[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇنقى ئىشلار(1)
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:12 دانە
01-12-2014
شۇنداق قىلىپ، « تۈركىيە ئارزۇسى »نىڭ پېشىدە يۈرۈپ، بۇ «ئارزۇ»يۇمغا يەتكەنلىكىمگە شۇنداقلا ئارزۇ قىلغان تۈركىيەگە كەلگەنلىكىمكە 14 ئاي بولۇپ قالدى. بۇ جەريانلار ماڭا بەزىدە ھەقىقەتەن راست بىر ۋەقەدەك تۇيۇلسا، بەزىدە بىر تاتلىق كۆرگەن چۈشتەكلا تۇيۇلاتتى. چۈنكى، بۇ جەرياندا بەزىدە چۈشتەكلا گۈزەل ۋەقەلىكلەرگە يولۇققان بولسام، بەزىدە رېئاللىقتەكلا ئاچچىق ئىشلارغا شاھىد بولغان ئىدىم. قىسقىسى، بۇ 14 ئايدا مەن نۇرغۇنلىغان ھىسلارغا چۆمۈلدۈم، بەزىدە ئىچ-ئىچىمدىن كۈلۈپ ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرىلەر ئېيتتىم. بەزىدە، ئۆيۈمنىڭ بىر بۇرجىكىگە تىقىلىپ، غېرىبانە ھالەتتە مۇڭلىنىپ قالدىم. ئىشقىپ، بىزنىڭ چوڭلار «شە كۆرمىگۈچە مۇسۇلمان بولماس» دېگەندەك چوڭقۇر ھايات پەلسەپەسىگە ئىگە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قالدۇرۇپتىكەن، ھەقىقەتەن، باشقىلارنىڭ يۇرتىدا كۈن كۆرمەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن. تۈركىيە ھەققىدىكى تەسىراتلارنى بايان قىلىشدىن بۇرۇن، تۈركىيە كېلىشدىن بۇرۇن ، تۈرك ۋە تۈركىيە ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىم جەريانلىرىمدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئورتاقلىشىشنى ئويلاشدىم، چۈنكى بۇ ئىشلار تۈركىيەدىكى ئىشلاردەكلا مۇھىم ئىدى…
بەزىدە، مەن تۈركىيەگە نېمىشقا چىققان بولغۇيتۇم دەپ ئويلاپ قالىمەن، ئەمما، ئويلىغانسىرى بۇ دۆلەتكە قانداق چىقىپ قالغىنىمنىمۇ بىلەلمەي قالىمەن. ئەمما، تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇنقى ھېس-تۇيغۇلىرىمنى ھېلىھەم شۇنداق ئوچۇق ئەسلىيەلەيمەن. ئويلاپ باقسام، مېنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى تۇنجى ئەسلىمەم ئۆز ئاكامدىن باشلانغان ئىكەن. ئاكامنىڭ كىچىكىدە تۈركىيەگە چىكەتكەن ۋە شۇ يەردە يەرلىشىپ قالغان بىر دوستى بولىدىغان، كېيىنچە ئۇ دوستى تۈركىيەدىن تۇققان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە قايتتى ۋە ئاكاملار بىلەن جەم بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئاكاممۇ دوستىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى بولغاي، ئۆيدە تۈركچە ناخشىلارنى ئاڭلايدىغان، تۈركچە كىنولارنى كۆرىدىغان بولىۋالدۇق، كىيىنچە، تۈركچە ئۆگىنىدىغان كىتابلارمۇ پەيدا بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ ۋاقىتتىكى تۈركىيە قىزغىنلىقىم ھەۋەسدىن بەكرەك ئاتىسىنى ئاكىسى دوراش، ئاكىسىنى ئۇكىسى دوراشدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس، چۈنكى ئۇ چاغدا مەن دۆلەت ۋە مىللەتنىمۇ بىلمەيدىغان، قىسقىسى تۈركىيەنىڭ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتىم، ئەلۋەتتە…
ئىشلارنىڭ قىززىقى تولۇق ئوتتۇرىدا باشلىدى، تولۇق ئوتتۇرا ۋاقتىدا، مىللىي غۇرۇرۇم تازا يېتىلىۋاتقان مەزگىل بولسا كېرەك، مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا، ھازىرقى ھالىغا ئائىت مەزمۇنلارغا تولىمۇ قىزىقتىم، ساۋاقداشلار بىلەن يىغىلىپ قالساق، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخى، ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەتلىرى ھەققىدە ھاياجان بىلەن تارتىشاتتۇق، بەزىدە قاتتىق مۇنازىرە قىلىپ كېچىچە ئۇخلاشمايتۇق.مەنمۇ بۇنداق پاراڭلاردىن ئۇزاق قالمىدىم ھەمدە ئۇيغۇرغا ئائىت يېزىلغان ئۇيغۇرچە، خەنسوچە نۇرغۇن كىتابلارنى كىتابلارنى ئوقۇپ چىقتىم. كېيىن، ئوقۇيدىغانلىرىم يەتمىگەندەك، مەكتەپدىكى قازاق، قىرغىز دېگەندەك مىللەتلەردىن بولغان ساۋاقداشلىرىم بىلەن يېقىندىن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ مىللىتى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە قىزىقتىم. ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل بولغان جۇمھۇرىيەتلەر ئىچىدە قازاقىستان بىر قەدەر ئۇتۇق قازانغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە قازاقىستاندا بىر مۇنچە مۇھاجىرلىرىمىز ياشاۋاتقىنى ئۈچۈن، شۇنداقلا، ۋەتىنىمىزدە بىر مۇنچە قازاق قېرىنداشلار ياشاۋاتقىنى ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى، بىزنىڭ سىنىپدا نۇرغۇن ئىنتايىن ياخشى قازاق ساۋاقداشلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇيۇقسىز قازاق تىلىنى ئۆگۈنۈشكە ئىرادە باغلىدىم ھەمدە ياتىقىمدىقى ئەڭ يېقىن قازاق دوستۇمدىن قازاقچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم، ئۆگەنگەندىمۇ راۋۇرۇس ئۆگىنىشكە تىرىشتىم ھەمدە ئۆگىنىۋالغان قازاقچەم ئارقىلىق قازاقچە كىتابلاردىن ئۇيغۇرغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم.
بۇ جەرياندا، «ئاباي يولى»، «قىيادىكى ئوۋچىنىڭ زارى»، «قازاق تارىخى»، «قازاقىستان ئۇمۇمىي تارىخى» دېگەندەك بىر مۇنچە قازاقچە كىتابلارنى ئوقۇۋەتتىم ھەمدە قازاق تارىخىنىڭمۇ بىزلەرگە قانلىق قىسمەتلەرگە تولغانلىقىغا ئېچىندىم، قازاق خەلقىگە بولغان ھۈرمۈتۈم ۋە چۈشەنچەم ئاشتى. لېكىن، قازاقچە كىتابلاردا ئۇيغۇرغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئاساسەن ئۇچراتمىدىم، ئۇچراتساممۇ «ئورخۇن خانلىقى، قاراخانىيلار قازاقنىڭ»، «مەھمۇت قەشقىرى – قىپچاق»، «يۈسۈپ بالاساغونى(خاس ھاجىپ) – قازاق» دېگەندەك بىزنىڭ تارىخلىرىمىزنى بۇرمىلايدىغان، مەشھۇرلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان مەزمۇنلارنى ئۇچراتتىم. كېيىن، قازاقچە مۇنبەرلەردە يۈرۈپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە ئۇرۇندۇم، تولىمۇ ئەپسۇسكى، قازاق تورداشلىرىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغان، ئۇيغۇرلارنى غاجايدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ھەمدە مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچراتقاندىن كېيىن، قازاق مۇنبەرلىرىدىنمۇ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىك بىلەن چىقىپ كەتتىم.
لېكىن، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋە ئالىي مەكتەپدىكى شۇنداق ئېسىل، شۇنداق ياخشى قازاق ساۋاقداشلىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن، قازاق خەلقىنى ھېلىھەم شۇنداق ياخشى كۆرىمەن، ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىمۇ ئولتۇرسا قوپسا قازاقنى چىشلەپ تارتىدىغان تورداشلىرىمىزدىن نۇمۇس قىلىمەن. ئورتاق تىل، ئورتاق دىن ۋە ئورتاق تارىخى بار بۇ ئىككى مىللەت، ئەينى چاغدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان بۇ قېرىنداشلار نېمىشقا ھازىر ئەپ ئۆتەلمەيدۇ دەپ خىيال قىلىمەن. ھەمدە قۇربىتىم يەتسە، ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئەلچى بولسام، بىز قايتىدىن بىرلەشسەك، ئەپلەشسەك، ئاشۇ مەشھۇرلىرىمىزنىڭ سېنىڭ-مېنىڭ دەپ تالاش تارتىش قىلماي، بىزنىڭ دەپ ئورتاق تەتقىق قىلىپ، ئورتاق بىر ئىشنى روياپقا چىقارساق دەپ ئويلايمەن.
قازاقچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم سوۋۇپ كەتكەندىن كېيىن، «ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان»، «ئۇيغۇرنى كۆرسە يىراقدىن يۈگۈرەپ قۇچاقلايدىغان»، «ئۇيغۇرغا ئىگە چىقىدىغان»، «ھەر يىلى ئۇيغۇر ئۈچۈن ياردەم بىرىدىغان» «ئۇيغۇرسۈيەر» تۈرك خەلقى، بارلىق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان، ئىقتىسادىي ئەڭ يۈكسەلگەن تۈركىيە ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدىم ھەمدە بىر دۆلەتنى ياكى مىللەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئۆزىنى چۈشۈنۈش كېرەك دەپ ئاڭلىۋالغان بىر گەپنىڭ تۈرتكىسىدە، تۈرك تارىخى، تۈرك تىلىنى ئاجايىپ سەۋدالىق بىلەن ئۆگۈنۈشكە باشلىدىم، بۇ ئۆگىنىشىم تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، يەنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان شۇ ۋاقىتلاردا، تۈركچە ئۆگۈنۈشۈم بىر مەزگىل توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى مەزگىلىمدە تۈرك سەۋدالىقىم ئاجايىپ ئېشىپ، ئولتۇرسام قوپسام تۈركىيەنى چۈشەيدىغان، جۈيلۈسەممۇ تۈركچە جۈيلۈيدىغان، تۈركچە ناخشىلارنى ئېيتىدىغان بولۇپ قالدىم. ئاغىنىلىرىم تېلىۋېزوردا تۈرك ياكى تۈركىيە ھەققىدىكى مەزمۇن بولۇپ قالسا، مېنى چاقىرىپ كۆرسىتەتتى، ھەتتا دوستلار بىلەن چەتئەل ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالسام، مەن تۈركىيەگە چىقىمەن دەيتىم ئۇلارغا.
ئاخىرىدا، تۈركىيە سەۋدالىقىمنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ، بىكار بولسا تۈرك بايرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بايراقلارنى سىزىدىغان بولۇپ قالدىم، شۇنداقلا دەپتەرلىرىم بايراققا توشۇپ كېتىپ، سىزغان بايراقلىرىمدىن بىر قانچىسىنى كارىۋىتىمنىڭ ئاستىدىكى تامغا ئېسىپ قويدۇم، كېيىن…ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىدا ئادەملەر بەر سەزگۈر بولۇپ كېتىدىغان، ياتىقىمغا زىيارەتكە كەلگەن سىنىپ مۇدىرىمىز بايراقلارنى بىر باشدىن كۆرۈپ چىقىپ «نېمىشقا جۇڭگونىڭ بايرىقىنى سىزىپ ئېسىپ قويمايسە؟» دەپ سورىدى، سىزغان بايراقلىرىمنىڭ رەڭگى ئاسان تاپقىلى بولىدىغان قارا، كۆك، قىزىل رەڭلىك قەلەملەردىن سىزغان بولغاچقا، ئوقۇتقۇچۇمغا ئوخشاش جاۋابنى بەردىم. ئوقۇتقۇچۇم گەپ قىلماي بايراقلارغا تەپسىلىي قاراپ چىقىۋېتىپ، تۈركىيە بايرىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرى تۇيۇقسىز چەكچىيىپ كەتتى ھەمدە «بۇ نەنىڭ بايرىقى؟» دەپ سورىدى جىددىيلىشىپ. «تۈركىيەنىڭ بايرىقى» دېدىم مەن جاۋابەن. ئوقۇتقۇچۇمنىڭ چىرايى تاتىرىپ، بىردىنلا «بايراقلارنى سۇيۇۋەت» دەپ بۇيرۇق قىلدى ۋارقىراپ، مەنمۇ جىددىيلىشىپ تامدىكى بايراقلارنى شۇ ھامانلا سۇيۇپ ئېلىپ ئەخلەتكە تاشلىۋەتتىم. ئوقۇتقۇچۇمنىڭ چىرايى ئەسلىگە كەلمىدى، لېكىن چىقاشىدا «بۇنىڭدىن كېيىن ياتاققا قالايمىقان نەرسە چاپلىماڭلار» دەپ چىقىپ كەتتى. لېكىن، ماڭا بەك ئۇۋال بولغاندەك ھىس قىلدىم، چۈنكى باشقا ساۋاقداشلىرىم كورىيەنىڭ، ياپوننىڭ چولپانلىرىنىڭ، كارتون قونچاقلارنىڭ رەسىملىرىنى ياتاقلىرىغا چاپلىۋاپتىكەن، شۇڭلاشقا، نېمىشقا مەن چاپلىۋالغان بايراقلارنى، بولۇپمۇ تۈرك بايرىقىنى كۆرۈپ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ تىگىگە ھازىرغىچە يىتەلمىدىم.
1,493 گىرادۇس 12