ئەي جاپاكەش بلوگگېرلار، قانچىڭلار، قانداق داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتسىلەر؟

ئەي جاپاكەش بلوگگېرلار، قانچىڭلار، قانداق داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتسىلەر؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاۋۋال ئۆتۈپ كەتكەن نورۇز بايرىمىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. تېلىفونغا باغلىنىپ قالغان، بولۇپمۇ ئۈندىدارغا بېكىنىۋالغاندىن بېرى، نۇرغۇن نەرسىلەردىن، نۇرغۇن ھەۋەسلەردىن قۇرۇق قالغانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن. بۇ ھەۋەسلەر ئىچىدە، مۇنبەر ئويناش، كىتاب كۆرۈپ، بلوگ ئارىلاش، خەتلىك فىلىم ياساش قاتارلىق مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى مەنىلىك قىلغان ئىشلارمۇ بار ئىدى. مەن بۈگۈن، بلوگىمدىكى دوستانە ئۇلىنىشلاردىكى بلوگلارنى بىردىن – بىردىن ئېچىپ، نۇرغۇنلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغانلىقىنى، يەنە نۇرغۇنلىرىنىڭ يېڭىلىنىپ باقمىغىلى خېلى بولغانلىقىنى بايقىدىم.

110 گىرادۇس 13

بلوگىمىزنىڭ يېڭى ئەپى ‹‹ ئۇيغۇربەگ + ›› ئېلان قىلىندى

uyghurbegpro-app

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. تۇرايىمىزنىڭ iOS سېستىمىلىق ئەپى بۇرۇن ئەپ بازىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە ئەلالاشتۇرۇلغان شۇنداقلا ھەمبەھىرلەش، ئىنكاس ئىقتىدارى قوشۇلغان يېڭى نەشىرىدىكى << ئۇيغۇربەگ + >> (پرو دەپ قويىلى ئۆزىمىزچە) ھازىر ئەپ بازىرىدا ئېلان قىلىندى. بۇرۇنقى نەشىرىدە iPad نۇسخىسى بار بولۇپ، بۇ نەشىردە iPad ئۈچۈن ياسالمىدى(iPad ئۈچۈن ئايرىم ياسىلىۋاتىدۇ)، شۇڭلاشقا، ئەپنى نەشىر كۆتۈرۈش ھالىتىدە ئەمەس، يېڭى بىر ئەپ ھالىتىدە ئېلان قىلدۇق.

122 گىرادۇس 5

[ساياھەت خاتىرىسى] موسكىۋا خاتىرىسى (1)

Offices Banner Moscow

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇنىڭدىن تەخمىنەن يېرىم ئاي بۇرۇن ئاللاھنىڭ خالىشى، ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى، دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكىۋاغا ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. گەرچە ئۆزۈمنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە بولغان ئىشەنچىم ياخشى بولمىسىمۇ، ئاشۇ ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت جەريانىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى شۇنداقلا شۇ جەرياندا ھىس قىلغانلىرىمنى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشدىن بۇرۇن ئاددىي سۆزلىرىم ئارقىلىق خاتىرىلەپ قۇيۇشنى ئويلاپ، كومپىيۇتېر ئالدىغا يېتىپ كەلدىم. ئىنشائاللاھ، سىلەرنىڭ يازمامنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

1,239 گىرادۇس 8

ئۇيغۇربەگ تەرەپتە تۇرىدىغانلار ئەڭ ئاخىرقى بىر جەڭ ئۈچۈن لەشكەر تارتىڭلار…

ئۇيغۇربەگ تەرەپتە تۇرىدىغانلار ئەڭ ئاخىرقى بىر جەڭ ئۈچۈن لەشكەر تارتىڭلار…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بىلگىنىڭلاردەك، ئۈرۈمچى كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى شۇ تاپتا ئۈچىنچى باسقۇچقا قەدەم باسقان بولۇپ، «ئەڭ» مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگنى بېكىتىپ چىقىش باسقۇچى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:00 دە باشلىنىدۇ. ئۇيغۇربەگ تەرەپتە تۇرىدىغانلار ئەڭ ئاخىرقى بىر جەڭ ئۈچۈن لەشكەر تەشكىللەپ بىلەت تاشلىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. تەپسىلاتىنى كىيىنكى بەتتىن ئوقۇڭ.

1,691 گىرادۇس 7

«ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى باشلاندى

760x90

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر!   بىلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ،. كەينىدىن يەنە شۇنداق تېزلىكتە تۆۋەنگە قاراپ ماڭدى. بىز «ياق، بىلوگ تۈگەشمىدى، تۈگەشمەيدۇ» دەپ تۇرۇۋېلىپمۇ باقتۇق. لېكىن، ئاچچىق رېئاللىق بۇ گېپىمىزنى قېتىغا ئېلىپ قويمىدى.

 

785 گىرادۇس 3

تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىش ئۇسۇلى، سىزمۇ قىلالايسىز!

تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىش ئۇسۇلى، سىزمۇ قىلالايسىز!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بەلكىم خەۋىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ يىلدىن باشلاپ رەسىمىي پاسپورتى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى تۈركىيە ساياھەت ۋىزىسىنى توردىن بېجىرىۋالسا بولىدۇ. يەنى، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەت ۋىزىسىنى ساياھەت شىركەتلىرى ياكى كونسۇلغا بېرىپ يۈرمەي توردىن ئۆزى بېجىرىۋالسا بولىدۇ. بۇنى خەلق ئىچىدە تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسى دېيىلىدىغان بولۇپ،  بۈگۈنكى يازمامدا مۇشۇ ۋىزىنى قانداق بىجىرىش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكۈسىمەن.

17,360 گىرادۇس 27

ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچى ئەزىمەتلەر ئۈچۈن يەتتە تەۋسىيە بېكەت

treehous

ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش دېگەن شۇئار ھەممىلا يەرگە يېيىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنتېرنېتنىڭ ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەر يەردە ئۆگىنىش شۇئارىمۇ قوزغۇلۇپ ھەمدە مۇھىتلار ھازىرلىنىپ، خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنىشدەك قولاي شارائىتلار تەييارلاندى، قىسقىسى مەنمۇ ئۆزلۈكىمدىن iOS ئۆگىنىشنى باشلىۋەتكەن(ماۋۇ يېڭىلىق ھەققىدە پات يېقىندا يوللىنىدىغان «ئۇيغۇربەگنىڭ iOS پروگراممېرلىقى چۈشى» ناملىق يازمىدا تەپسىلىي توختالغۇسىمەن) ۋاقتىمدىن بىرى، بۇ تور بېكەتلەردىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلاندىم. نۆۋەتتە، مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە تور دەرسخانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

4,357 گىرادۇس 13

«كىتاب ئوقۇش يىلى»نىڭ تۇنجى ئايلىق دوكلاتىنى بەرمەمسىلە؟

_elifbeyza__5406_1397395905_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، «ئەلى-زىۋىدە مۇسابىقىسى» بىلەن باشلانغان  «كىتاب ئوقۇش يىلى»مىزغا كىرگەنلىكىمىزگە ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئاي بولاي دەپ قالدى، 20 كۈندە ھېچ بولمىسا بىر كىتابنى ئوقۇپ بولدى دەپ ئويلاپ مەزكۇر تېمىنى ئاچتىم. قېنى، مۇشۇ 20 كۈن ئىچىدە قايسى كىتابلارنى ئالدىڭلار؟ قايسى كىتابلارنى ئوقۇدۇڭلار؟ قانداق ھىس-تۇيغۇغا كەلدىڭلا؟  بىر دوكلاتىنى بېرىۋەتمەمسىلە، بىزمۇ بەرگەن دوكلاتىڭلاردىن پەيزى كىتاب ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.مانا مەن باشلامچىلىق قىلىپ. بۇ ئايدا مەن ئۆزۈم ئوقۇغان ئىككى كىتابتىن دوكلات بېرەي:

2,543 گىرادۇس 25

«10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» ھەققىدە باش-ئاخىرى يوق گەپلەر(كۆچۈرۈلمە)

+recommended_blog_3_副本

2013-يىلى يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزمەسلىكنى قارار قىلىپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر-ئۇچۇر بەرمەيلا جىمجىت تۇرۇۋالدۇق. «قېنى، بىلوگگىرلار قانداقراق ئويلايدىكىن» دېگەندىمىز، بەلكىم. بىزنى بىرەرسى تىللاپمۇ كەتمىدى، بۇ پائالىيەتنى قىلمىساق بولمايتتى، دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىمىدۇق. قارىغاندا تەدبىركار، يۈكسەل، ئۇيغۇربەگ، شاھ ئۇيغۇر، كەمىنە قىسمەت … قاتارلىق بىز ئىسمىنى ئاتىغان ياكى ئاتىمىغان بىلوگگىرلارنىڭ بىلوگ سېپىدىن بارا-بارا ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تور ئەھلىلىرى بۇ پائالىيەت ھەققىدە گەپ قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن بولسا كېرەك.

1,288 گىرادۇس 3

ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى كىم يالماپ كەتتى؟

wechat-guanxi-720x355_副本

خېلى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بىرى، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى، بلوگنى ئېچىپ كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزاق بوپتىكەن. بۈگۈن قانداقتۇر ۋاقتىم چىقىپ، بلوگىمنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، بلوگنىڭ زىيارەت كۆرسەتكۈچىسىگە قاراپ، تۇرايىمىزنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن بىر زامانلىرى ئېسىمگە كەلدى. باشقا بلوگداشلار بىلەن پىكىرلىشىشىمچە، بۇ يالغۇز ئۇيغۇربەگ دۇچ كەلگەن مەسىلە بولۇپ قالماستىن، باشقا نۇرغۇن شەخسىي بلوگلارنىڭ زىيارەت سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولۇپ، ئېنىقكى بۇنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بار ئىدى، بۈگۈنكى بۇ يازمىدا، بلوگلارنىڭ زىيارەتچى سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ھەققىدىكى بىر قانچە ئويلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈسىمەن…

6,448 گىرادۇس 54

تېخنىكىلىق ياردەم تەلەپ قىلغانلارغا ئۆزۈر خېتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرلىق ھاياتىم يېڭىدىن باشلانغاندىن بېرى تاكى ھازىرغىچە ئېلخەت، چ چ، ئۈندىدار ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق مېنى ئىزدەپ ھەقلىق ياكى ھەقسىز مۇلازىمەت تەلەپ قىلغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، شۇنداقلا بىر قىسىم بلوگگېرلار ئۇچرىغان مەسىلىلىرىگە ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈنۈپ خەت يېزىشتى، ئەپسۇسكى نۆۋەتتىكى ئوبېكتىپ ۋە سۇبېكتىپ شەرتلەر تۈپەيلى، مەن بۇرۇن ھەقلىق مۇلازىمىتىنى قىلغان(ۋاقتى توشمىغان) بلوگگېرلاردىن باشقا كىشىلەرگە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىشنى بەزىدە رەت قىلدىم، بەزىدە ھېچ ئىپادە بىلدۈرمىدىم. بۇنىڭدىن باشقا، بلوگىمدا ۋە ياكى باشقا جايلاردا مېنىڭ تېخنىكىلىق يازمىلارنى يېزىپ تۇرۇشۇمنى، بلوگچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىپ تەكلىپ بەرگەنلەرمۇ بولدى. ئالدى بىلەن ماڭا ئىشەنگەن شۇنداقلا مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن كونا-يېڭى بلوگداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بولغاچقا، مېنىڭ بلوگغا بولغان مۇھەببىتىم ھېچ سۇسلاپ قالمىدى، سىلەر بولغاچقا. بلوگ يازغاندا ئىلھام  بۇلىقىم ھېچ قۇرۇپ قالمىدى. ياقا يۇرتتا غېرىبسىنغىنىمدا سىلەرنىڭ مەدىتىڭلار ماڭا غايەت زور تەسەللىي بولدى. سىلەرگە رەھمەت، سىلەرگە يەنە بىر رەھمەت.

2,449 گىرادۇس 18

[ ياش بلوگگېرلارغا ئۇيغۇربەگدىن ئۈگۈت] ئالقىشلانغان بلوگگېرنىڭ 5 ئادىتى

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى – دومبىرا

ئاز كەم بىر يىلدىن بىرى تورغا چىقالماي، ئۇيغۇر بلوگ ئىشلىرىنى كۈزىتەلمىگەن ئىدىم، يېقىندىن بىرى ۋاقتىم چىقىپ، كونا-يېڭى بلوگلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، نەتىجە شۇكى بلوگ ئوينايدىغان يالغۇز مەن ئەمەسكەنمەن، خېلى سالماق بلوگلارمۇ، كەسپىيلەشكەن شەخسىي بلوگلارمۇ مەيدانغا چىقىپتۇ، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال، ئەلۋەتتە. خوش، تېمىغا كەلسەك، بىلگىنىڭلاردەك ئۆزۈممۇ بىر كونا بلوگگېر بولغاچقا، بلوگشۇناسلىق ھەققىدە ئويلىغان بىر تىمامنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي دەپ مەزكۇر تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھەر قايسىڭلارغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بەرسە تولىمۇ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم.

3,549 گىرادۇس 28