[ يېڭى ئىجادى ئەپ] ئالما ۋە ئەنجۈر تېلىفونلىرى ئۈچۈن «ئۆتكۈرنامە» قازناقتىن چىقتى
-
سەھىپە:ئىجادىيەت گۈلزارى، تور يېڭىلىقلىرى
باھا:14 دانە
24-11-2015
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدىنقى قېتىملىق يازمامدا ئېيتىلغاندەك، ئىزدىنىشىمنىڭ نەتىجىسىدە پۈتكەن «ئۆتكۈرنامە» ناملىق ئەپ ئاخىرى ئەپ بازىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئەپ دۇكىنىغا يوللاندى. ئەي، ئەنجۈر تېلىفون ئابۇنتلىرى، يېشىڭلارنى سۈرتىۋېتىڭلار، سىلەرمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئىكەنسىلەر، بۇ قېتىم سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. بۇدا «ئۆتكۈرنامە»نىڭ ئۇلى ئاندروئىد ئۈچۈنمۇ سوقۇلدى. مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەپنى چۈشۈرمەي، تارقاتماي يۈرۈشكە قەلبىڭىز قانداق ئۇنىسۇن؟ ئەمىسە، يازمىنىڭ داۋامىغا نەزىرىڭىزنى دەھشەتلىك ئاغدۇرۇڭ…
ئالما نۇسخىسىدىكى كەسمە يۈزى
ئەنجۈر نۇسخىسىدىكى كەسمە يۈزى
ئەنجۈر تېلىفونۇم بولمىغاچقا، ئەپنىڭ كەسمە يۈزىنى يوللىيالمىدىم، كېيىن يوللاشقا پۇرسەت بولۇپ قالار…
«ئۆتكۈرنامە» ئالما نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
1- ئۇسۇل: ئەپ دۇكىنىدىن « uyghurbeg » ياكى « otkurname» دەپ ئىزدىسىڭىز ئەپنى ئۇچرىتالايسىز.
2-ئۇسۇل: تۆۋەندىكى ئادرېسنى سافارىدا ئېچىپ قاچىلاڭ:
https://itunes.apple.com/cn/app/otkurname/id1057029487?l=en&mt=8
«ئۆتكۈرنامە» ئەنجۈر نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى
1- ئۇسۇل: بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ:
2-ئۇسۇل: 360 تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ:
http://yunpan.cn/cLIjNbECRxKT8 (提取码:2cf5)
ئۈچۈنچى ئۇسۇل: Dropboxدىن چۈشۈرۈڭ:
https://www.dropbox.com/s/ima3gsvazgyaw80/Otkurname.apk?dl=0
تۆتىنچى ئۇسۇل: Onedriveدىن چۈشۈرۈڭ:
ئاخىرقى سۆز
مەزكۇر ئەپدىكى مەزمۇنلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم شېئىرلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىقتىدارلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش بىلەن بىرگە ئاپتورنىڭ نەسىرىي ئەسەرلىرى، ئاپتور ھەققىدە يېزىلغان مەرسىيە، تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش مەقسىدىم بار. قولۇڭلاردا يېزىق ھالەتتىكى ماتىرىياللار
ئەپنىڭ مەزمۇنىنى كىرگۈزۈشتە ياردەم قىلغان شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلارغا، ئەپ ئايكونى ھەمدە قوزغىلىش رەسىمىنىڭ لايىھەسىنى قىلىپ بەرگەن ئابلىمىت ئابلەت(Giant)ئەپەندىگە، ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسىنى ياساپ بەرگەن يۈسۈپجان مۇختەر(Algha)ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تىنىنى ئامان قىلسۇن.
2,728 گىرادۇس 14