپ يۈرۈپ تېخنىكا يوللاشقا ئۈلگۈرمىدىم، تېخنىكا ئۆگۈنۈپ قاتتىق چارچىدىڭىزلا ھەقاچان، ھىم، بۈگۈن باشقا ئىش يوق، ئەمما فەچەت بىر ناخشا بار ، ئاڭلىسىڭىز ياقتۇرامسىز بىلمەيمەن، ئەمما يەنىلا ئاڭلاپ بېقىڭ. ئۇيغۇرچە-تۈركچە قىلىپ ئىشلەنگەن، ھە راست، بۇ كەمىنىنىڭ كەپىسىدىن ئەكەلگەن نەرسە ھە!…
1,087 گىرادۇس