تۈرك داڭلىق ناخشىچىسى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى ئالبۇمى : ئەھدىگە ۋاپا

tarkan - ahde vefa

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بەلكىم بىلىشىڭلار مۇمكىن، مەن تۈركىيە مېگا سىتارى ياكى ئۇيغۇرچە دېسەك داڭلىق ناخشىچىسى تاركاننىڭ سادىق پىنتوزىسى. يېقىندا، تاركان ئەڭ يېڭى پىلاستىنكىسى «ئەھدىگە ۋاپا»(Ahde vefa) ناملىق پىلاستىنكىسىنى ئېلان قىلىپ مېنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. تېخىمۇ خۇش قىلغىنى بولسا، مەن يانچۇقتىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋېلىشىنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا، ۋاڭيى مۇزىكىسى(网易音乐)دە بۇ پىلاستىنكىنى چىقىرىپ بوپتۇ، قېنى سىلەرمۇ بىر ئاڭلاپ بېقىڭلار…

196 گىرادۇس 4

مەرھۇم تۈرك سەنئەتكارى «كاياخاننىڭ ئەڭ ئېسىل ناخشىلىرى» پىلاستىنكىسى

مەرھۇم تۈرك سەنئەتكارى كاياخاننىڭ ئەڭ ئېسىل ناخشىلىرى توپلىمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.  تۈركچە ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا مەرھۇم تۈرك سەنئەتكارى كاياخاننىڭ قايتا ئېيتىلغان ناخشىلىرىدىن پۈتۈلگەن پىلاستىنكا «كاياخاننىڭ ئەڭ ئېسىل ناخشىلىرى» ناملىق پىلاستىنكىنى تەۋسىيە قىلىمەن. كاياخاننىڭ ناخشىلىرى لىرىكىلىق، مەزمۇنلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاركان، ئەمرە ئايدىن، مۇستافا جەجەللى، گۈلشەن، سەزەن ئاقسۇ، سېلا، جاندان ئەرچەتىن، ئاژدا پەككان، نىلوفەر، مەھمەت ئەردەم قاتارلىق داڭلىق تۈرك ناخشىچىلىرى كاياخاننىڭ ناخشىلىرىغا قايتىدىن جان بىرىپتۇ. تۈركىيەدىكى نۇرغۇن رادىئولاردا بۇ ناخشىلار ئۈزۈلمەي قۇيۇلىۋاتىدۇ، شەخسەن مەنمۇ ھازىر قايتا – قايتا ئاڭلاۋاتىمەن.

975 گىرادۇس 8

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى مۇستاپا جەجەلى – گۈل رەڭگى

 ئۇيغۇربەگ-GECEMUZIKMASTER_07_copy

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. خەتلىك ناخشا يوللىمىغىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، سەۋەبى يوللايدىغان يەرمۇ يوق شۇنداقلا ئۆزۈممۇ ئالدىراش بولۇپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئالدىنقى مەزگىلدە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ پۈتتۈرۈپ قويغان ئىككى ناخشام بار ئىدى، بەلكىم يېڭى ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان دوستلار بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن خىيال بىلەن، شۇ ناخشىنىڭ بىرى بولغان تۈرك چولپانى مۇستاپا جەجەلى ئىجراسىدىكى مۇھەببەتلىك لىرىكا «گۈل رەڭگى»نى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، قېنى مەرھەمەت.

1,165 گىرادۇس 8

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى – قەسەم قىلدىم

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى – قەسەم قىلدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدىنقى قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن خەتلىك فىلىم ئىشلەشدىن ئىنتايىن سوۋۇغان بولساممۇ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ياخشى دەپ قارايدىغان ھەۋىسىمنى توختىتىپ قويۇشقا مەيلىم بارمىدى(ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!). يېقىندا مەن ياخشى كۆرىدىغان تۈرك چولپانى تاركان مەرھۇم شائىر، ئۇستاز ۋە ناخشىسى كاياخاننىڭ ناخشىسى بولمىش « قەسەم قىلدىم » ناملىق ناخشىنى قايتا ئېيتقاندىن كېيىن، ناخشاخۇمارلىقىم تۇتۇپ، ناخشىنى خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقتىم. ئىشىنىمەنكى، بلوگىمدىكى خەتلىك ناخشا ھەۋەسكارلىرى مەزكۇر ناخشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغۇسى.  ناخشىنى ھەر قايسى فىلىم بېكەتلىرىگە يوللىغان بولساممۇ، تەستىقلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلەن تەمىنلىگۈسىمەن. ئادرېس يازما ئىچىدە…

2,609 گىرادۇس 40

ناخشىلاردا ئىستانبۇل

Nuri_Bilge_Ceylan_副本

ئىستانبۇلغا كېلىشدىن بۇرۇن، تۈركچە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئىستانبۇلغا ئائىت پارچىلارنى تېپىپ ئوقۇشقا، بۇ ئارقىلىق مەن بارماقچى بولغان بۇ گۈزەل شەھەر ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشقا تىرىشاتتىم. گەرچە، بۇرۇن ماڭا يادا بولۇپ كەتكەن بىر مۇنچە تۈركچە ناخشىلاردىن ئىستانبۇل دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ سۆزگە ئانچە ئىرەڭشىپ كەتمەپتىكەنمەن، كېيىن بىلسەم، ئاشۇ ناخشىلار ئەسلى شۇ بىر «ئىستانبۇل» سۆزى بىلەن ماڭا نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

3,343 گىرادۇس 27

ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!

ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!

«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» نامىدا خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىپ كەلگىنىمگە بەش يىلدىن ئېشىپتۇ. دەسلەپتە، خەتلىك فىلىم ياساشنى ھەۋەس سۈپىتىدە ئۆگىنىپ باشلىغان بولسام، كېيىنچە خەتلىك فىلىم ياساشنى ئۆزۈمنىڭ دەرسدىن سىرتقى بوش ۋاقتىمنى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش پىلانىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ تىل ئۆگىنىش مەقسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرغان ئىدىم. بۇ بەش يىل جەرياندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە كىنو، كۆپ قىسمى تۈركچە بولغان 250گە يېقىن ناخشا، 10غا يېقىن نوتۇق تەرجىمە قىلىپتىكەنمەن، شۇنداقلا، بۇ فىلىملىرىمنى مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىلىمىزدىكى ئەڭ پاكىز، ئەڭ ياخشى بولغان يوۋكۇغا يوللاپ تۇرغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن قىلغان بولغاچقا، تەسىرى ۋە ئۈنۈمىنى ئويلىشىپ يۈرمىگەن ئىدىم. تۈركىيەگە كېلىپ بىلسەم، شۇ خەتلىك فىلىملەرنىڭ ئىنتايىن داڭقى بار ئىكەن، بولۇپمۇ تۈركچە-ئۇيغۇرچە خەتلىك ناخشىلار بىر قىسىم تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن رولى بوپتۇ؛ بەزى ناخشىلار دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم چوڭ رېستوران-ئارامگاھلارنىڭ دائىم قۇيۇلۇپ تۇرىدىغان ناخشىسىغا ئايلىنىپتۇ، ھەتتا دوۋبەن دەيچىلەر ئۇ ناخشىلارنى توپلاپ دەي قىلىپ سېتىشقا ئۈلگۈرۈپتۇ، ئىشقىلىپ، مەن بىلىپ-بىلمەي قىلغان بۇ ئىشلارنىڭ باشقىلارغا ئازدىن كۆپتۇر پايدىسى تىگىپتۇ. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇسكى…

3,751 گىرادۇس 39

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] بەنگۈ ئىجراسىدا – ھۆرمىتىمدىن

Bengu - saygimdan

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئادانا سەپىرىم تۈگىگەندىن كېيىن، سىلەرگە بىر خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم، شۇنچە قېتىملىق ئىمتىھانلاردىن كېيىن كەمىنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش ۋە تەتقىقاتى كەسپىگە ماگېستىرلىق ئاسپىرانتى بولۇپ قوبۇل قىلىندىم(چاۋاك چېلىۋەتمەمسىلە؟). تۈركىيەدىكى ئۆز خىراجىتىم بىلەن ماگېستىرلىققا قوبۇل قىلىنىش جەريانىم تولىمۇ مۇشەققەتلىك ۋە مەنىلىك بىر چېنىقىش بولۇپ قالدى، ئىنشائاللاھ، مۇشۇ ھەققىدە كېيىنرەك بىر ماقالە يازغۇسىمەن. خوش، ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى بلوگىمغا خەتلىك ناخشا يوللىماي كەلگەن ئىدىم، ھەقاچان خەتلىك ناخشىلارغا ئىشتىھايىڭلار بار ھەقاچان. بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا خېلى بۇرۇن پۈتتۈرۈپ قويغان خەتلىك ناخشا «ھۆرمىتىم»نى سۇنماقچى بولىۋاتىمەن، ئىشىنىمەنكى، بۇ ناخشا سىلەرگە چوقۇم تېتىپ قالغۇسى. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ  تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بولغان ھامان مەزكۇر تېمىدا قالدۇرۇپ قويىمەن، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

2,473 گىرادۇس 15

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] نىل كارائىبراھىمگىل ئىجراسىدا – قاناتلىرىم بار روھۇمدا

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] نىل كارائىبراھىمگىل ئىجراسىدا – قاناتلىرىم بار روھۇمدا

تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ۋاقتىمدا، مۇئەللىمدىن بىر تۈركچە تېياتىر تەۋسىيە قىلىشنى ئۆتۈنگەن ئىدىم، مۇئەللىمىم تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن دەپ تۈركىيەدە ئالقىشلىنىۋاتقان تېياتېر «مەدجەزىر»نى تەۋسىيە قىلدى، گەرچە بۇ تېياتېرنى تولۇق كۆرۈپ چىقىشقا ۋاقتىم يار بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ باشتېما ناخشىسى ماڭا ياراپ قالدى. ماڭا يارىغان نەرسە سىلەرگىمۇ يارايدۇ دېگەن ئۈمۈددە، بىكار قالغان ۋاقتىمدا شاق-شۇق قىپلا خەتلىك قىلىپ ئىشلىۋەتتىم. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ  تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بولغان ھامان مەزكۇر تېمىدا قالدۇرۇپ قويىمەن، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

3,559 گىرادۇس 11

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] زۈلفۈ لىۋانەلى – يىگىتىم ئارسلانىم

yigidim aslanim

ئەسلى مەنبەسى تۈركچە بولغان، «مەن نەگە بارالايمەن، ۋاي بارالمايمەن» دەپ ئۇيغۇرچە ئېيتىلىپ، مۇزىكىسىدىكى مۇڭى بىلەن شۇ دەۋردىكى كىشىلىرىمىزنىڭ يۈرەك-تارىنى چەككەن بىر ناخشا بار. بۇ ناخشا ئەسلى «يىگىتىم ئارسلانىم» نامىدا تۈرك سەنئەتكار زۈلفۈ لىۋانەلى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ ئورتاق خورىغا ئايلانغان شۇنداقلا تۈركىيەدىكى بىر قانچە چوڭ يىغىلىشلاردا، نامايىشلاردا بۇ ناخشىنى ئوپچە ئېيتىدىغان كەيپىيات شەكىتلەنگەن. ئالدىنقى يىلى، تۈركىيەدىكى «گازى باغچە ۋەقەسى» نامايىشىدا، تاكسىمدا تۈنىگەن ئوقۇغۇچىلار بۇ ناخشىنى ئورۇنلاپ، ئۆزلىرىگە مەدەت تىلىگەن.

3,670 گىرادۇس 22

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تويگار ئىشىقلى–ھايات كەبى

ferhat_Toygar_isikli_sen_esittir_ben_video_klip_2_副本

خۇددى ھېلىھەم قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتقان ئىدىم، ئەمدى يوقلىقىڭغا ئۆزۈمنى ئۆزۈم بەزلەپ ئاران چىداۋاتىمەن.خۇددى پاجىئەلىك ئاخىرلىشىدىغان ھېچ ھېكايە يوقتەك بىزنىڭكىنىمۇ ياخشى ئاخىرلىشىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، يالغانكەن. ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى، مۇشۇنداق كۈنلەردە توڭلاپ قالىتىڭ، بۇنى بەك ياخشى بىلىمەن. ئىشقىپ، نېمىلا بولمىسۇن ئۆزۈڭگە ئوبدان قارا، ئېسىڭگە يازلارنى كەلتۈرگىن، پات-پات ئۆزۈڭ ھەققىدە ئۇچۇر بىرىپ تۇرغىن، مېنى دېرىزە ئالدىدا تەلمۈرگۈزۈپ ساقلاتما. بىلىمەن، مەندىن كېيىن ھاياتىڭغا باشقا بىرسى كىرگۈسى، نېمىلا بولمىسۇن……بەخىتلىك بولۇشقا تىرىش، بۇنى ھەرگىز ئۇنۇتما. رەھىمسىزسەن، ئىسيانكارسەن، ۋاپاسىزسەن، رىياكارسەن. ھەم گۇناھسىز ھەم گۇناھكار ھايات كەبى……

3,309 گىرادۇس 13

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى – دومبىرا

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى – دومبىرا تۈركىيەنىڭ بەلەدىيە سايلىمى ۋە دۆلەت باشلىقلىرى سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئەردوغاننىڭ پارتىيىسى، يەنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى بولسا ئەسلى تاتارلارنىڭ نوغاي دېئالىكېتىدا ئېيتىلغان ناخشىدىن ئۆزگەرتىلگەن ناخشا «دومبىرا»دۇر. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ  تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بولغان ھامان مەزكۇر تېمىدا قالدۇرۇپ قويىمەن، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

6,162 گىرادۇس 39

[خەتلىك ناخشا ] تۈركىيە ناخشىچىسى ئەمرە ئايدىن ئىجراسىدا يېڭى ناخشا – ئەپسۇس

Emre-Aydin-Ses

ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر كۆڭلى بار، ھەر كۆڭۈل ئۈچۈن بولسا بىر ناخشا بار. يېقىندىن بۇيان مېنىڭ كۆڭلۈمگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ناخشا تاپالماي، كۆڭۈل خانەمگە يۇشۇرۇنغان سىرلىرىمنى ئاشكارىلىيالماي تولىمۇ قىينالغان ئىدىم. تەلىيىمگە يارىشا، كۆڭۈل خانەم ئۈچۈن بىر ناخشا تاپتىم، كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشمىگەن بولسىمۇ، كۆڭلۈمنى ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا ئىنتايىن رازى بولدۇم. بۈگۈن سىلەرگە ئەپ كەلگىنىم بولسا، تۈركىيە ناخشىچىسى ئەمرە ئايدىن ئىجراسىدا يېڭى ناخشا – ئەپسۇس. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ۋە تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

2,989 گىرادۇس 7