ئۇيغۇربەگدىن ھەيرانلىق: ئىستانبۇل تور بازىرى ئېلان قىلىندى……
-
سەھىپە:تۇرا يېڭىلىقلىرى
باھا:20 دانە
29-12-2013
نەچچە ئايلىق ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلاش، كۈزىتىش ۋە تىرىشىپ ئەمەلىلەشتۈرۈش داۋامىدا دىيارىمىز بۇيىچە تۇنجى بولۇپ تۈركىيەدىن بىۋاستە دىيارىمىزغا مال سالالايدىغان كەسپىيلەشكەن تور دۇكىنى ھېسابلىنىدىغان ئىستانبۇل تور بازىرى بۈگۈن ئاخىرى پۈتۈپ ئىشقا سېلىندى…
تۈركىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تۈركىيە تاۋارلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرى دىيارىمىزدا ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. بىلگىنىمىزدەك تۈركىيە مەھسۇلاتلىرى ئىشەنچلىك، چىدامچان ۋە پۇختا ، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئىستىمال ئادىتىگە ئۇيغۇن بولغاچقا خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشى ۋە سېتىۋېلىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنداق، تۈركىيە قىزغىنلىقىڭ دىيارىمىزدىكى ئەھۋالى بىزگە يېڭى سودا پۇرسىتىنى ھازىرلاپ بېرىپ، نۇرغۇن تىجارەتچىلىرىمىزگە يېڭى يول ئېچىپ بەردى، يول تاپقان تىجارەتچىلىرىمىز تۈركىيەگە بىۋاستە چىقىپ تۈركىيە تاۋارلىرىنى ئەكىرىپ سېتىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق پۇل تېپىشقا باشلىدى. ھالبۇكى، يەنە بىر قىسىم ئەھۋاللار تۈپەيلى پاسپورت ياكى ۋىزا ئىشلىرىنى قىلالماي ۋە ياكى كېلىپ-كېتىش قولايسىز بولغانلىقتىن، تۈركىيەگە بىۋاستە كېلىشكە قادىر بولالماي قالغان تىجارەتچىلىرىمىز بولسا ئالماقچى بولغان ماللىرىنى دىيارىمىزدىكى توپ سېتىش مەركەزلىرىدىن ياكى شەخىسلەردىن ئەسلى باھاسىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان ھالدا سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. يەنە بىر قىسىم تىجارەتچىلىرىمىز بولسا ئۆزى كۆرۈپ ئالمىغاچقا «تۈركىيە ماللىرى» دەپ سېتىۋالغان تاۋارلىرى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن جۇڭگو ماللىرى بولۇپ چىقتى ياكى سۈپەتسىز، ناچار مال بولۇپ چىقتى. يەنە بىر قىسىم ئەھۋاللاردا يول كىراسى، مال كىراسى قاتارلىقلار تۈپەيلى بىھۇدە نۇرغۇن چىقىم تارتتى..
بىز – دىيارىمىزنىڭ ھازىرقى تۈركىيە ماللىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە، مۇنتىزىم ۋە كەسپىيلەشكەن بىر تىجارەت مەركىزى قۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق دىيارىمىزنىڭ ئىھتىياجىنى تەمىنلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئايلىق ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق مەزكۇر بېكەتنى بارلىققا كەلتۈردۇق.
بېكىتىمىز تور بېكىتى – يۇرتىمىزدىن تۈركىيەگە كېلىپ-كېتىپ تىجارەت قىلىپ يۈرۈيدىغانلارغا، تۈركىيەدىن بىۋاستە مال ئەكەلدۈرۈشنى ئارزۇلاپ كەلگەنلەرگە، تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ يول تاپماقچى بولغانلارغا ۋە ياكى ئىزچىل تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ كېلىۋاتقان تىجارەتچىلىمىزگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان تور بېكەت. تور بېكىتىمىزدە بىز ئۆزىمىزنىڭ ماركىسىدىكى تاۋارلارنى سېتىپلا قالماستىن، يەنە تۈركىيەدىكى داڭلىق شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەتلىرى، پەردە-يوتقان بۇيۇملىرى، كۈمۈش-ئالتۇن بۇيۇملىرى، ياغلىق، ئاياق، بەلۋاغ ۋە باشقا مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش ۋە ۋەكالەتەن سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تور بېكىتىمىزدىن مال سېتىۋېلىش ئارقىلىق سىز پاسپورت ۋە ياكى ۋىزا ئۈچۈن بىھۇدە يول قاتراپ يۈرمىسىڭىزمۇ، تۈركىيەگە بېرىپ-كېلىش ئۈچۈن ۋە مال كىراسى ئۈچۈن بىھۇدە پۇل خەجلەپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، يەنى بېكىتىمىز سىزنىڭ زېھنىڭىز، ۋاقتىڭىز، پۇلىڭىزنى تىجەپ بىرىدۇ. سىزگە قولايلىق ياراتقان ھالدا سودا قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز ۋە ئەھدىمىز. بېكىتىمىزدىكى تاۋارلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدىكى مەخسۇس ئادىمىمىز ئارقىلىق سىزلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
تور بېكىتىمىزدىكى ماللارنى بىۋاستە تور بېكىتىمىز ئارقىلىق ياكى تۆۋەندە بېرىلگەن ئالاقە ئۇچۇرىلىرىنىڭ خالىغان بىرىدىن پايدىلىنىپ زاكاس قىلسىڭىز بولىدۇ. ماللارنىڭ بىۋاستە ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىدىكى خادىملىرىمىزغا يەتكۈزىلىدۇ ۋە ئۇلار ئارقىلىق دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تىز پوچتا ئارقىلىق سېلىنىدۇ.
مۇھىم بىلدۈرگىلەر
مال تەپسىلاتى ھەققىدە
تور بېكىتىمىزدىكى ماللارنىڭ تەپسىلاتى ئاساسەن زاۋۇت تەرەپ تەمىنلىگەن تەپسىلات ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، بىر قىسىم ئەھۋاللاردا ئۆزىمىزمۇ مۇناسىۋەتلىك ماللارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى نۇقتا قىلىپ تەپسىلىي، ئېنىق، كونكېرتنىي ھالدا چۈشەندۈرۈش يېزىشقا تىرىشىمىز. ئەمما بىر قىسىم ئىلمىي ئاتالغۇ ۋە كەسپىي ئاتالغۇلار ھەققىدە بىلىمىمىز چەكلىك بولغاچ، شۇنداقلا تەجرىبىمىزنىڭ، تىل بايلىقىمىزنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى مال تەپسىلاتىنى بايان قىلىشتا بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەر ۋە كام قالغان جايلار شەكىللىنىشى تەبىئىي. شۇڭا، ھەر بىر مال ئۈچۈن ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتچىمىز بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشىڭىزنى سورايمىز.
مال سېتىۋېلىش تەرتىپى ھەققىدە
تور بېكىتىمىزدىكى سودىلىشىش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ:
تاۋارلارنى كۆرۈش –> ياقتۇرغان تاۋارلارنى تاللاش –> سۇئاللار بولسا سوراش ۋە جاۋاب ئېرىشىش –>
تاۋار نامى، رەڭگى، رازمىسى، سانى قاتارلىقلارنى تاللاش –> پۇل سېلىش –> تاۋار نامى، رەڭگى، رازمىسى، سانى قاتارلىقلارنى قايتىدىن بىر تەكشۈرۈپ دەلىللەش — > پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىش — > مال ئەۋەتىش –> مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىش –> سودا تاماملىنىش.
مەزكۇر تەرتىپنىڭ گىرافىك كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
سۈپەت ھەققىدە
تور بېكىتىمىزدىكى ماللارنىڭ زور كۆپ قىسمى تۈركىيەدە ئىشلەنگەن ھەقىقىي تۈرك ماللىرى بولۇپ، سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى ماللار ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا تور بېكىتىمىزدىكى زور بىر ئاز قىسىم ماللارنىڭ تۈركىيە شىركەتلىرى جۇڭگودا ئىشلەتكۈزۈپ تۈركىيەدە ساتقان، ئەمما جۇڭگودا سېتىلمايدىغان ماللار بولۇپ، بۇ بىر قىسىم ماللار گەرچە ئىشلەنگەن جايى جۇڭگو بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ سۈپەت ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن بولغاچقا شۇنداقلا ئىمپورت ماللار بولغاچقا سۈپەتتە ھېچقانداق مەسىلە يوق، بۇ خىل ماللار ھەققىدە بېكىتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك بەتلەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ ئۆتىمىز، ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلمىگەن ماللارنىڭ ھەممىسى تۈركىيەدە بىۋاستە ئىشلەنگەن ماللار. شۇنداقلا بېكىتىمىز سۈپەت مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
پۇل تۆلەش ھەققىدە
تور بېكىتىمىزدىكى ماللارنىڭ پۇلى ئاساسەن يۇرتىمىزدىكى مۇلازىمەتچىمىزنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسىغا بىۋاستە ئۇرۇلىدۇ، بىزنىڭ تۆۋەندە تەمىنلىگەن بانكا ھېساۋاتىمىزدىن باشقا ھېچقانداق بانكا ھېساۋاتىمىز يوق، كېيىنچە ئالىپاي ئارقىلىق ياكى تور بانكا ئارقىلىق بىۋاستە ھېساب قىلىش شەكلىنىمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈسىمىز.
مال ئەۋەتىش ۋاقتى ۋە مال ئەۋەتىش شەكلى ھەققىدە
خېرىدارنىڭ زاكاس ئۇچۇرى ۋە پۇل ئۇرغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، خېرىدار تەمىنلىگەن ئەزالىق ئۇچۇرى ئارقىلىق 3 كۈن ئىچىدە مالنى بىۋاستە ئۈرۈمچىدىكى مۇلازىمىتچىمىزگە يەتكۈزۈپ بېرىمىز، ئۈرۈمچىدىكى خېرىدارلار مۇلازىمەتچىمىز ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ مالنى بىۋاستە تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ، باشقا ۋىلايەت-شەھەرلەردىكى خېرىدارلىمىزغا مال ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن مۇلازىمەتچىمىز جۇڭگو پوچتىسى ياكى باشقا تىز توشۇش شىركەتلىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
تالون ھەققىدە
تور بېكىتىمىز ھەر بىر قېتىملىق سودا ئۈچۈن بىر زاكاس تالونى تەييارلاپ چىقىدۇ، تالوندا ماللارنىڭ ئالاھىدىلىكى، زاكاس نومۇرى قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلغان بولۇپ، تالونلار مال بىلەن بىرگە سېلىنىدۇ شۇنداقلا مال قايتۇرۇش\ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى ئۈچۈن ئاساسلىق پايدىلىنىش قورالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا خېرىدارلارنىڭ مال تاپشۇرۇپ ئالغاندا تالونغا جىددىي مۇئامىلىدە قارىشىنى شۇنداقلا چىڭ ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
رەڭ پەرقى ھەققىدە
تور بېكىتىمىزدىكى ماللارنىڭ تەپسىلاتىدىكى رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى مەخسۇس ئورۇن ۋە مەخسۇس ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق تەييارلانغان بولغاچقا، ماللارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئامال بار ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتۇق، ئەمما كومپىيۇتېردىكى رەڭ قانۇنىيىتىڭ ئۆزگۈرىشى ۋە نۇر ئۆلچىمى ھەقىقىي ھالىتى بىلەن ئوخشىماسلىقىدەك رېئاللىق تۈپەيلى، بەزى ماللارنىڭ ھەقىقىي رەڭ ئۈنۈمى كومپىيۇتېردىكى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا رەڭ پەرقى جەھەتتە ماللارنىڭ ھەقىقىي رەڭگىنى ئاساس قىلىمىز.
ئورىلىش شەكلى ھەققىدە
تور بېكىتىمىزدىكى ماللارنىڭ ئورالمىسى ئاساسەن زاۋۇت تەرەپ ئۆلچىمى ئاساسىدا بىر تۇتاش تەييارلىنىدۇ.
ئالاقە ئۇچۇرلىمىز:
تور بېكەت ئادرېسىمىز: http://www.8zar.com
مۇلازىمەتچى QQ نومۇرىمىز: 2013370469
مۇلازىمەتچى ئۈندىدار نومۇرىمىز: 554682828
ئالاقە تېلىفون نومۇرىمىز: 55 88 300 530 90 +
ئاخىرقى سۆز:
ئىشنى يېڭى باشلىغاچقا تەجرىبىمىزنىڭ كامچىل بولۇشى تەبىئىي، ئەمما شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، بېكىتىمىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ سالاپىتىنى قايتىدىن تىكلىگەن سىز ئۈچۈن ئىستانبۇل تور بازىرى سىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ ياقتۇرىدىغان بېكىتىڭىز بولۇپ قالغۇسى!
بېكىتىمىزنىڭ ئادرېسى: http://www.8zar.com