ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچى ئەزىمەتلەر ئۈچۈن يەتتە تەۋسىيە بېكەت

300x250

treehous

ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش دېگەن شۇئار ھەممىلا يەرگە يېيىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنتېرنېتنىڭ ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەر يەردە ئۆگىنىش شۇئارىمۇ قوزغۇلۇپ ھەمدە مۇھىتلار ھازىرلىنىپ، خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنىشدەك قولاي شارائىتلار تەييارلاندى، قىسقىسى مەنمۇ ئۆزلۈكىمدىن iOS ئۆگىنىشنى باشلىۋەتكەن(ماۋۇ يېڭىلىق ھەققىدە پات يېقىندا يوللىنىدىغان «ئۇيغۇربەگنىڭ iOS پروگراممېرلىقى چۈشى» ناملىق يازمىدا تەپسىلىي توختالغۇسىمەن) ۋاقتىمدىن بىرى، بۇ تور بېكەتلەردىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلاندىم. نۆۋەتتە، مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە تور دەرسخانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

1. udemy تور دەرسخانىسى

udemy

ئادرېسى: https://www.udemy.com

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش:  udemy تور دەرسخانىسى ھازىر مەن بىلىدىغان تور دەرسخانىلىرى ئىچىدە، يېڭىلىشچانلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان تور دەرسخانىسى بولۇپ، دەرس تۈرلىرى ھەر خىل تېمىلارغا چېتىلغان، دەرسلىكلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى ھەقلىق بولۇپ، udemyگە ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىز خالىغان ياكى ياقتۇرغان دەرسلىكلەرنى سېتىۋېلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ. دەرسلىكلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان ئەمەس، ئەمما پات-پات تىزلىتىپ سېتىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، مەنمۇ يېقىندا iOS 7  ۋە iOS 8 سۇپىسىدا پروگرامما تۈزۈش دەرسلىكلىرىنى 70 كويدىن سېتىۋالدىم(ئەسلى باھاسى 1400 كويغا يېقىنلىشىدۇ). سېتىۋالغان دەرسلىكلىرىڭىزنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردىمۇ سېتىۋالغان دەرسلىكلىرىڭىزنى بىمالال كۆرۈش مەقسىدىڭىزگە يىتەلەيسىز.

udemy تور دەرسخانىسىنىڭ شۇئارى:   ئۆزىڭىزنىڭ ئاكادىمىيىسى!

2. lynda تور دەرسخانىسى

lynda1

ئادرېسى: http://www.lynda.com/default.aspx

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش:  بىلىشىمچە، lynda تور دەرسخانىسى تور دەرسخانىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە ئەڭ مۆتىۋەر تور دەرسخانىسىدۇر. lynda تور دەرسخانىسىنىڭ فوتوگرافچىلىق، لايىھە، پروگراممېرلىق جەھەتتە ئىشلىگەن نۇرغۇن نوپۇزلۇق دەرسلىرىنىڭ بارلىقىنى خەنزۇچە بېكەتلەردىن كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. دېمىسىمۇ تاۋباۋدا مەزكۇر دەرسخانىنىڭ دەرسلىرى ئېقىپ يۈرمەكتە. بىلىشىمچە، مەزكۇر دەرسخانىدا دەرس ئۆتۈدىغان كىشىلەر lynda شىركىتى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان، ئۆزىنىڭ ساھەسىدە مۇتەخەسسىس بولغان كىشىلەردۇر، دەرسلىرىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تەييارلايدىغان بولۇپ، ئىنگىلىزچىسى راۋان ئەمەسلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئىنگىلىزچە خەت قوشقان ئىكەن، ھاجىتى بارلار دەرسلىكلەرنى كۆرۈش داۋامىدا ئىنگىلىزچە خېتىنى تاللاپ كۆرەلەيدىكەن. lynda تور دەرسخانىسى ئەزالىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئايلىق، مەۋسۈملۈك ياكى يىللىق ئەزا بولالايسىزكەن، ئەزالىق مۆھلىتى ئىچىدە ئۆزىڭىز خالىغان دەرسلىككە قېتىلىپ، ئۆزىڭىز خالىغان دەرسلىكنى كۆرۈپ چىقالايسىزكەن. بىلىشىمچە، دەرسلىكلەرنىمۇ چۈشۈرۈپ ئالالايسىز.

udemy تور دەرسخانىسىنىڭ شۇئارى:  يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر، ھازىردىن باشلاڭ!

3.  Treehouse تور دەرسخانىسى

Treehouse-review

ئادرېسى: http://teamtreehouse.com

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: Treehouse تور دەرسخانىسى توربەت ياسىغۇچىلار، پروگرامما تۈزگۈچىلەر، كۆچمە ئەپ ئاچقۇچىلار ئۈچۈن تەۋسىيە تور دەرسخانىسى بولۇپ، مەزكۇر تور دەرسخانىسى نۇرغۇن يېڭى ۋە ئۆزگىچە تېخنىكىلار ھەمدە ئەمەلىي مەشىق ئارقىلىق، يېڭىدىن پروگراممېرلىقنى باشلىغان نۇرغۇنلىغان بۇغۇنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىكەن. تورلاردىكى باھالارغا قارىسام، پروگراممېرلىقدىن ئازراق ساۋادى بار كىشىلەر ئۈچۈن مەزكۇر تور دەرسخانىدىكى دەرسلىكلەر ئىنتايىن مەنپەئەت بەرگەن. Treehouse تور دەرسخانىسىغا يېڭى تىزىملاتقانلار ئۈچۈن ھەپتىلىك سىناق دەرس ئاڭلاش ۋاقتى بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ھەقلىق ئەزا بولۇپ باشقا ياكى تاللىغان دەرسلىكلەرنى ئاڭلىسا بولىدىكەن.

4. ۋاڭيى ئوچۇق دەرسلىرى

comneteasevopen-36-b-512x250

ئادرېسى: http://open.163.com

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش:  ۋاڭيى ئوچۇق دەرسلىرى تېد(Ted) پاراڭلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەر تارقاتقان ئوچۇق دەرسلەرنى ئاساس قىلغان تور دەرسخانىسى بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگودىكى ئوچۇق دەرسلىرى ئەڭ تولۇق ھەمدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئوچۇق دەرس دەرسخانىسىدۇر. مەزكۇر تور دەرسخانىسىدىكى ئوچۇق دەرسلەر پەلسەپە، پىسخولوگىيە، تارىخ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، كومپىيۇتېر…دېگەندەك ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، دەرسلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئامېرىكىدى نوپۇزلۇق ئالى بىلىم يۇرتلىرى تارقاتقان بولغاچقا، بىلىم قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ياخشىدۇر. ئەڭ مۇھىمى، ئىنگىلىزچە بىلمەيدىغان كىشىلىمىز ئۈچۈن بۇ دەرسخانىدىكى ئوچۇق دەرسلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە خەنزۇچە خەت سەپلەنگەن. مەزكۇر تور دەرسخانىدىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىزدۇر، شۇنداقلا ئەزا بولماي تۇرۇپمۇ دەرسلەرنى بىۋاستە كۆرۈشكە بولىدۇ.

ئوخشاش ئەندىزىدىكى تور دەرسخانىسىدىن يەنە «سىنا ئوچۇق دەرسلىرى»(新浪公开课)باردۇر.

5. ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسى

Cg-4WFRXeImIFgLsAACvoIaCN5cAAQ14gEB2iIAAK-4137_副本

ئادرېسى: http://study.163.com/

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسى مەيلى قۇرۇلما ۋە ياكى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن، «udemy تور دەرسخانىسى» ئەندىزىسىنى دورىغان بولۇپ، ئوخشىمايدىغان بىر يىرى، ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسىغا جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ بىر قىسىم كەسىپلەرگە ئالاقىدار مەخسۇس دەرسلىرىنى قويغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپدە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن قېرىنداشلار مەزكۇر دەرسخانىدىكى دەرسلەر ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپدىكى دەرسلەرگە تەڭداش كېلىدىغان دەرسلەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. مەزكۇر دەرسخانىدىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا بولۇپ، يېڭىلىشىمۇ خېلى تىز.

6. تېد پاراڭلىرى

9913566_orig

ئادرېسى: http://www.ted.com

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: تېد بولسا تارقىتىشقا ئەرزىيدىغان ئىدىيىلەرنىڭ بىر يېڭىچە سەھنىسى بولۇپ،ھېچقانداق مەنپەئەتسىز يېڭىچە ئىدىيىلەرنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق ئورگان ھېسابلىنىدۇ.تېد لېكسىيىلىرى ئادەتتەۋاقتى قىسقا،ئىخچام،جانلىق ۋە ئۆتكۈر تىل بىلەن سۆزلىنىدۇ.تېد لېكسىيىلىرى 1984-يىلى بىر يىغىن شەكلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،پەن-تېخنىكا،كۆڭۈل ئېچىش ۋە لايىھەلەشنى بىر گەۋدە قىلغان بولسا،بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بارلىق تېمىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن–ئىلىم-پەن،سودا-ئالاقىدىن تارتىپ خەلقئارالىق مەسىلىلەرگىچە 100دىن ئارتۇق تىللاردا تەرجىمە قىلىنىپ ۋە سۆزلىنىپ كەلمەكتە.ئۇنىڭدىن باشقا،ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان TEDx پائالىيەتلىرى يېڭىچە ئىدىيىلەرنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە(مەزكۇر ئابزاس ئۇيغۇر تېد پاراڭلىرى تورىدىن ئېلىندى).

تېد ئورگان بېتىدىكى پاراڭلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ، تىزىملىتىش ياكى ئەزا بولۇش كەتمەيدۇ. مەزكۇر پاراڭلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى يېرىدىكى پىدائىيلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تۇرىدۇ، جۈملىدىن بىر قىسىم پاراڭلارمۇ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان. يېقىندا، بىلىگ تورىنىڭ پىلانلىشى بىلەن، «تېد پاراڭلىرى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس بىر تور بېكەت قۇرۇلغان. ئۇشبۇ تور بېكەتنى تۆۋەندىكى ئادرېس ئارقىلى زىيارەت قىلالايسىز: http://www.ugted.com/

7. بىلىگ تور دەرسخانىسى

232307b461f1227023

ئادرېسى: http://bilig.cc/

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: بىلىگ تور دەرسخانىسى – ئۇيغۇر تىلىدىكى بىردىنبىر تور دەرسخانىسى بولۇپ، بۇ تور دەرسخانىنىڭ ئەندىزىسىمۇ « udemy تور دەرسخانىسى» ۋە ياكى «ۋاڭيى بۇلۇت دەرسخانىسى»لارنىڭ ئەندىزىسىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، تور بەت تۈزۈش ۋە پروگراممېرلىققا ئائىت دەرسلىكلەر يوللىنىپ، خېلى ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. مەزكۇر دەرسخانا ئىقتىدارلىق ۋە تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى سېپىگە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر تور دەرسخانىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كەسپىيلەشكەن بىر سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

 

ئەلۋەتتە، يۇقارقى دەرسخانىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن دەرسخانىلەر مەۋجۇت.  ھازىرقىدەك پەن-تېخنىكا ۋە ئېنتېرنېت تەرەققىي قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى شۇنداق قولايلىقلاشتۇرغان مەزگىلدە، خالىغان يەردە، خالىغان ۋاقىتتا ئۆگۈنۈش قىلىش تامامەن مۇمكىن بىر ئىشقا ئايلاندى. پەقەت، سىز خالىسىڭىزلا…

 

مەزكۇر يازما تامامەن ئىجادىي بولۇپ، مەنبە ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغان يەردە ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ.

2,091 گىرادۇس 13


13 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئۇيغۇرۇم | 23:01 | 2015.02.1 جاۋاب

    قاق سەھەردە دىۋاندا ئولتۇرۇپ باقىلى…

  • ئابدۇبەگ | 04:33 | 2015.02.2 جاۋاب

    كوپ رەھمەت مۇشۇنداق بىكەتلەرنى ئىزدە ۋاتاتتىم .

  • پەرىزكار | 09:15 | 2015.02.2 جاۋاب

    ئىملاغا خېلى دىققەت قىلىدىكەنسىز، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز چۈشىنىشلىك، يىنىك، پەش چېكىتلەر روشەن قويۇلغان، ئادەمنىڭ نەپىسىنى قىسمايدۇ. سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇسام نەپەسلىرىممۇ سىقىلماي راۋان بولۇپ كېتىدۇ. 😉 ئەمدى نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەم، مەنمۇ پروگرامما تىلىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەندىن بېرى، كەزمىگەن تور بەت قالمىدى. ئاۋۇ لىندا دەرسخانىسى خېلى بولۇپ قالىدۇ، ھازىر بىز ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىلىگ دەرسخانسىنىڭ تەرەققىياتى خېلى تېزلىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا مەن قايىل. كېيىنچە، تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كەتكۈسى.. يازمىنىڭ نامىنى ئۇلۇغ قويۇپ، ئەمما تور دەرسخانىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇپلا! ئاۋۇ چاشقان تور خاتىرسىدەك خەلىقئارالىق ئىدىيەلەر سىڭدۈرۈلگەن بىر يازمىمىكىن دەپ قاپتىمەن. بولاپتۇ، ياغ كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ..(چاقچاق)

  • م.ئەركىن | 10:06 | 2015.02.2 جاۋاب

    يەنە بىر ئۆگىنىش تور بېكىتى بار. ئۇ بولسىمۇ، http://www.jikexueyuan.com/ مەزمۇنلىرىمۇ خېلى مول، بارا-بارا تولۇقلاۋاتىدۇ…

  • ئۇيغۇربەگ | 13:37 | 2015.02.2 جاۋاب

    سىلەرنى ئۆگىنىش قىلىپ قالسۇن دەپ ئۆزۈم ئۆگىنىش قىلماي يازغان نەرسەمنىڭ قەدرىگە يېتىشكەيلا، ئۇخلاپ قالدىم، ئاللاھغا ئامانەت

  • […] يازما مەنبەسى : ئۇيغۇربەگ تۇرايى […]

  • ۋارس | 05:14 | 2015.02.6 جاۋاب

    udemyنىڭ شۇئارىنى lynda تور دەرسخانىسىغا خاتا چاپلىنىپ قالدىمۇ ياكى ئىسمى ئالمىشىپ قالدىمۇ؟
    udemy تور دەرسخانىسىنىڭ شۇئارى: يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر، ھازىردىن باشلاڭ!
    مەن udemyنى جىق ئىشلىتىمەن دەرسلەر ھەقىقەتەن مول پەدتە قويۇپ قويغاچ كومپيۇتىردا مەشغۇلات قىلىمەن .
    ئەمما ئىزچىللىق يوق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ئىش بېسىۋېلىپ 😐

    • ئۇيغۇربەگ | 13:05 | 2015.02.19 جاۋاب

      دەرسنى قۇيۇپ قويۇپ؟ ناخشا ئورنىدا قۇيىدىكەنسىزدە…ھاھا…

  • /ئىلتەبىر | 02:57 | 2015.03.22 جاۋاب

    بۇ يازمىڭىزنى ياختۇردىغانلار ئاز ئەمەس جومۇ!

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


😉 😐 😡 😈 simple-smile.png 😯 frownie.png rolleyes.png 😛 😳 😮 mrgreen.png 😆 💡 😀 👿 😥 😎 ➡ 😕 ❓ ❗