[ ئىنكاس ] «بىردەم تۈركىيەنىڭ غەيۋىتىنى قىلىمىز» دېگەن تېمىغا يازغان ئىنكاسىم

orada-uzakta-bir-cami_副本

تۈركىيەگە كەلگەندىن بېرى بلوگىمدا تۈركىيەدىكى ھايات ياكى ئويلىغانلىرىم ھەققىدە مەلۇمات بېرىشقا قادىر بولالمىدىم، ئەلۋەتتە، يېڭى كەلگەچكە قالايمىقان يېزىپ قويۇشتىن ئەنسىرگەنلىكىم ئۈچۈن يازمىغانلىقىممۇ بار. بۇدا تەدبىركارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن تورخۇمارنىڭ كارىدورىدا يېزىلغان «كىلىڭلا باللا بىردەم تۈركىيەنىڭ غەيۋىتىنى قىلىمىز» ناملىق تېمىغا غا بىر ئىنكاس يازغان ئىدىم، بۈگۈن «تۈركىيە تەسىراتلىرى» دەپ تاپشۇرۇق بەرگەن تورداشلىرىمغا جاۋاب ئورنىدا ئىنكاسىمنى بۇ يەرگىمۇ ئەكەلدىم…

ئىنكاسغا سەۋەب بولغان يازما

يۇرتىمىزدا شىنجاڭدا تۈركىيە شامىلى ئەۋىج ئېلىپ قاغىلى بىر نەچچە يىل بولدى ، تۈركىيەنىڭ يىمەك ئىچمىكى ، كىيىم كىچەكلىرى ،كىنو فىلىملىرى تۈركىيەگە ساياھەتكە ئۇقۇشقا چىقىش …ئىشقىلىپ ئەتراپىمىزدا نەگە قارىساق چۇقۇم تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسە كۆرىمىز
تۈركلەر بىلەن قېرىنداش مىللەت بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەسسالامۇئەلەيكۇمبۇ خىل تۈركىيە شامىلىنىڭ بۇلىشى نۇرمال ئەھۋال ، لىكىن مەركىزى شەھەردە نەچچە يەردە تۈركىيەچە چاچ ياسايمىز دىگەندەك ۋىۋىسكىلارنى كۆرۈپ سەل ئويلۇنۇپ قالدىم ، كىلىشتۈرۈپ تۈركىيەنىڭ شامىلى بېسىقماي تۇرۇپلا ئاۋىستىرالىيە دىگەن ئاداشنىڭ شامىلى كەگىلى تۇردى ، يانجۇقىدا نەچچە سوم پۇلى يوق ئاغىنلىرىم ئىچىملىك ئىچىپ قالسا ئاتايىتىن ئاۋىستىرالىيە دىگەندەك چەتنىڭكىنى تاللاپ ئىچىدۇ تېخى …
ھەرگىزمۇ تۈركىيەنى ئۇنداق مانداق دىمەكچى ئەمەسمەن ، گەپ ئۆزىمىزدە ئىكەن ، تۈركىيەدىن كىرگەن شۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان مىللى كارىخانلىرىمىز بارغۇ ؟ نىمىشقا ئۆزىمىز قوللىمايمىز ؟ ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى چەتنىڭكىدەك بەلەن ئەمەستۇ ، بىز قوللىمىساق كىيىن قېلىۋىرىدۇ ئەمەسمۇ … بىز شۇ تۈرك شامىلىدا ئەللەيلىنىۋاتقان چاغدا ئويلاپ باقتىقمۇ ، تۈركلەرمۇ شىنجاڭ دەپ بىر يۇرت ، ئۇيغۇر دەپ پۇقرالىرى بار بىر يۇرتنى بىلەمدىغاندۇ ؟ تۈركىيەگە ئۇقۇشقا چىققان بىر دوستۇمدىن سۇراپ باققان ، بازار كوچىلاردا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەر ئاساسەن يوق دىيەرلىككەن ، ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئاڭلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەسكەن ، بەلكىم ياشانغان تۈركلەر ئۇيغۇر توغرىسىدا ئازتۇلا بىلىدىغاندۇ ، لىكىن تۈرك ياشلىرى ئارىسىدا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پاراڭلىرى ئاساسەن بۇلۇنمايدىكەن …
بىرە ئۇيغۇر ئالىم خەلىقئارادا نەتىجە قازىنىپ قالسا بېشىمىز ئاسمانغا يىتىدۇ ، ئۇيغۇرۇم پەخىرلىنىمەن ، مەن ئۇيغۇر دىگەندەك ، ئەمما ئەمىلى ھەركىتىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتمەپتىمىز ، ھازىر تۈركىيە ئاۋىستىرالىيە شامىلى ، كىم بىلىدۇ نەچچە يىلدىن كىيىن يەنە نەنىڭ شامىلى چىقىدۇ
بۇ پەقەتلا ئۆزەمنىڭ كىشىلىك قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، خۇماداشلارنى ئۆزلىكىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ ، ھەرگىزمۇ بەزى نەرسىلەرگە مۇتلەق قارشى تۇرۇش ئەمەس … ئەركىن پىكىر قىلساق بۇلىدۇ

 

مەنبە:

ۋاي توۋا ! تۈركىيە يەنە شۇ تۈركىيە ! كىلىڭلا باللا بىردەم تۈركىيەنىڭ غەيۋىتىنى قىلىمىز | تورخۇمار – كارىدور

مەنزىل: http://karidor.torhumar.com/discussion/comment/358

مېنىڭ ئىنكاسىم

  • 1) تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ، ئەمما بەزى كىتابلاردا يېزىلغاندەك ئۇيغۇرنى كۆرسە ھاياجانلىنىپ قۇچاقلاپ كەتمەيدۇ، يىغلاپ كەتمەيدۇ، ئۇيغۇرلار تۈركلەر قوينىغا ئېلىۋاتقان سانسىز كىشىلەردىن ئازغىنا بىر پارچىسى خالاس؛ تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىلى ۋە ئىشلىرى نۇرغۇن، شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈندە ئۇيغۇرنىڭ گېپىنى قىلماسلىقى نورمال ئىش، ئەمما مەسچىتلەردە، بەزى يىغىلىشلاردا ئۇيغۇرنىڭ گىپىنى قىلىپ قويىدۇ. ھەتتا مۇشۇ قۇربان ھېيتتا سۆزلىگەن تەبرىك سۆزىدە ئاتايىن ئۇيغۇر رايونىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى باش مېنىستىر ئەردوغان.
    2) تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن ياخشى، ئۆزلىرىنى ئەمەس، ئۆزىگە خوشنا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تۈركىيە تەمىنلەۋاتىدۇ. يەنى، تۈركىيەنىڭ ماللىرىنى يالغۇز ئۇيغۇر ئەمەس، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەتتا رۇسىيەدىنمۇ ئېلىۋاتىدۇ، تۈركىيەدە خەلقئارالاشقان ماركىلار خېلى بار؛ تۈركىيەدە تېخى ئۇيغۇرلارنىڭ ماللىرىنى ئالغۇدەك كەيپىيات شەكىللەنمىدى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ماللىرى ھەم يوق، چۈنكى تۈركىيەگە مال چىقىرالىغۇدەك شىركەت تېخى قۇرۇلۇپ باقمىدى بىزدە. شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟
    3) تۈركىيەنىڭ فىلىملىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئەھۋالىنى بەك چۈشەنمەيمەن، ئەمما تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن نادىر فىلىملىرى بار، نۇرغۇن تورداشلار بىلىدىغان «فەتھى 1453»، «ئاتام ۋە ئوغلۇم» تۈرك فىلىملىرىنىڭ نەمۇلىرى، ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن نادىر فىلىملىرى بار، مەسىلەن «قۇياشنى كۆردۈم»، «كېپىنەكنىڭ ئارزۇسى»، «ئىشسىز ئادەم»، «ئۇزاق»(يىراق)، «كۇرتلار ۋادىسى: ئىراق» ۋە باشقىلار؛ تېلىۋېزىيە تىياتىرلىمۇ ھەم نۇرغۇن، ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇقى «كۇرتلار ۋادىسى:پۇسۇ» بىلەن «ئادانالىق» ئوخشايدۇ، ئەمما بۇ پەقەت تۈركىيە تىياتىرلىنىڭ ئازغىنا بىر قىسمى، تۈركىيەنىڭ تىياتىر ئىشلىرى ھەقىقەتەن تەرەققىي قىلغان. لېكىن بۇ تەرەققىياتنى ھوللىۋودنىڭ تەرەققىياتى بىلەن سېلىشتۈرۈپ يۈرمەڭلا، پەرق چوڭ ئېنىق…
    4) تۈركىيەدە ئۇيغۇرنىڭ ناخشىسى يوق، ھەقىقەتەن يوق، ھەتتا ئۆزبېكىستاندىمۇ يوق، نېمىشقا؟ بىزدە سەنئەت بەكلام كىيىن قالغان، ئىتىراپ قىلايلى، ھەقىقەتەن كېيىن قالدى. نېمىشقا؟ سەۋەبى نۇرغۇن، مەنچە ئەڭ مۇھىم سەۋەب: ئوغرى نەشىرچىلىك، قالغىنىنى بىلمىدىم…
    5) بەزىدە مۇشۇ تۈركلەرنى ئۇيغۇرلارغا ئاجايىب ئوخشىتىپ قالىمەن، تىلى ۋە يېمەكلىرىنى شۇنداقلا كىيىنىشلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا مىجەزى، ئادەتلىرى، ئوي-پىكرى ئۆز ئەينى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى، تۈركىيەدىكى ئەركىنلىك، ئۇنىڭدىن باشقا يىلتىزداشلىق ۋە قانداشلىق تۈركىيەگە كېلىۋاتقانلارنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، يەنە بەلكىم ئەڭ ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەن سەۋەب ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولىشى مۇمكىن، بولمىسا ئۆزبېكىستان بىزگە تېخىمۇ يېقىن بولاتتى…
    6) «تۈركىيە قىزغىنلىقى» مەنچە ياخشى قىزغىنلىق، ياخشى كەيپىيات، ئەمما بۇ قىزغىنلىقنى دەپ ھەشەمەتلىك قىلىش، داۋۇيخولۇق قىلىش شۇنداقلا تۈركىيە دەپ قارىغۇلارچە دوراش ئېنىقلا خاتالىق.
    قىسقىسى، تۈركىيە ھەقىقەتەن مېھرى ئىسسىق ۋە پاسىبان بىر ئۆگەي دادىغا ئوخشايدۇ. شۇنداق، ئۇ ھەقىقەتەن پاسىبان بىر دادا، ئەپسۇسكى ئۇ بىر «ئۆگەي دادا»…

 

ئاخىرقى سۆز

تۈركىيەدىكى ئوقۇش ئىشىممۇ خېلى ئىزىغا چۈشۈپ قالدى، تىرىكچىلىك قوينىغا چۈشۈشكە شۇنچە ئالدىرىمىغانسىرى شۇنچە مەجبۇرلىنىپ قېلىۋاتىمەن، ئاللاھ خالىسا كېيىنكى يازمىلىرىمدا مەن ئاساسلىقى ئۆزەمنىڭ كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن تۈركىيە ھەققىدە پارچە-پۇرات نەرسىلەرنى يېزىشنى باشلىغۇسىمەن…

2,899 گىرادۇس 10


10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئىزتىل | 04:33 | 2013.10.27 جاۋاب

    ياخشى پىكىر بايان قىپسىز . بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە توغرىسدا تېخىمۇ كۆپ تېمىلارنى ئېلان قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

    • ئۇيغۇربەگ | 20:46 | 2013.12.20 جاۋاب

      يىزىشقا تىرىشىمەن.

  • Geek | 14:45 | 2013.10.27 جاۋاب

    بىلوگ IE9.0 دە پەقەتلام نورمال ئەمەسيا 😐

    • ئۇيغۇربەگ | 20:47 | 2013.12.20 جاۋاب

      مەنمۇ شۇنداقراق ھىس قىلىۋاتىمەنيا

  • بۇغداي | 07:17 | 2013.10.28 جاۋاب

    مېنىڭ سەل ئوخشىمايدىغان پىكرىم بار.
    تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغانلىرى خېلى جىق، نەدە ياشاۋاتقىنىمىز قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكىمىز دېگەنلەر تۈگۈل مىللەت نامىمىزنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىرى خېلى ساندا بار.
    ئۇيغۇرلىقىمىزنى ئاڭلىغاندا قۇچاقلاپ قويدىغانلىرىمۇ ھەم ئاندا-ساندا بار.

    • ئۇيغۇربەگ | 20:48 | 2013.12.20 جاۋاب

      قوشۇلىمەن

  • مەلەك | 09:30 | 2013.11.6 جاۋاب

    ئىشسىز ئادەم ئەمەس ئا كىنونىڭ ئىسمى ، تەنھا ئادەم، تۈركچىسى ئىسسىز يەنى ئىس تۈتەكسىز چۆلدەك يالغۇز دېمەكچى.

    • ئۇيغۇربەگ | 20:50 | 2013.12.20 جاۋاب

      ئاھاڭغا ئاساسەن ئۇدۇل تەرجىمە قىلىپ قويغانتىم ئىرىنىپ

  • ئۆزقان | 11:14 | 2013.11.17 جاۋاب

    بەگ ئىنىمىز تۈركىيەگە بېرىۋالدىمۇ نېمە…

    • ئۇيغۇربەگ | 20:53 | 2013.12.20 جاۋاب

      بەش ئاي بولۇپ قالدى كېلىۋالغىلى

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!