بىر ھەۋەسكار شائىرنىڭ ئىقرارلىرى

بىر ھەۋەسكار شائىرنىڭ ئىقرارلىرى

دۈشۈنجەلى ئۇيغۇربەگ

شېئىرغا ھەۋىسىم بار، ياخشى يازالمايمەن،

يازغاننى كۆرسەم ئوقۇپ ھۇزۇر ئالالمايمەن.

ھۇزۇر ئالدىم دەپ ئوقۇغان شېئىرىمنى

يا سىياسەتكە، يا تارىخقا باغلاپ قويىمەن

دە شېئىرنى قىيناپ قويىمەن.

شېئىر ئوقۇي دەپ بىر مۇنچە تىللارنى ئۆگىنىمەن،

ئۆز تىلىمدىن بەكرەك باشقا تىللاردىكى شېئىرلاردىن ھۇزۇر ئالدىم دەپ ئويلايمەن.

باشقا تىلدىكى شېئىرنى چۈشۈنۈش خويمۇ ئاسان،

چۈنكى،

ئوقۇغۇنىڭ – چۈشەنگىنىڭ دېمەكتۇر.

ئېرىقدىن قولۇڭدا ئوچۇملاپ ئالغان سۇدەك

ئېنىق ۋە سۈزۈكدۇر.

قولۇڭنى كۆرگەندەكلا ئۇچۇقتۇر.

ھۇزۇر ئالغان باشقا تىلدىكى شېئىرلىرىمنى ئۆز تىلىمغا ئۆزلەشتۈرمەكچى بولىمەن،

ئەمما قاملاشتۇرالمايمەن.

باشقىلار ئۆزلەشتۈرگەن شېئىرنى كۆرسەم

ئەسلى پۇراقنى يوقىتىپتۇ دەپ ئاغرىنىمەن.

ئاچچىقىمدا ئۆزەم بىر تەرجىمە قىلىپ چىقاي دەپ يېڭىمنى تۈرىمەن،

ۋە ئۇ شېئىرنى ئۆلتۈرۈپ قويىمەن.

2014-12-3 ئىستانبۇل

114 گىرادۇس 0

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يۇقارقى ماۋزۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ئەسلى ماۋزۇسىنى «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ياساشتىكى دەرسلىك» دەپ قويماقچى ئىدىم، تېخىمۇ كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىددە بىر ماۋزۇ ئويناپ قويدۇم. گەپكە كەلسەم، بلوگىم ۋە ئېلخەتتە مەندىن خەتلىك فىلىمنى قانداق قايسى پروگرامما، قايسى دىتالدا ياسايدىغانلىقىمنى سورىغان تورداشلار بار ئىدى، قايسى كۈنى مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى ئويلاۋېتىپ، بىر دەرسلىك تۈزۈپ چىقىشنى ئويلاشتىم ھەمدە بىر يېرىم سائەتلىك مەزكۇر دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم.

968 گىرادۇس 22

[تەرجىمە ئەسەر] تۈرك، ئۆزبېك شېئىرلىدىن بىر قانچە شىڭگىل

[ئىجادىيەتلىرىمدىن] قىز قەلئەسىدە ئىككى ئەتتىرگۈل uyghurbeg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەقاچان «تەسىرات»لارنى ساقلاپ ئولتۇردۇڭلار، مېنى ھەپتىدە بىر يېڭىلايمەن دېگەنتىڭ دەپ ئەيىپلەشكە تەييار تۇردۇڭلار. تولىمۇ خىجىلمەن، يازمىنى باشلاپ قويغىلى خېلى بولغان، ھەمدە ئۈچ پارچە  تەسىراتمۇ يېزىپمۇ بولغان ئىدىم، تولىمۇ ئەپسۇسكى بىر تەھرىرلىۋېتىشدىن ئۆتكۈزىۋەتمىسەم بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، تېخىچە يوللاپ بولالمىدىم. بۈگۈنچە ماۋۇ بىر قانچە تەرجىمە شېئىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغايسىلەر، كاتتا تەسىراتلار كېلىۋاتىدۇ…

1,218 گىرادۇس 1

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] نىل كارائىبراھىمگىل ئىجراسىدا – قاناتلىرىم بار روھۇمدا

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] نىل كارائىبراھىمگىل ئىجراسىدا – قاناتلىرىم بار روھۇمدا

تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ۋاقتىمدا، مۇئەللىمدىن بىر تۈركچە تېياتىر تەۋسىيە قىلىشنى ئۆتۈنگەن ئىدىم، مۇئەللىمىم تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن دەپ تۈركىيەدە ئالقىشلىنىۋاتقان تېياتېر «مەدجەزىر»نى تەۋسىيە قىلدى، گەرچە بۇ تېياتېرنى تولۇق كۆرۈپ چىقىشقا ۋاقتىم يار بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ باشتېما ناخشىسى ماڭا ياراپ قالدى. ماڭا يارىغان نەرسە سىلەرگىمۇ يارايدۇ دېگەن ئۈمۈددە، بىكار قالغان ۋاقتىمدا شاق-شۇق قىپلا خەتلىك قىلىپ ئىشلىۋەتتىم. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ  تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بولغان ھامان مەزكۇر تېمىدا قالدۇرۇپ قويىمەن، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

3,559 گىرادۇس 11

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى – دومبىرا

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] ئا ت پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى – دومبىرا تۈركىيەنىڭ بەلەدىيە سايلىمى ۋە دۆلەت باشلىقلىرى سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئەردوغاننىڭ پارتىيىسى، يەنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ سايلام ناخشىسى بولسا ئەسلى تاتارلارنىڭ نوغاي دېئالىكېتىدا ئېيتىلغان ناخشىدىن ئۆزگەرتىلگەن ناخشا «دومبىرا»دۇر. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ  تېكىسىتى تەمىنلىنىدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىنى يوللاپ بولغان ھامان مەزكۇر تېمىدا قالدۇرۇپ قويىمەن، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

6,162 گىرادۇس 39

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە سەكسەن تۆت گۇرۇپپىسى – چېقىلما

住宿登记表.xlsx - 快捷方式_副本

ناخشىدىن باشقا ھېچنېمە تەرجىمە قىلالمىغانلىقىمدىن قاتتىق ئېچىنىپ مۇشۇ چۈشەندۈرۈشنى يېزىشقىمۇ ئېرىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن. نېمىلا بولسا سەكسەن تۆت گۇرۇپپىسىنى تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، تۆمەردىكى ئوقۇتقۇچىمىز دەرس ئارلىقىدا بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا ئەكەلگەن مەزكۇر ناخشىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تونۇدۇم، ئەمما مەزكۇر «چېقىلما» دېگەن ناخشىسىنىڭ سۆزى ۋە مىلودىيىسىنى ياخشى كۆرۈپ كېتىپ ھاياجىنىم تۇتۇپ كېتىپ تەرجىمە قىلىپ سالدىم، ۋاقتىڭلار يەتكەندە ئاڭلاپ قويارسىلەر…

2,136 گىرادۇس 4

[خەتلىك ناخشىلىرىم] ئىسلام كۈيچىسى ماھىر زەيىن ئورۇنلىشىدا رامزانلىق ناخشا – رامزان

[خەتلىك ناخشىلىرىم] ئىسلام كۈيچىسى ماھىر زەيىن ئورۇنلىشىدا رامزانلىق ناخشا - رامزان

شۋىتسىيەلىك ئىسلامچە كۈي-ناخشىچىسى ماھىر زەيىن ئۇيغۇر تورداشلىرىغا خېلى تونۇشلۇققۇ دەيمەن، بولۇپمۇ ماھىر زەيىننىڭ «ئىنشائاللاھ» دېگەن ناخشىسى ئۇيغۇر تورداشلىرى ئارىسىدا خېلى ئالقىشقا ئېرىشكەن. شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ ماھىر زەيىننى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن ھەمدە ناخشىلىرىنى ئۇدۇللۇق ئاڭلاپ تۇرىمەن، بۈگۈن تورداشلارغا ماھىر زەيىننىڭ كېلىۋاتقان رامزانغا ئاتاپ ئېيتقان ناخشىسى «رامزان»نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ئەپ كەلدىم، ياقتۇرغان بولساڭلار رەنجىمەي «رەھمەت»دەپ ئىنكاس يوللاپ سالغايسىلەر…

7,875 گىرادۇس 25

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە ناخشىچىسى مۇستافا جەجەللى ئورۇنلىشىدا – سوقۇلغىن

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە ناخشىچىسى مۇستافا جەجەللى ئورۇنلىشىدا – سوقۇلغىن

تۈركىيە ناخشىچىسى مۇستافا جەجەللى تۈركىيەدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشا چولپىنى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى ھەر يىلى تۈركىيەدىكى ئالقىشلانغان ئون ناخشىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرىدۇ. بلوگىمىزدا بۇرۇن مۇستافا جەجەللىنىڭ 2011-يىلىدىكى مودا ناخشىسى «ئۆكسۈك»نى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان، بۇ قېتىم ئۇنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئىجادىيىتى «سوقۇلغىن»نى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. ھەۋەسكارلار ئۈچۈن مەزكۇر ناخشىنىڭ سۆزى ۋە سۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلەندى، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

2,761 گىرادۇس 8

[خەتلىك فىلىم] سىلەر ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى خالامسىلەر؟ (ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋېلىڭ)

[خەتلىك فىلىم] سىلەر ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى خالامسىلەر؟ (ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋېلىڭ)

ھەر قېتىم ئۆزىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ ئادەتتىكى بىر ئادەم بولۇپ قالغانلىقىمىزدىن، باشقىلاردەك ئىسلامىي بىلىملەردە پىشقان ۋە تەقۋادار بولالمىغانلىقىمىزدىن، باشقىلاردەك ناتىق بولالمىغانلىقىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۈمىدسىزلەنمەڭ، ياراتقۇچىمىز ئاللاھ تائالا بىزنى تاشلىۋەتمىدى. تۆۋەندىكى نوتۇقتىن ئىلھام ئېلىش ئارقىلىق قەددىڭىزنى رۇسلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تۇنجى قېتىم بۇ خىل فىلىمنى تەرجىمە قىلىشىم، خاتالىق كۆرۈلسە كەچۈرۈۋەتكەيسىلەر.

11,629 گىرادۇس 14

«دادام ۋە ئوغلۇم»نىڭ كىنو ناخشىسى – بىر پۇرسەت يەنە | كىنونى يەنە چۈشۈرۈۋېلىڭ

b2b_inspiring_venues_3_副本

مەزكۇر كىنونى نەچچە يىل بۇرۇن تۈركچە بىلمەيدىغان زامانلىرىمدا كۆرۈپ قان قۇسۇپ يېغلىۋەتكەن ئىدىم، يېقىندا چالا تۈركچەم بىلەن بۇرۇنقى ھېسلارغا ئوخشىمىغان ھېس-تۇيغۇلىرىم بىلەن كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە ئۆزەمچە ئاقسالىق قىلىپ كىنونىڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان كىنو ناخشىسىنى  تەرجىمە قىپ باقتىم. تەرجىمىدىن زىرىككەنلەر بېشىمغا تاش-توقماق ئاتمىسۇن دەپ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدىم، مەزكۇر يازمىنىڭ باش نۇقتىنەزىرى ئەلۋەتتە تەرجىمىدە…

3,776 گىرادۇس 10

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈرك ناخشىچىلىرى ئەپلاتۇن & بۇرجۇ گۈنەش ئىجراسىدا–خالتا كوچىلار

 

مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن بېرى ئىشىمنى ھېچ ئىزىغا چۈشۈرۈپ بولالماي، خېلى كۆپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋېتىپتىمەن. قايسى كۈنى بىر مەكتەپدىشىم چاقچاق قىلىپ « كەپەڭنى تەتىلدىن بۇرۇن بىر قېتىم، تەتىل توشقاندا بىر قېتىم يېڭىلاپ قويساڭلا ئىشىڭ تۈگەيدىكەن» ھە دېگەنىدى، ناخشا خۇمار ۋە تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى بولىدىغان كەپىداشلارمۇ پات-پات ناخشا تەرجىمە قىلمامسىز دەپ سۈيلەيدىغان بولىۋالدى، ئەسلى بۈگۈن ئالدىنقى ھەپتىدىكى ساياھەت خاتىرەمنى يوللاي دەپ ئويلاشقان ئىدىم، قارىسام ۋاقتى ئۆتۈپ قالاي دەپ قالغان بىر خەتلىك تەرجىمە ئەسىرىم بار ئىكەن، ئاۋۋال شۇنى يوللاپ ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىنىڭ ئەمدى نورمال يېڭىلىنىدىغانلىقىغا بەلگە بىرىپ قويمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ. خوش، ئەزىزلەر، بۈگۈن ھوزۇرىڭىزلارغا سۇنىدىغىنىم تۈرك ناخشىچىلىرى ئەڧلاتۇن & بۇرجۇ گۈنەش ئىجراسىدا–خالتا كوچىلار. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…

1,958 گىرادۇس 4

[خەتلىك ناخشىلىرىم] ئۈمىت سايىن فەئات & تاركان – كەتمە

162283_1877809712791_1877789352282_61425_2261_b

شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى داۋام قىلماقتا، مانا شۇ تاپتا مەۋسۈملۈك ئىمتىھانغا تاقىشىپ كەلگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى يېزىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ھازىر قولۇم بەش بولاي دېسە ئەسلى، ھەي، شۇنداق ئالدىراش تۇرۇقلۇق بلوگىمنى يېڭىلىماي تاشلاپ قويۇشقا ئۇنىماي بىر قانچە كۈن بۇرۇن پۈتتۈرۈپ بولغان بۇ يېڭى ناخشىنىڭ ئاخىرىنى ئىشلىۋەتتىم…

3,373 گىرادۇس 14