ئۇيغۇربەگدىن يېڭى ئەپ «تۈركچەم» ئېلان قىلىندى
-
سەھىپە:ئىجادىيەتلىرىم، ئۆزگە سىستېمىلار
باھا:30 دانە
17-04-2015
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. دۆلىتىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ سودا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەگە خىزمەت، ساياھەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا، شۇنداقلا تۈركچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئاچماقتا. مەزكۇر ئەپ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ياكى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ۋە ياكى تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىپ ئاددى شەكىلدە تۈركچە ئۆگىنىشى زۆرۈر بولغانلارغا ياخشى قورال بولغۇسى.
ئەپ مەزمۇنى ھەققىدە:
مەزكۇر ئەپ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
1. تۈركىيە خىزمەت، ئوقۇش ۋە ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەر
2. تۈركچە ئېلىپبە
3. تۈركىيەدىكى 20 ياخشى ئۇنىۋېرسىتىتلار تىزىملىكى
4. تۈركچە – ئىنگىلىزچە لۇغەت
5. جەمئىي 14 ساھەدە كۆپ قوللىنىلىدىغان جۈملىلەر
6. جەمئىي 16 ساھەدە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلۈكلەر
ئەپتىن كۆرۈنۈشلەر:
ئەپ ھەققىدە:
ئەپنىڭ لايىھە ئىشلىرىنى ۋارىس رۇزى، مەزمۇن قىسمىنى ئابدۇسەمەت ئۇلۇغبەگ، ئەپ قىسمىنى مۇھەممەتئېلى نىياز ئۇيغۇربەگ ئىشلىدى. مەزكۇر ئەپ بىزنىڭ تۇنجى ئەمگىكىمىز بولغاچقا تۈرلۈك خاتالىقلاردىن خالىي بولالماسلىقىمىز ئېنىق. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بايقىغان خاتالىق – سەھۋەنلىكلىرىنى بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمىز.
مەزكۇر ئەپنى تۆۋەندىكى ئادرېسنى ئۈسكۈنىڭىزدىكى safariغا چاپلاپ ياكى ئەپ دۇكىنىدىن uyghurbeg ياكى türkchem دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېس:
رەھمەت
430 گىرادۇس 30