ھەر كېچىنىڭ مۇشۇ پەيتىدە

ھەر كېچىنىڭ مۇشۇ پەيتىدە

دۈشۈنجەلى ئۇيغۇربەگ

ھەر كېچىنىڭ مۇشۇ پەيتىدە

خوشنام ئەرەپلەرنىڭ گەپ قىلىشلىرى

ئەرەپ مىللىتىنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان

يۇقىرى چاستۇتىلىق تاۋۇشلىرىنى

ماڭا مىڭ رەت ئىتىراپ قىلغۇزىدۇ

ئۇلارنىڭ ھەر بىر تاۋۇشىدا

ياتاقنىڭ تاملىرىمۇ غىژىلدىشىپ كېتىدۇ

ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىغا

ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدا قويۇلغان تېلىۋېزورلىرى تەڭكەش بولىدۇ

ئۇلارنىڭ يىرتىلماس قۇلاق پەردىسى بار

ئۇلارنىڭ پۈتمەيدىغان ئۈنى بار

ئۇلار كۈندۈزى ئۆلۈكدىن جىمجىت

ئەمما مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇلار دۇنيارىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلايدۇ

ئۇلار ۋاقىراشمايدۇ

ئەمما نورمال گەپلىرىنىمۇ

ئۇلار ئۇرۇشۇۋاتامدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن

ئەجەبا

ئۇلاردا تۆۋەن ئاۋازدا پاراڭلىشىش دېگەن ئاڭ يوقمىدۇر؟

ئەجەبا

ئۇلار باشقىلار ئەرەبچىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ دەپ ئويلاپ شۇ چىرقىراق تەلەپپۇزدا پاراڭلىشامدىغاندۇ؟

ئەجەبا

ھەبىبىي، يەللا، جەمال

ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يۈرۈكۈمگە چىڭ ئورناتتىم

ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى مىڭ قېتىم قاقتىم

ئۇلار ئادەم ئەمەسمىدۇ

بەلكىم ئادەمدۇر

توختا

ئۇلار ئادەم بولسا

ياكى مەن ئەمەستۇرمەن ئادەم

ئۇلار ئادەم بولمىسا

بەلكىم ئېشەكتۇر؟

ياق، ئېشەككە ئەلەم قىلغۇم يوق

لېكىن

ھەر كېچىنىڭ مۇشۇ پەيتىدە ماڭا يوق ئارام

ھەبىبىيلەر دەستىدىن ئۇيقۇ ماڭا ھارام.

قۇلۇقۇم گاس بولسۇنمۇ؟

ياكى ئۇلار گاچا بولسۇنمۇ؟

ئاھ خۇدا

بۇ كېچىنى تۈگەتكۈدەك سەۋر ئاتا قىل…

2015-يىلى 6-دېكابىر

67 گىرادۇس 0

كىتابسىز مونولوگ

كىتابسىز مونولوگ

دۈشۈنجەلى ئۇيغۇربەگ

‎بۈگۈن كىتاب ھەققىدە سۆز قىلمايمىز

‎شېئىر ھەققىدە ھەم

‎بۈگۈن ئىجادىيەت ھەققىدە سۆز ئاچمايمىز

‎دۇنيادا غىچچىدە غەم

‎بۈگۈن قۇرىمىز كىتابسىز بىر رېتىم

‎بىتچىت قىلىمىز

‎ھاياتسىز پۈتكەن قۇرلارنى

‎ھاياسىز پۈتكەن مىسرالارنى

‎بۈگۈن

‎يازغۇچىنىڭ ۋىجدانىنى جىڭلايمىز

‎شائىرنىڭ ئىمانىنى تىڭلايمىز

‎بۈگۈن

‎ھەممە نەرسىنى يېڭىدىن باشلايمىز

‎بۈگۈن

‎يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك

‎يېڭى ئېچىلغان چىچەكتەك

‎كىتابسىز بىر مونولوگ تۈزەيمىز

‎2015-يىلى 5-دېكابىر

96 گىرادۇس 2

بىر ھەۋەسكار شائىرنىڭ ئىقرارلىرى

بىر ھەۋەسكار شائىرنىڭ ئىقرارلىرى

دۈشۈنجەلى ئۇيغۇربەگ

شېئىرغا ھەۋىسىم بار، ياخشى يازالمايمەن،

يازغاننى كۆرسەم ئوقۇپ ھۇزۇر ئالالمايمەن.

ھۇزۇر ئالدىم دەپ ئوقۇغان شېئىرىمنى

يا سىياسەتكە، يا تارىخقا باغلاپ قويىمەن

دە شېئىرنى قىيناپ قويىمەن.

شېئىر ئوقۇي دەپ بىر مۇنچە تىللارنى ئۆگىنىمەن،

ئۆز تىلىمدىن بەكرەك باشقا تىللاردىكى شېئىرلاردىن ھۇزۇر ئالدىم دەپ ئويلايمەن.

باشقا تىلدىكى شېئىرنى چۈشۈنۈش خويمۇ ئاسان،

چۈنكى،

ئوقۇغۇنىڭ – چۈشەنگىنىڭ دېمەكتۇر.

ئېرىقدىن قولۇڭدا ئوچۇملاپ ئالغان سۇدەك

ئېنىق ۋە سۈزۈكدۇر.

قولۇڭنى كۆرگەندەكلا ئۇچۇقتۇر.

ھۇزۇر ئالغان باشقا تىلدىكى شېئىرلىرىمنى ئۆز تىلىمغا ئۆزلەشتۈرمەكچى بولىمەن،

ئەمما قاملاشتۇرالمايمەن.

باشقىلار ئۆزلەشتۈرگەن شېئىرنى كۆرسەم

ئەسلى پۇراقنى يوقىتىپتۇ دەپ ئاغرىنىمەن.

ئاچچىقىمدا ئۆزەم بىر تەرجىمە قىلىپ چىقاي دەپ يېڭىمنى تۈرىمەن،

ۋە ئۇ شېئىرنى ئۆلتۈرۈپ قويىمەن.

2014-12-3 ئىستانبۇل

113 گىرادۇس 0

مەنمىدىم؟

مەنمىدىم؟

ئۇيغۇربەگ

‎يوقسۇ دوستۇم

‎خاتىرەڭدىكى شۇ ئىنسان مەنمىدىم؟

‎ئېيتقىنىڭدەك ئاتەش يۈرەك مەنمىدىم؟

‎ئىلىمگە يۈرەك سوققان مەنمىدىم؟

‎يۇرتقا تۆھپە قوشماقچى مەنمىدىم؟

‎نامەرتكە پەشۋا ئاتقان مەنمىدىم؟

نېنىنى ھالال تەرىدە يېگەن،

زۇلمەتنى يوقىتىمىز دېگەن،

بىز

ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمۈدى

دېگەن بالا مەنمىدىم

‎ياق، ياق

‎قارا شۇ مۈكچەيگەن ھالىمغا

‎سۈرەتتىكى نەۋقىران مەنمىدىم

2015-يىلى

117 گىرادۇس 4

ئاغرىغاندا

ئاغرىغاندا

ئۇيغۇربەگ

چەكسىزلىكنىڭ ئۇپۇقىدىن چۆچۈپ كەلدىم

بىر شەكىلدە ئاغرىغاندا

جان تاتلىق ئىكەن ئەسلى

ئارزۇلىرىم كەتتىغۇ توختاپ

ئاچچىق كۈلۈۋاتىدۇ

دېسەم – دېمىسەم

رەھىمسىز تەقدىرىم شۇتاپ

بوينۇمغا دار يىپى باغلانغاندەك

تەمتىرىدىم لوقماننى ئىزدەپ

كۆزلىرىمگە كۆرۈنۈپ كەتتى

غەربنىڭ-شەرقنىڭ تىبابىتى

خىيالىمغا ئولاشتى قاتار

مىللى تىبابەتنىڭ ئۈگۈتلىرى

تېخى بايا

يۈگۈرەپ يۈرگەنتىم قۇيۇندەك

ئەمدى ۋاقىت مېنى مىنمەكتە

مەن بولسام ۋاقىتنى يېمەكتىمەن

قولۇمدا كىتاب

تىلىمدا خىتاب

خىزىر ئەلەيھىسالام نەدىسەن!

بۈرزۈكۋارىم غېنىباي

تۇمۇرۇمنى بىر تۇتساڭ

كېسىلىمنى بىر ئۇتساڭ

ۋادەرىخا

ئاشقازىنىم ئاغرىۋاتىدۇ

پىكىرلىرىم ئاغرىۋاتىدۇ

قەلەملىرىم ئاغرىۋاتىدۇ

مەنمۇ ئاغرىۋاتىمەن…

2015-يىلى 16-ئۆكتەبىر

115 گىرادۇس 0

بىر شائىرنىڭ ئۆزۈرى

بىر شائىرنىڭ ئۆزۈرى

 ئۇيغۇربەگ

ئەي قەلىمىم،
بىلىۋاتىمەن مەندىن رەنجىدىڭ،
سىياھ قۇسۇپ بىر پەس تىنجىدىڭ.
يازالمىدىم سەندە نەسىھەت،
قۇرالمىدىم سەندە سەلتەنەت.
ياراتمىدىم سۆيگۈنى قايتا،
ماختىمىدىم مەجنۇننى ئەسلا.

مەن نېمە قىلدىم؟
مەن ئۇزۇن سۈكۈت قىلدىم،
قىيا تاشنى ئۆرنەك قىلدىم.
شىلدىرلاپ ئاققان سۇلارنى ئەمەس،
گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلنى ئەمەس،
تىۋىشسىز دەرەخلەرنى تۇتېم قىلدىم،
تىمتاس قىرغاقلارنى ئۇدۇم قىلدىم.
بەرھەق!
مەن سۈكۈتنى كېپەن قىلدىم،
قورقۇنچنى چاپان قىلدىم،
ئىلھامىمنى ئولپان قىلدىم.
مەن
ھاياتنى دەپ ھاياتنى ياقتىم،
ئۆزۈم سۆيمىگەن ئىشىكنى قاقتىم…

سۇنمىدىڭ قەلىمىم، سۇنمىدىڭ،
سەن سۇنمىدىڭ مەن سۇلدۇم،
مەن
ئانام قىلغان دۇئالارنى،
ئاتام يارغان ئوتۇنلارنى،
ئاكام يازغان شېئىرلارنى،
بالىلىقىمدا ئالغان ئۈمىدلەرنى،
ھەسرەت ئىچىدە يۈتتۈم.

قەلىمىم،
مەن ۋەتەننى، مەن ئانامنى، مەن ئاكامنى،
ماتەم ئىچىدە سېغىندىم…

2015-يىل 7-ئاۋغۇست ئىستانبۇل

153 گىرادۇس 3

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى مۇستاپا جەجەلى – گۈل رەڭگى

 ئۇيغۇربەگ-GECEMUZIKMASTER_07_copy

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. خەتلىك ناخشا يوللىمىغىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، سەۋەبى يوللايدىغان يەرمۇ يوق شۇنداقلا ئۆزۈممۇ ئالدىراش بولۇپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئالدىنقى مەزگىلدە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ پۈتتۈرۈپ قويغان ئىككى ناخشام بار ئىدى، بەلكىم يېڭى ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان دوستلار بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن خىيال بىلەن، شۇ ناخشىنىڭ بىرى بولغان تۈرك چولپانى مۇستاپا جەجەلى ئىجراسىدىكى مۇھەببەتلىك لىرىكا «گۈل رەڭگى»نى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، قېنى مەرھەمەت.

1,164 گىرادۇس 8

[ يېڭى ئىجادى ئەپ] ئالما ۋە ئەنجۈر تېلىفونلىرى ئۈچۈن «ئۆتكۈرنامە» قازناقتىن چىقتى

app-icon

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدىنقى قېتىملىق يازمامدا ئېيتىلغاندەك، ئىزدىنىشىمنىڭ نەتىجىسىدە پۈتكەن «ئۆتكۈرنامە» ناملىق ئەپ ئاخىرى ئەپ بازىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئەپ دۇكىنىغا يوللاندى. ئەي، ئەنجۈر تېلىفون ئابۇنتلىرى، يېشىڭلارنى سۈرتىۋېتىڭلار، سىلەرمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئىكەنسىلەر، بۇ قېتىم سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. بۇدا «ئۆتكۈرنامە»نىڭ ئۇلى ئاندروئىد ئۈچۈنمۇ سوقۇلدى. مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەپنى چۈشۈرمەي، تارقاتماي يۈرۈشكە قەلبىڭىز قانداق ئۇنىسۇن؟ ئەمىسە، يازمىنىڭ داۋامىغا نەزىرىڭىزنى دەھشەتلىك ئاغدۇرۇڭ…

2,726 گىرادۇس 14

يىگىرمە ئالتە ياش

يىگىرمە ئالتە ياش
مۇھەممەتئېلى نىياز ئۇيغۇربەگ

ئايمىدۇر يا كۈنمىدۇر ئۆمرۈم
يوللىرىمغا قەھرىنى چاچقان
غەممىدۇر ياكى دەردمىدۇر تۇيغۇم
تومۇرۇمدا چىچەكلەر ئاچقان.

نەۋباھارنى قوغلاشقان ئىدىم،
زىمىستانغا بوپ قالدىم ئەسىر.
نە ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتتىم،
ئۆتمۈشۈمدىن يارىتىپ قەسىر.

رەنجىيەلمەيمەن سېنىڭدىن پەلەك،
ئۈمۈدلىرىمگە جۇدۇنلار تەردىڭ.
يىگىرمە ئالتە ياشدەك چىراي بىلەن تەڭ
سەكسەن ياشتەك ئەلەمنى بەردىڭ.

2015-يىلى 21-نۇيابىر

420 گىرادۇس 4

يېڭى ئەپ «ئۆتكۈرنامە»نىڭ قوزغىلىش رەسىم ۋە ئايكون لايىھەسى

app-icon

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېقىندا بىر قانچە ئايلىق تەييارلىق ۋە ئىزدىنىش داۋامىدا پۈتكۈزگەن مەرھۇم شائىر، يازغۇچى، ئەدىپ ۋە ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ توقسان پارچىدىن ئارتۇق شىئىرلىرىدىن پۈتۈلگەن «ئۆتكۈرنامە» ناملىق ئەپنى ئەپ بازىرىغا يوللاپ بولدۇم. ئەپ ئېلان قىلىنىشدىن بۇرۇن، ياش لايىھىلىگۈچى ئابلىمىت ئابلەت(Giant) لايىھەلىگەن ئەپ قوزغىلىش رەسىمى بىلەن ئايكونىدىن ھۇزۇر ئالايلى.

1,296 گىرادۇس 8

سەن كەتكەندە

سەن كەتكەندە

سەن كەتكەندە جان دادا،
سورىغانتىم سېنى ھەممىدىن.
مومام دېدىكى،
جەننەت دېگەن يەرگە كەتتى،
پات يېقىندا كېلىدۇ قايتا.

تاغام دېدىكى،
ساڭا ماشىنا ئالغىلى كەتتى،
پات ئارىدا كۈلىدۇ قايتا.

دوستلىرىڭ دېدىكى،
ئوغلۇم ئېلى
داداڭ يىراق يەردە سېنى كۈتمەكتە،
سەن ئەر بولغاندا قايتىپ كېلىدۇ.

 

سېنى كېلىدۇ دېگەنلەر
قاتار بولۇپ كەتتى پىشىڭدىن.
مەن ھەم سېنى كۈتەر ئەر بولدۇم،
لېكىن سەن كەلمىدىڭ.

2015-يىلى 25-ئاۋغۇست

730 گىرادۇس 9

بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە

بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە

بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە،
سائەتلەر ھالسىز.
بىر توپ ئادەم سىياقلار،
يۈرىشەر جانسىز.
ئادەم دېمە، چىرايلار
مۇز تەلەت، قانسىز.
ھۇدۇقىشار جۈپ كۆزلەر،
يۈرەكلەر ئەنسىز.

 

بۈگۈن كۈنگە يەكشەنبە.
كوچا لىق مۇردا.
مەسچىت جىمجىت، گۆر جىمجىت،
دىلدا يوق خۇدا.

 

2015-يىلى 25-ئاۋغۇست

414 گىرادۇس 0