تۈركىيە خىزمەت ۋىزىسىگە كېتىدىغان ماتىرىياللار

300x250

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يېقىندا بىر قېرىندىشىم تۈركىيەنىڭ خىزمەت ۋىزىسىنى ئالماقچى بولۇپ، ياردەم سورىغان ئىدى. توردىن ماتىرىيال ئىزدەپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدىم. شۇنداقتىمۇ، تۈركىيەگە خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە كېلىدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن تۈركىيە خىزمەت ۋىزىسىگە كېتىدىغان ماتىرىياللار تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم. تۈركىيە خىزمەت ۋىزىسىنى بېجىرمەكچى بولغانلار نەزەر سېلىپ قۇيارسىلەر.

تۈركىيە خىزمەت ۋىزىسىگە كېتىدىغان ماتىرىياللار تۆۋەندىكىدەك:

1. ئىنگىلىزچە تولدۇرۇلغان خىزمەت ۋىزىسى ئىلتىماس جەدۋىلى. مەزكۇر جەدۋەلنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم قولدا ئىمزا قويۇشى كېرەك. جەدۋەلنى كومپىيۇتېردا ياكى قولدا تولدۇرسىمۇ بولىدۇ.

2. ئەڭ ئاز دېگەندەك 90 كۈن ۋاقتى بولغان ھەمدە ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئاق بېتى بولغان رەسمىي پاسپورت.

3. بۇرۇن تۈركىيەگە بېرىپ باققان بولسىڭىز، تۈركىيەدە بىجىرگەن ئىقامىتىڭىز ياكى شۇ ۋاقىتتا ۋىزا بېسىلغان كونا پاسپورتىڭىز(تاپشۇرىشىڭىز شەرت ئەمەس، ئەمما ئۈمىد قىلىنىدۇ).

4. يېقىندا تارتىلغان ئىككى سۇڭلۇق سۈرەت. رەسىم سۈزۈك تارتىلغان بولۇشى كېرەك، جەدۋەلگە ھەمدە ماتىرىياللارغا ئىشلىتىلىدۇ.

5. تۈركىيەدىكى شىركەتتىن جۇڭگودىكى تۈرك كونسولىغا يازغان تەكلىپنامىسى. تەكلىپنامىگە شىركەتنىڭ ماسئۇلى ئىمزا ئېتىشى ھەمدە تامغا بېسىشى كېرەك.

 

ۋىزا ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ساھىبخان شىركەت ئون كۈن ئىچىدە تۈركىيە ئەمگەك ۋە ئاممىۋى سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ توربېكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

 

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماتىرىيال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق كونسولى تور بېكىتىدىكى 2015-يىللىق خەنزۇچەماتىرىيالىدىن تەرجىمە قىلىندى. تورداشلارنىڭ مەزكۇر يازمىنى پەقەت ماتىرىيال سۈپىتىدە پايدىلىنىشىنى، ئەڭ يېڭى ماتىرىيال ۋە رەسمىيەتلەرنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ياكى ھەر قايسى كونسۇللىقىدىكى خادىملارنىڭ سۈرۈشتە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كەمىنە ئۇيغۇربەگ خىزمەت ۋىزىسىنى بېجىرىش ھەققىدىكى ھېچقانداق سۇئالغا جاۋاب بېرەلمەيمەن ۋە بۇ ھەقتىكى مۇھتاجلارغا ياردەم سۇنۇپ بىرەلمەيمەن.

 

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى رەسمىي توربەت ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك:

http://beijing.emb.mfa.gov.tr/

316 گىرادۇس 3


3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئابدۇبەگ | 16:45 | 2015.04.4 جاۋاب

    ئۇ دىۋان… :mrgreen:

  • ھەنىفە | 05:23 | 2015.04.19 جاۋاب

    ناھايىتى ياخشى مەزمۇنكەن .ماشىائاللاھ رەھمەت.

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


😉 😐 😡 😈 simple-smile.png 😯 frownie.png rolleyes.png 😛 😳 😮 mrgreen.png 😆 💡 😀 👿 😥 😎 ➡ 😕 ❓ ❗