[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى – دومبىرا

300x250

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى – دومبىرا تۈركىيەنىڭ بەلەدىيە سايلىمى ۋە دۆلەت باشلىقلىرى سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئەردوغاننىڭ پارتىيىسى، يەنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى بولسا ئەسلى تاتارلارنىڭ نوغاي دېئالىكېتىدا ئېيتىلغان ناخشىدىن ئۆزگەرتىلگەن ناخشا «دومبىرا»دۇر. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ  تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بولغان ھامان مەزكۇر تېمىدا قالدۇرۇپ قويىمەن، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

ناخشا

ئەسلى تېكىسىتى ۋە تەرجىمىسى

Ezilenlerin gür sesidir o

Suskun dünyanın hür sesidir o

Göründüğü gibi olan,

gücünü milletten alan,

Recep Tayyip Erdoğan,

, Halkın adamı Hakkın aşığı

O milyonların umut ışığı

Mazlumlara sırdaş olan,

Gariplere yoldaş olan

Recep Tayyip Erdoğan

Oldu her zaman sözünün eri

Çıktığı yoldan dönmedi geri

Kararlıdır davasında,

anaların duasında

Recep Tayyip Erdoğan,

Sözü dosdoğru yoktur riyası

Zalimlerin korkulu rüyası

İnandığı yolda giden,

Yıllardır beklenen lider,

Recep Tayyip Erdoğan

دومبىرا

(ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى)

ئىزىلگەنلەرنىڭ ياڭراق ئاۋازىدۇر ئۇ
بۇغۇلغان دۇنيانىڭ ھۈر ئاۋازىدۇر ئۇ
كۆرۈنگىنىدەك بىرى بولغان
كۈچىنى ئەلدىن ئالغان
رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان

خەلقنىڭ ئادىمى، ھەقنىڭ ئاشىقى
ئۇ مىليونلىغانلارنىڭ ئۈمىد چىرىقى
مەزلۇملارغا سىرداش بولغان
غېرىبلارغا يولداش بولغان
رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان

تۇردى دېگەن ھەر بىر سۆزىگە دائىم
چىققان يولىدىن ھەم يانمىدى قايتىپ
قارارلىقتۇر داۋاسىدا
ئانىلارنىڭ دۇئاسىدا
رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان

سۆزى توغرا، ھېچبىر يوقتۇر رىياسى
زالىملارنىڭ قورقۇنچلۇق چۈشى
ئۆزى ئىشەنگەن يولدا ماڭار
يىللاردىن بىرى ئىنتىزار بولۇنغان رەھبەر
رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان

2014.04.15 يېڭىلاندى

سۈزۈك نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

2014.04.15 يېڭىلاندى

 چۈشۈرۈش مەخپىي نومۇرى: b5f0 

4,747 گىرادۇس 39


39 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • سەلتەنەت | 04:42 | 2014.03.30 جاۋاب

    ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە قىپسىز چۈشۈرۈش ئادىرسى يوقمۇ ؟ :smile:

    • ئۇيغۇربەگ | 18:29 | 2014.03.31 جاۋاب

      سۈزۈك نۇسخىسىنى تورغا يوللاۋاتىمەن…

  • چاشقان | 12:43 | 2014.03.30 جاۋاب

    تىلى ئۆتكۈر يېزىلىپتۇ. ئات پارتىيەسىنىڭ قانداق پارتىيە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.
    ماندا بىزنىڭ بىلوگقىمۇ چامداپ قويالا، ئۇلىنىش قىلىۋالسىلا ماخما!!

    • ئۇيغۇربەگ | 18:30 | 2014.03.31 جاۋاب

      بلوگ ئادرېسى قانداقتىيا؟

      • چاشقان | 12:45 | 2014.04.2 جاۋاب

        ھازىرچە ئىككىنچى دەرىجىىلىك تور نامى، ئامالسىزلىقتىن بولدى.
        ئادرېس:mouse.arzu3.com

        • ئۇيغۇربەگ | 16:07 | 2014.04.7 جاۋاب

          قوشۇپ قويدۇم چاشقانوف…

  • جان پولات | 16:09 | 2014.03.30 جاۋاب

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم! ئۇيغۇربەگ! قولىڭىزغا ساقلىق. مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ قىممەتلىك شىئېر، ئەسەرلىرىنىڭ ۋېدىيۇ قىلىپ ئىشلەنگەن شەكىللىرى بار ئىكەن، مۇمكىن بولسا شۇلارنىمۇ تەرجىمە قىلسىڭىز ياكى بولمىسا سۈزۈك نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز؟

    • ئۇيغۇربەگ | 18:30 | 2014.03.31 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، شۇلارنىمۇ تەرجىمە قىلايمىكىن دەيمەن، سۈزۈك نۇسخىسىنى ئەۋەتەي دېسەم يوۋتۇب ھەم تاقاق، ھەم كوم ئالدىغا كۆپ ئولتۇرالمىدىم، لېكىن ۋاقىت چىقسا ئىزدىنىپ باقاي…

  • تەشنايى | 07:52 | 2014.03.31 جاۋاب

    خىلى ئوبدان جەڭگىۋار ناخشا ئېكەن بۇ! بۇ ناخشىنى ئاڭلىغاچ كۆزۈمنى شۇنداقلا يۇمسام ئۆزۈمنى جەڭگاھتا كۆرۈپتىمەن، قۇلاق تۈۋىمدىلا موگوسىمان تۈتۈن توزۇتۇپ بىر نېمىلەر پارتىلاۋېتىپتۇ، تەۋبە قىلاي خۇدايم! :shock:

    • ئۇيغۇربەگ | 18:33 | 2014.03.31 جاۋاب

      بايقاڭ، ماشىنىدىن دومىلاپ چۈشۈپ كەتمەڭ ھە…

      • تەشنايى | 12:39 | 2014.04.2 جاۋاب

        سۈزۈك نۇسخىسىنى تېخى چىقىرىپ بولالمىدىلىمە بېگىم؟ ساقلاپ قوياي دېگەن بى

        • ئۇيغۇربەگ | 16:07 | 2014.04.7 جاۋاب

          يوللاۋاتىمەن، يوللاۋاتىمەن، يوللاۋاتىمەن، يەنە بىر قانچە كۈنگىچە يوللىنىپ بولىدۇ…

  • ئابدۇبەگ | 18:17 | 2014.03.31 جاۋاب

    ھەقىقەتەن ياخشى ناخشىكەن

    • ئۇيغۇربەگ | 18:34 | 2014.03.31 جاۋاب

      ياقتۇرىنىڭىزغا رەھمەت

  • بەھرام | 04:27 | 2014.04.1 جاۋاب

    غ ھەرىپىنىڭ ئورنىغا كاتەك چىقىۋاپتۇ بىگىم….

  • بەھرام | 04:59 | 2014.04.1 جاۋاب

    بىگىم بىلوگىمنى دوستانە ئۇلىنىشقا قېتىۋالسىڭىز بوپتىكەن…
    http://bahram.cn

    • ئۇيغۇربەگ | 19:19 | 2014.04.20 جاۋاب

      ئۇلىنىشقا قوشۇلدى بەھرام ئەپەندىم. :lol:

  • ماشاللە | 11:14 | 2014.04.1 جاۋاب

    اللە رازى بولسۇن. ھەجەپ ياخشى چىقىپتۇ. :smile:

    • ئۇيغۇربەگ | 19:20 | 2014.04.20 جاۋاب

      رەھمەت سىزگىمۇ! :razz:

  • يولۇچى | 03:05 | 2014.04.3 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ناخشا ھەقىقەتەن ياخشى ناخشىكەن سۈزۈك نۇسخىسىنى ساقلاپ قويغىدەك . . . ..
    مىنىڭ يوقسۇل كەپەمنىمۇ دوستانە ئۇلىنىشقا قېتىۋالسىڭىز مەنمۇ ئۇلىنىشقا قۇشۋالدىم سىزنى ( http://www.yoluqi.net )

    • ئۇيغۇربەگ | 16:07 | 2014.04.7 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم.

  • ياشلىما | 03:58 | 2014.04.5 جاۋاب

    سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ قويسىڭىز بېگىم

    • ئۇيغۇربەگ | 16:10 | 2014.04.7 جاۋاب

      يوللاۋاتىمەن، يوللىنىپ بولغان ھامان تېمىغا قوشۇپ قويىمەن.

  • سۈكۈت | 14:58 | 2014.04.5 جاۋاب

    تەشەككۈر سىزگە!

    • ئۇيغۇربەگ | 16:10 | 2014.04.7 جاۋاب

      سىزگىمۇ رەھمەت…

  • پاسئان | 15:20 | 2014.04.5 جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئېنىم، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟ pas.an@163.com غا ھېساپ نومۇرىڭىز ۋە بوشلۇق، ئىسىم ئۇزارتىش ھەققىنىڭ سوممىسنى قالدۇرسىڭىز.

    • ئۇيغۇربەگ | 17:58 | 2014.04.9 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئېلخەت كەتتى…

  • […] تەرجىمىدە ئۇيغۇربەگ […]

  • ئۇيغۇربەگ | 05:47 | 2014.04.15 جاۋاب

    چۈشۈرۈش ئادرېسى قوشۇلدى.

    • سالىھ | 13:37 | 2014.04.16 جاۋاب

      ئۇيغۇربىگ ئەپەندىم يوللاش ئادرىسىغۇ باكەن ئەمما مىماسىنىمۇ يوللىۋەتسىلە بوپتىكەن

      مەن چۇشۇرەلمىدىم

      • ئۇيغۇربەگ | 13:27 | 2014.04.17 جاۋاب

        访问密码:b5f0

  • ئارسلان | 14:17 | 2014.04.15 جاۋاب

    سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرەي دېسەم مەخپىي نۇمۇر سوراۋاتىدۇ بېگىم؟ قازناققا باشلاپ قويۇپ قۇلۇپ سېلىۋالغانلىرى نېمىسى؟ تازىمۇ بەگكە لايىق پومىچىكلىك خىسلەت باركەن سىلىدە ھە؟؟ (دومسايغان چىراي ئىپادىسى)

    • ئۇيغۇربەگ | 13:27 | 2014.04.17 جاۋاب

      بىر قۇشۇق قېنىمدىن كەچكەيلا… :shock:
      访问密码:b5f0

  • قانات | 06:07 | 2014.04.17 جاۋاب

    چۇشرۋالاي دىسەم مەخپى نۇمۇرنى سوراۋاتىدۇ

    • ئۆزخان | 14:42 | 2014.04.19 جاۋاب

      تېمىنىڭ ئۆزىگە يازماي بەزىبىر ئىنكاسلارغىلا سۇس قىلىپ چاپلاپ قوياپتۇ

      b5f0

      • ئۇيغۇربەگ | 19:20 | 2014.04.20 جاۋاب

        تېلىفوندا يوللانغان ئىنكاسلار ئىدى، ھازىر يېڭىلاپ قويدۇم.

  • تەپەككۇر | 09:19 | 2014.05.1 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،شۇنداق جانلىق چىقىپتۇ!!! ئاللاھ رازى بولسۇن!

    • ئۇيغۇربەگ | 18:21 | 2014.05.11 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

  • يارقىن | 10:27 | 2014.06.6 جاۋاب

    بەك جانلىق ئىيتىلغان كەن جۇما ،بەك يارىدى.

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif