ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز بلوگداشلار، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش داۋامىدا تورغا كۆپ چىقىپ بولالمىدىم، ئەمما سىلەرنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. ئەلھەمدۇلىللا، يېقىندا خىزمەتكە ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشىپ، ئىشلىرىمنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇم. بۇرۇن نۇرغۇن بلوگگېرلارنىڭ ئۇسلۇب ياساپ بېرىش تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ئەمدىلىكتە ۋاقتىم ئازراق بولسىمۇ سېلىككەچ مەزكۇر يازمىنى يوللاپ تۇرۇپتىمەن، WordPress ئۇسلۇب ياساتماقچى ياكى دوراپ ياساتماقچى بولسىڭىز مەزكۇر يازمىغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ…
3,210 گىرادۇس
مۇنبىرىمىز ۋە بەگلىكىمىز، پرېستان، تورخۇمار، چەۋەنداز، شۇنداقلا پاراۋۇز، ئۇسلۇبلاردىن باشقا بېكەت-بلوگلارغا كىرىپ تۇرىدىغانلار قانچىلىككىن؟ تۆۋەندە مەن پات-پات كىرىپ تۇرىدىغان بىرقانچە بېكەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، تىل ئاساسى بارلار پايدىلانساڭلار ئەجەپ ئەمەس. بلوگداشلارنىڭ ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلىما قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
1,140 گىرادۇس
WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىگە بەك كۆنەلمىگەچكە ئەزەلدىن بىرى Windows Live Writer ئىشلىتىپ يازما يىزىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئەمما يېقىندا مەلۇم بىر بلوگنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى ھۆددىگە ئالغاندىن كېيىن، بلوگگېرنىڭ تەلىپى بويىچە يازما تەھرىرلىگۈچىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بىر قانچە قىستۇرمىلارنى ئىزدەپ، ئاخىرى قىستۇرمىسىزمۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشكە قادىر بولدۇم. بۇ يەردە بۈگۈن بۇ رېتسىپنى ھەر قايسى بلوگگېرلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتىمەن.
970 گىرادۇس
WordPress سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى شۇنداقلا WordPress ئۇيغۇرچە نەشىرىنىڭ ئورگان بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مۇرشىدى ئەپەندىمنىڭ شەخسىي مىكروبلوگىدىكى ئۇچۇرلارغا كۆرە يېقىندا يېڭىلانغان WordPressنىڭ تەرجىمىسى ئىشلەنمەيدىكەن، ئەكسىچە پات يېقىندا تارقىتىلىدىغان WordPressنىڭ 3.4 نەشىرى رەسىمىي تارقىتىلغاندا ئۇيغۇرچە تەرجىمە خىزمىتى باشلىنىدىكەن ھەمدە تىز سۈرئەتتە تاماملاشقا تىرىشىدىكەن.
716 گىرادۇس
خوش، سۈيۈملۈك WordPress سېستىمىسى ئۆزىنىڭ ئون يىللىق مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بېكەت سېستىمىسىغا ئايلاندى. WordPress ئارقىلىق مىليونلىغان بېكەتلەر قۇرۇلغاندىن باشقا، يالغۇز ئامېرىكىدىلا نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت ئورگان بەتلىرى شۇنداقلا مېدىيا باشلىرىمۇ WordPress ئارقىلىق قۇرۇلۇپ نورمال مېڭىۋاتماقتا. ئەلۋەتتە، مەزكۇر قەدىناسدىن بىز چوڭ-چوڭ بېكەت ئاچالمىغان بولساقمۇ( ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىدىن باشقا) «2011-يىلىدىكى 10 چوڭ بلوگ»نىڭ توققۇزىنى بۇ سېستىمىدا تەربىيىلەپ چىقتۇق. خوش، بايا شۇنداق بىر پاراڭ قۇلىقىمغا كىرىپ قالدىكى…ئاڭلاشنى خالىسىڭىز يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت!…
1,425 گىرادۇس