تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىش ئۇسۇلى، سىزمۇ قىلالايسىز!
-
سەھىپە:تەجرىبە-ساۋاق دۇنياسى
باھا:27 دانە
09-03-2015
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بەلكىم خەۋىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ يىلدىن باشلاپ رەسىمىي پاسپورتى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى تۈركىيە ساياھەت ۋىزىسىنى توردىن بېجىرىۋالسا بولىدۇ. يەنى، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەت ۋىزىسىنى ساياھەت شىركەتلىرى ياكى كونسۇلغا بېرىپ يۈرمەي توردىن ئۆزى بېجىرىۋالسا بولىدۇ. بۇنى خەلق ئىچىدە تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسى دېيىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى يازمامدا مۇشۇ ۋىزىنى قانداق بىجىرىش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكۈسىمەن.
تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىشكە كېتىدىغان ماتىرىياللار
1. ئىناۋەتلىك ۋاقتى 3 ئايدىن ئۇزاق بولغان، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارقاتقان نورمال پاسپورت؛
2. نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان، توردا پۇل تۆلەش ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئىناۋەتلىك ۋاقتى بولغان ئىناۋەت كارتىسى(كرېدىت كارتا)، 60 دوللار چىقىم قىلالىشى كېرەك؛
3. تورغا باغلانغان كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلىدىغان نورمال كاللا؛
تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىشنىڭ باش-ئاخىرى
1. ئەڭ ئاۋۋال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلىكترونلۇق ۋىزا ئىلتىماس قىلىش سېستىمىسىغا كىرىمىز( بىرەر خاتالىق چىقماسلىقى ئۈچۈن زىيارەت قىلىشتا Chrome، Firefox دېگەندەك ئىلغان توركۆرگۈلەرنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز)، ئادرېسى:
2. ئادرېسنى ئاچقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈش چىقىدۇ، كۆرۈنۈشدىن Apple Now دېگەن خەتنى چىكىمىز:
ئەسكەرتىش: ناۋادا سىزنىڭكىدە بۇنداق كۆرۈنمىسە، دەرسلىكنىڭ توغرا كۆرۈپ چىقىشىڭىز ئۈچۈن تىلنى ئىنگىلىزچىگە تەڭشەڭ. يەنى، ئوڭ تەرەپتىكى يەرشارى بەلگىسى بار يەردىن تىلنى English قىلىپ تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
3. بەت ئېچىلغاندىن كېيىن، Country/Region, Travel Document, Security Verification قاتارلىق ئۈچ تاللاش چىقىدۇ. Country/Region دېگەن تاللاشدىن China دېگەننى، Travel Document دېگەن تاللاشدىن Ordinary Passportنى تاللايمىز، Security Verification دېگەن ئۈچۈنچى بوشلۇققا بوشلۇقنىڭ ئاستىدا كۆرۈنگەن ھەرپلەرنى توغرا ۋە ئېنىق كىرگۈزىمىز. يەنى رەسىمدىكىدەك:
ئەسكەرتىش: Security Verification دېگەن ئۈچىنچى بوشلۇققا تولدۇرىدىغان مەزمۇن ھەر قېتىمدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بوشلۇقنىڭ ئاستىدىكى يەردە سىزگە نېمە چىققان بولسا شۇنى توغرا تولدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ، بولمىسا كاللىڭىز ئېلىنىدۇ(چاقچاق ھە…)
4. ئالدىدىكى يەرنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن save and continue دېگەن تۈگمىنى بېسىپ كەينىگە ئۆتىمىز. كېيىنكى باسقۇچتا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆز ئالدىڭىزغا نامايەن بولىدۇ( ناۋادا سىزنىڭكىدە نامايان بولمىسا، خاپا بولماي بلوگدىن چىقىپ، ۋىزا ئىلتىماس قىلىش سېستىمىسىغا كىرگەيسىز، مېنىڭ بلوگىمدا ۋىزا ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ!!!!!!!!!!!!):
بۇ قەدەمدە، Arrival Date in Turkey دېگەن خەت بار تاللاشنىڭ مەنىسى قاچان تۈركىيەگە كېلىسىز دېگەن گەپ. بىز بۇ يەردىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ۋاقتىمىزنى تاللىساق بولىدۇ. ئادەتتە، ئېلىكترونلۇق ۋىزىنىڭ مۆھلىتى 180 كۈن بولۇپ، سىز ۋىزا ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ 180 كۈن ئىچىدىكى خالىغان بىر ۋاقىتنى تاللاپ، تۈركىيەگە كىرىش ۋاقتىڭىزنى بېكىتسىڭىز بولىدۇ. چىگرىدىن كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ۋىزىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 30 كۈن بولۇپ، مەن تۈركىيە چىگرىسىغا قاچان كىرگەن بولسام، شۇ كۈندىن باشلاپ تۈركىيەدە 30 كۈن قانۇنلۇق قالالايمەن، ئوتتۇز كۈندىن ئېشىپ كەتسىچا؟ مۇش يەيلا، مۇش يېيىشدىن بۇرۇن تاموژنىدىن بىر مۇنچە جەرىمانە تۆلەيلا، مۇشنى ئۆيگە بېرىپ يا خوتۇنلىرىدىن يا ئەرلىرىدىن يەيلا( ما گەپ قىززىقمىكە؟ قىززىق بولمىغان بولسا چانداماي ۋىزا ئېلىشنى داۋام قىلايلى).
يۇقارقى رەسىمدىكى گەپكە كەلسەك، مەن 2015-يىلى 9-مارتتا تۈركىيەگە كېلىمەن دەپ تاللىدىم، سېستىما ماڭا دېدىكى، تامام ئوغلۇم، سەن 9-مارتتىن 4-سىنتەبىرگىچە بولغان 180 كۈن ئىچىدە خالىغان ۋاقىتتا تۈركىيەگە كەلسەڭ بولىدۇ، چىگرىدىن قاچان كىرسەڭ مەيلى، لېكىن كىرگەن كۈنۈڭدىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تۈركىيەدىن كەتسەڭ بولىدۇ. ۋىزىنىڭ ئىلتىماس قىلىش ھەققى 60 دوللار، چوقۇم ئىناۋەت كارتىسىدا بىجەرمىسەڭ بولمايدۇ دەيدۇ.
ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ، «قىزىم ساڭا ئېيتاي، كىلىنىم سەن ئاڭلا» ئۇسلۇبىدا يازدىم. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئىش، يۇقارقى ئۆرنەكتىكى گەپ بويىچە، مېنىڭ ۋىزامنىڭ ۋاقتى 4-سىنتەبىر توشىدۇ، مەن 2-سىنتەبىر تۈركىيەگە قەدەم قويغان تەقدىردە، ۋىزىنىڭ ۋاقتى ئاران ئىككى كۈن قالغان بولىدۇ، ھەرگىزمى 4-سىنتەبىر تۈركىيەگە كىرسەم يەنە بىر ئاي قالالايمەن دېگەن گەپ ئەمەس. بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز.
5. كىرىدىغان ۋاقىتنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، save and continue دېگەن تۈگمىنى بېسىپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز. كېيىنكى قەدەمدە ھەممە تاللاشنى تاللىغاندىن كېيىن، يەنە save and continue دېگەن تۈگمە كۆرۈنىدۇ ۋە ئۇنى بېسىپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز. رەسىمدىكىدەك:
6. بۇ قەدەمدە ئەمدى قولىڭىزغا پاسپورتىڭىزنى ئېلىپ تەييار بولۇڭ ۋە تۆۋەندىكى رەسىم بۇيىچە ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولدۇرۇڭ:
ئەسكەرتىش: يۇقارقى ئۇچۇرلاردىكى Mother’s Name, Father’s Name, Type of Supporting Doc. قاتارلىقلاردىن باشقا ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى پاسپورتىڭىزدىن تاپالايسىز، شۇڭا قالغان مەزمۇنلار بىردەك پاسپورتىڭىزدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ كېرەك، بەكرەك بىلمىسىڭىز پاسپورتىڭىزدا Date of Birth, Place of Birth, Passport Number, Passport Issue Date, Passport Expiry Date دېگەن خەتلەر بار، شۇ خەتلەرنى تېپىپ، ۋىزا ئىلتىماس قىلىش بېكىتىدىكى ئوخشاش خەتلەرنى تېپىپ مۇناسىۋەتلىك يەرلەرنى توغرا قىلىپ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا دىققەت قىلىدىغان بىر ئىش، كونا پاسپورتتا ئىسىم – فامىلە ئۇلاپ چىقىدىغان بىر ئەھۋال بار، بۇ ئەھۋالدا پاسپورتىڭىزدىكى First Name سىزنىڭ فامىلىڭىز، Surname بولسا سىزنىڭ ئىسمىڭىز بولىدۇ. Surname ئىنگىلىزچە فامىلە، First Name ئىنگىلىزچە ئىسىم دېگەن گەپ بولۇپ، يەنى كونا پاسپورتتا بۇ ئىككىسى ئالمىشىپ، ئىسمىڭىز فامىلە بولۇپ، فامىلىڭىز ئىسىم بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن: مەمەت تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئەركەكنىڭ كونا پاسپورتتىكى يېزىلىشى MAIMAITI TUERXUN بولۇپ، پاسپورتتىكى ئەھۋال بۇيىچە بۇ كىشىنىڭ ئىسمى(First Name) تۇرسۇن، يەنى TUERXUN ، فامىلىسى(Surname ) بولسا مەمەت، يەنى MAIMAITI بولىدۇ.
يەنە مەسىلەن: نورمال ئىسم- فامىلىسى زۇبەيدە تۇرسۇن بولغان بىر ئايالنىڭ پاسپورتتىكى ئىسىم – فامىلىسى تۇرسۇن زۇبەيدە بولىدۇ. ناۋادا پاسپورتىڭىزدىكى ئىسىم – فامىلىڭىز ئۇلاپ يېزىلغان شۇنداقلا ئىسىم(First Name) ۋە فامىلە(Surname ) ئايرىلمىغان بولسا يۇقارقى ئۇسۇل بۇيىچە ئالماشتۇرۇپ يازسىڭىز بولىدۇ.
7. ئەمدى قالغان ئۈچ بوشلۇق قالدى، E-mail address دېگەن بوشلۇققا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى، Phone Number دېگەن يەرگە بىر تېلىفون نومۇرنى، Address دېگەن يەرگە ئادرېسىڭىزنى يېزىڭ. بولۇپمۇ ئېلخەتكە ئۆزىڭىز مۇقىم ئىشلىتىدىغان ئېلخەتنى يېزىڭ:
8. يۇقارقى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ بولغان بولسىڭىز، save and continue دېگەن تۈگمىنى باسسىڭىز بىر كۆزنەك سەكرەپ چىقىدۇ، ئۇ كۆزنەكتىكى ئۇچۇر سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىز ۋە تۈركىيەگە كېلىدىغان ۋاقتىڭىز ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بولۇپ، تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىشىڭىز كېرەك. مەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، تۆۋەندىكىدەك:
ناۋادا ئۇچۇرلىرىڭىزدا خاتا بولغان جاي بولسا كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى Edit دېگەننى بېسىپ تەھرىرلەشكە ئۆتسىڭىز بولىدۇ. خاتالىق بولمىسا، Verify دېگەن خەتنى بېسىڭ.
9. Verify دېگەن خەتنى باسقاندىن كېيىن، تۆۋەندىكىدەك بىر كۆزنەك چىقىپ، مەشخۇلاتلارنىڭ تامام بولغانلىقىنى، ئەمدى ئېلخەتنى تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. تۆۋەندىكىدەك:
ئەمدى دەرھال جەدۋەلنى تولدۇرغاندا ئېلخەتنى تەكشۈرۈڭ، ئون مىنۇتقىچە ئېلخەت كەلمىگەن بولسا Resend e-mail دېگەننى بېسىپ قايتا تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا ئېلخەت يەنە كەلمىگەن بولسا ياكى ئېلخەت ئادرېسىنى خاتا يازغانلىقىڭىزنى ھىس قىلغان بولسىڭىز ئېرىنمەي يۇقارقى 1-باسقۇچدىن باشلاپ قايتا كېلىڭ. ماڭا كەلگەن ئېلخەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
10. ئەمدى «بۇرادەرلەر» دەيدىغان يەرگە كەلدۇق. ئېلخەت كەلگەندىن كېيىن، پاسپورتىڭىزنى ئىنتايىن چىڭ بىر يەرگە تىقىپ، تىقىپ قويغان ئىناۋەت كارتىڭىزنى چىقىرىپ تەييار بولۇڭ. بۇ قەدەمدە ئېلخېتىڭىزگە كەلگەن خەتتىن، Approve دېگەن تۈگمىنى بېسىڭ ۋە تۆۋەندىكى جايغا ئىناۋەت كارتىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ Make Payment دېگەن خەتنى بېسىپ، پۇل تۆلىسىڭىزلا بولىدۇ:
11. پۇل تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا ئېلىكترونلۇق ۋىزىڭىزنى ئەۋەتىدۇ، تۆۋەندىكىدەك:
مۇشۇنداق ئۇچۇر كەلگەن بولسا، دېمەك سىزنىڭ ئېلىكترونلۇق ۋىزىڭىز تەييار بولدى دېگەن گەپ. ئەمدى سىز Download دېگەن يەرنى بېسىپ ۋىزىڭىزنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز ئاندىن ئۇنى A4لۈك قەغەزگە بېسىپ چىقىرىۋالسىڭىز بولىدۇ. تۈركىيەگە كەلگەندە جۇڭگو چىگرىسى ۋە تۈركىيە چىگرىسىدىكى تاموژنىلارغا شۇ ۋىزىنى بېسىپ چىقىرىۋالغان قەغەزنى كۆرسەتسىڭىزلا بولىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسىنىغۇ بېجىرىۋالدىڭىز، ۋىزىنى كۆتۈرۈپلا تۈركىيەگە كېلىۋەرسىڭىز بولامدۇ؟ بىلمەيمەن، توردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا تۈركىيە چىگرىسىدىن، ئىككى ھەپتىلىكمۇ ياكى بىر ئايلىقمۇ ئىشقىپ، قانچىلىك تۇرۇشنى پىلانلىغان بولسا شۇنچىلىك ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدىكى بىر مېھمانخانىلاردىن ياتاق زاكاس قىلغانلىق ھۆججىتى(ياتاقلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى كۈنلىكى 50 دوللار)، تۈركىيەدىن جۇڭگوغا قايتىش بېلىتىنى سورايدىكەن، بۇلارنى كۆرسەتمىسىڭىز چىگرىدىن كىرگۈزمەيدىكەنمىش. شۇڭا ھەر ئېھتىمالغا قارشى كېلىشدىن بۇرۇن، شۇ ئەھۋاللارنى ئوبدان سۈرۈشتۈرۈپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مەزكۇر دەرسلىكدىكى بىر قىسىم رەسىملەردىكى خەتلەر تېلىفوندا ياخشى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا يازمىنى كومپىيۇتېردا كۆرۈشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز، بلوگىمىزنىڭ ئادرېسى: www.uyghurbeg.cn
ئۇنىڭدىن باشقا، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېلىكترونلۇق ۋىزىنى بىجىرەلمىگەنلەرگە مەن خالىس ئەمەس، ھەق ئېلىپ ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ بېرىشنى خالايمەن. ھەقلىق مۇلازىمەت لازىم بولغانلار uyghurbeg@yahoo.com ئادرېسىدىكى ئېلخەت بىلەن ئالاقە قىلساڭلار بولىدۇ. چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا، بلوگدا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز ۋاقتىمنىڭ چىقىشىچە جاۋاب بەرگۈسىمەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ئۇيغۇربەگ تور بەگلىكىگە مەنسۇپ، ھەرقانداق شەخىسلەر ۋە ئورگانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت يوق. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلدى:
17,354 گىرادۇس 27