WordPressنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى نەشىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمايدۇ!
-
سەھىپە:WP ئۇچۇرلىرى
باھا:7 دانە
25-04-2012
WordPress سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى شۇنداقلا WordPress ئۇيغۇرچە نەشىرىنىڭ ئورگان بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مۇرشىدى ئەپەندىمنىڭ شەخسىي مىكروبلوگىدىكى ئۇچۇرلارغا كۆرە يېقىندا يېڭىلانغان WordPressنىڭ تەرجىمىسى ئىشلەنمەيدىكەن، ئەكسىچە پات يېقىندا تارقىتىلىدىغان WordPressنىڭ 3.4 نەشىرى رەسىمىي تارقىتىلغاندا ئۇيغۇرچە تەرجىمە خىزمىتى باشلىنىدىكەن ھەمدە تىز سۈرئەتتە تاماملاشقا تىرىشىدىكەن.
تۆۋەندىكىسى مۇرشىدى ئەپەندىمنىڭ مىكروبلوگىدىكى مەزمۇن :
ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻥ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻭﺭﺩﭘﺮﻩﺱ 3.3.2 ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﯞﻭﺭﺩﭘﺮﻩﺱ 3.4 ﻧﻪﺷﺮﯨﻨﯩﯔ 3- ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩ ﯞﻭﺭﺩﭘﺮﻩﺱ 3.4 ﻧﻪﺷﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺪﻩ 3.4 ﻧﻪﺷﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯘﻕ. ﯞﺍﻗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﯩﺰﻟﻪﺭ.
ئۇيغۇربەگدىن ئىلاۋە
تورداشلارنىڭ تەخىر قىلىپ تۇرىشىنى، ئالدىراپ نەشىرىنى يۇقىرىتىلىش مەشخۇلاتىنى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. قارىغاندا 3.4 نەشىرىدە خېلى كۆپ يېڭىلىقلار بار ئوخشايدۇ، مۇرشىدى ئەپەندىمنىڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى كېتىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، تەرجىمە خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق يۈرۈشىگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمىز!….