ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى iOS ئەپى غەزەب بىلەن ئېلان قىلىندى

iOS Simulator Screen Shot 1 Mar 2015 21.57.41

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەزكۇر ئەپ 2011-يىلى، 2012-يىلى ئۇيغۇرچە ئون نادىر بلوگلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ بلوگ ئەپى بولۇپ، مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق ئ‍ۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا يوللانغان ئەڭ يېڭى يازمىلارنى ئايفون ۋە ئايپەددە بىلەن تىز ۋە ئەڭ قولاي ئۇسۇلدا ئېرىشەلەيسىز.

مەزكۇر ئەپنى iOS 8.0دىن يۇقىرى نەشىردىكى ئۈسكۈنىلەردە بىمالال ئىشلىتالايسىز.

سىزگە ئەڭ نادىر يازمىلارنى سونۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز. قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. ئۇيغۇربەگ بلوگى ئەپىنى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تېلفون ياكى ئايپەدنىڭ ئۆزىدىكى Safari تور كۆرگۈچىسىگە چاپلاپ چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ:

https://appsto.re/cn/L9L95.i

ۋە ياكى ئەپ بازىرىدىن uyghurbeg دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.  ئەپنىڭ قوزغىلىش رەسىمى ۋە ھۈسىنخەتنى تەمىنلەپ بەرگەن ئاغىنەم ئىمام(ئەجرىم بلوگى ئاپتورى)غا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

1,291 گىرادۇس 15


15 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئابدۇبەگ | 15:37 | 2015.03.31 جاۋاب

    ۋاھ ئەجەپ ياخشى ئەمدى يانفۇندا ئۇيغۇر بەگ تورتۇراينى زىيارەت قىلا لايدىغان بوپتۇقتە… ❗

  • سەركيۇرت | 12:47 | 2015.04.1 جاۋاب

    ھەجەپ چىرايلىق چىقىپتىيا ،ئىچىم كۈيۋاتىدۇ جۇمۇ بەگ ئاكا

  • ھەۋەسكار | 10:02 | 2015.04.5 جاۋاب

    ئالدى بىلەن ئۇيغۇربەگ تۇرايىنىڭ ئەپ بولۇپ چىققىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن ‹گەرچە مەندە ئالما مەھسۇلاتلىرى بولمىسىمۇ›
    ئاندىن يالغۇز ئالمىغىلا ئەمەس ئەنجۈرويىد ۋە كۆزنەكفۇن قاتارلىقلانىڭمۇ تىزىراق چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
    ئاخىرىدا ئانا بەتتىكى تىمىنىڭ قىستۇرما رەسىمىنى ئوڭ تەرەپكە يۈتكىگەن بولساڭلا تىخىمۇ ياخشى بولامدىكى دەيمەن ‹شەخسىي پىكىر›

    • ئۇيغۇربەگ | 13:48 | 2015.05.13 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كېلەركى نەشىرىدە ئوڭشاشقا تىرىشاي.

  • تۈركزاد | 07:33 | 2015.04.21 جاۋاب

    غەزەپ بىلەن مۇبارەك بولسۇن، ئاندىروئىد نۇسخىسىغىمۇ بىر غەزەپلىنىپ قويىلى بېگىم…

    • ئۇيغۇربەگ | 14:03 | 2015.05.13 جاۋاب

      مېنى بەكرەك غەزەبلەندۈرۈپ قويساڭلار مەنمۇ ئاندىروئىدقا ياساپ كېتىشىم مۇمكىن.

  • ئۇچقۇنى93 | 13:36 | 2015.05.21 جاۋاب

    غەزەپ بىلەن ئاندىرويىد،ۋىندوۋسفون نۇسخىلىرىنىمۇ ئىشلىگەن بولسىڭىز .

  • مەشۇقۇم | 11:24 | 2015.06.15 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن كەمىنە تور كەپىڭىزنىڭ دائىملىق نامسىز مېھمانى ، بۇ تور كەپىسىگە قەدەم باسقىنىمغا ، 1 يىلدەك بولۇپ قاپتۇ ،مەن بىر ئوقۇغۇچى ، سىزنىڭ مۇشۇ بىلوگىڭىزدىن ئىلھام ئېلىپ« مەشۇقۇم تورى » ناملىق بىر بىلوگ ئېچىۋالغان ، بەلكىم ئۆزىڭىز بىلەرسىز ئوقۇغۇچىلىق ھايتىدا دائىم ئىقدىساد كىرزىسى يۇز بېرىدۇ . خالىسىڭىز ئۇيغۇربەگنىڭ ھازىرقى ئۇسلۇبىنى سېتىپ بەرسىڭىز . مېنىڭچە، سىز مەندەك بىر تور دۇنياسىغا ئوتتەك قىزىقىشى بار بىر ياشنىڭ غايىسىنى نابۇت قىلىۋەتمەيسىز. ،بىر ئادەم باش كۆتۇرۇش ئۇچۇن نۇرغۇنلىغان ۋاقىتنى بېشىدىن ئۆتكۇزىشى كېرەككەن ، ئەگەر خالىسىڭىز بىلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىنى سېتىپ بەرسىڭىز .. بەلكىم سىز قىزىقماسسىز ، سىزگە ئېتىپ بەرسەم بۇيىل تۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇش پۇتتۇرۇش ئىمتاھانى بەردىم ، لېكىن غايەم يەنىلا توردۇنياسىدا،…. مېنىڭ ئۆز ئۆيۇمدەم ،ئۆز ھۇجۇرامدا خىزمەت قىلغۇم بار ، يالغۇز ئوغۇل بولۇش سەۋەبىدىن ، ئاتا – ئانامنىڭ يېنىدا تۇرغۇم بار ، ھەم تور دۇنياسىدە ئىگىلىك تىكلىگۇم بار، خالىسىڭىز ياردەم قىلسىڭىز …..؟
    ئېلخەت: 1581362028@qq.com
    رەخمەت سىزگە ، ئائىلىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن …

  • سەھرايىم | 19:02 | 2015.09.15 جاۋاب

    ئۆزەڭلار يازدىڭلىما ؟!

    • ئۇيغۇربەگ | 10:02 | 2015.11.20 جاۋاب

      پايدىلانغان يېرىممۇ بار.

      • System | 09:40 | 2015.11.28 جاۋاب

        ئاندرويدقىمۇ ياسىمامدۇق بېگىم؟

        • ئۇيغۇربەگ | 11:14 | 2015.11.30 جاۋاب

          ياسايلى، قانداق ياسايمىز؟

          • System | 02:33 | 2015.12.5

            ئەسسالامۇئەلەيكۇم!

            ئالدىراش بولمىسىڭىز http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=42786&mobile=no
            بۇ ئادرېستىكى تېمىنىڭ ئەڭ ئاستىغا بىر قاراپ باققان بولسىڭىز.

            ئەگەر سىز بوپتۇ دېسىڭىز ھەر ئىككىلىسىنى مۇشۇ لايىھە بويىچە تېز سۈرئەتتە پۈتتۈرۈشكە تىرىشىمەن !

          • ئۇيغۇربەگ | 10:43 | 2015.12.5

            ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ياخشى چىقىپتۇ، شۇ پېتى ياساۋېرىڭ، رەھمەت.

  • System | 16:42 | 2015.12.5 جاۋاب

    http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=43510

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!