[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە سەكسەن تۆت گۇرۇپپىسى – چېقىلما
- 
                        سەھىپە:تېخنىكىلىق بىلىملەر	
                        باھا:4 دانە
                        26-09-2013
                    
 
ناخشىدىن باشقا ھېچنېمە تەرجىمە قىلالمىغانلىقىمدىن قاتتىق ئېچىنىپ مۇشۇ چۈشەندۈرۈشنى يېزىشقىمۇ ئېرىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن. نېمىلا بولسا سەكسەن تۆت گۇرۇپپىسىنى تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، تۆمەردىكى ئوقۇتقۇچىمىز دەرس ئارلىقىدا بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا ئەكەلگەن مەزكۇر ناخشىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تونۇدۇم، ئەمما مەزكۇر «چېقىلما» دېگەن ناخشىسىنىڭ سۆزى ۋە مىلودىيىسىنى ياخشى كۆرۈپ كېتىپ ھاياجىنىم تۇتۇپ كېتىپ تەرجىمە قىلىپ سالدىم، ۋاقتىڭلار يەتكەندە ئاڭلاپ قويارسىلەر…
فىلىمخانا
ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ناخشا تېكىسىتى تەرجىمىسى
چېقىلما، چېقىلما يارا بولار قەلبىم چېقىلما   
dokunma dokunma kırılır kalbim dokunma    
يارالاندۇرما، يارالاندۇرما، سۆيگەن قەلبىمنى يارالاندۇرما    
kırma kırma seven kalbimi kırma    
چېقىلما، چېقىلما مەن يارىلانغان بىر كۆڭۈلمەن    
dokunma dokunma ben yaralı bir gönülüm    
ئۇرۇپمۇ، يېرىپمۇ قانىتىپ جاننى چېقىلما    
vurupta kırıpta kanatıp cana dokunma
كېلىشمەك بولسا بىر بېقىش   
anlaşmak bir bakış    
بەزىدە بولسا سۆيىمەن دېمەكلىكتۇر    
bazen de seviyorum demektir    
كېلىشمەك بولسا كۈلۈش    
anlaşmak bir gülüş    
بەزىدە بولسا كەچۈرۈم سورىماقلىقتۇر    
bazen de bir özür dilemektir    
تەس ئەمەس، قېيىن ئەمەس    
zor değil zor değil    
سۆيىمەن سېنى دېگەچ ماڭا كەچۈرۈم سورىماق    
seviyorum derken bana özür dilemek    
سۆزلىمە، سۆزلىمە، چۈشەنمەي تۇرۇپ سۆزلىمە    
konuşma konuşma düşünmeden konuşma    
يارالاندۇرما، يارالاندۇرما، ئازار بېرىپ مېنى يارالاندۇرما    
kırma kırma incitip beni kırma
ئۇنۇتما، ئۇنۇتما بۇ كۈننىڭ ئەتىلىرىمۇ بار   
unutma unutma bu günün yarınları da var    
سۆيۈپ كەلدى، (داۋاملىق) سۆيگۈسى دەپ ئۆزۈڭنى گوللىما    
hep sevdi sevecek deyip kendini avutma    
رەنجىمە، رەنجىمە سۆيگەن (ئادەم) سۆيگەنلىرىنى كەچۈرەرمىش    
darılma darılma seven seveni affedermiş    
رەنجىمە، رەنجىمە، ئالدىراپ نەپرەتكە ئېسىلما    
darılma darılma hemen nefrete sarılma
دۇنيادا ئەڭ تەس ئىش   
dünyada en zor şey    
يېرىلغان بىر قەلىبنى تۈزىمەكتۇر    
kırılan bir kalbi onarmaktır    
ئىنسانغا يېقىشىپ    
insana yakışan    
ئىنسانچە ياشاپ ئۆتمەك بار بولماقتۇر    
insanca yaşayıp var olmaktır    
تەس ئەمەس، قېيىن ئەمەس    
zor değil zor değil    
سۆيىمەن سېنى دېگەچ ماڭا كەچۈرۈم سورىماق    
seviyorum derken bana özür dilemek    
سۆزلىمە، سۆزلىمە، چۈشەنمەي تۇرۇپ سۆزلىمە    
konuşma konuşma düşünmeden konuşma    
يارالاندۇرما، يارالاندۇرما، سۆيگەن قەلبىمنى يارالاندۇرما    
kırma kırma seven gönlümü kırma
