«ھۆكۈمران ئۈزۈك» يۈرۈشلۈك كىنوسىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلار ھە قاچان مۇشۇ يۈرۈشلۈك كىنونىڭ ئالدىنقى بابى بولغان «خوببىتلار»نىڭ بىرىنچى قىسمى بولغان «خوببىتلار1: غايىبانە سەپەر»نى كۆرۈپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن. ھەقاچان بۇ كىنونىڭ داۋامى بولغان « خوببىتلار2: دەشتى سىماگ»نى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانسىلەر؟ خوش، كىنوسى چىقىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر كىنونىڭ كەمىنە تەرجىمە قىلىپ پۈتتۈرگەن تەشۋىقات فىلىمىنى بىر كۆرۈپ چىقمامسىلەر؟…
2,453 گىرادۇس
![[خەتلىك فىلىم] سىلەر ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى خالامسىلەر؟ (ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋېلىڭ)](wp-content/uploads/2013/06/r34_20093011_副本.jpg)
ھەر قېتىم ئۆزىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنگىنىمىزدە، ئۆزىمىزنىڭ ئادەتتىكى بىر ئادەم بولۇپ قالغانلىقىمىزدىن، باشقىلاردەك ئىسلامىي بىلىملەردە پىشقان ۋە تەقۋادار بولالمىغانلىقىمىزدىن، باشقىلاردەك ناتىق بولالمىغانلىقىمىزدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۈمىدسىزلەنمەڭ، ياراتقۇچىمىز ئاللاھ تائالا بىزنى تاشلىۋەتمىدى. تۆۋەندىكى نوتۇقتىن ئىلھام ئېلىش ئارقىلىق قەددىڭىزنى رۇسلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. تۇنجى قېتىم بۇ خىل فىلىمنى تەرجىمە قىلىشىم، خاتالىق كۆرۈلسە كەچۈرۈۋەتكەيسىلەر.
11,629 گىرادۇس
مەزكۇر كىنونى نەچچە يىل بۇرۇن تۈركچە بىلمەيدىغان زامانلىرىمدا كۆرۈپ قان قۇسۇپ يېغلىۋەتكەن ئىدىم، يېقىندا چالا تۈركچەم بىلەن بۇرۇنقى ھېسلارغا ئوخشىمىغان ھېس-تۇيغۇلىرىم بىلەن كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە ئۆزەمچە ئاقسالىق قىلىپ كىنونىڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان كىنو ناخشىسىنى تەرجىمە قىپ باقتىم. تەرجىمىدىن زىرىككەنلەر بېشىمغا تاش-توقماق ئاتمىسۇن دەپ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدىم، مەزكۇر يازمىنىڭ باش نۇقتىنەزىرى ئەلۋەتتە تەرجىمىدە…
3,776 گىرادۇس

«لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق مەزكۇر فىلىم خالىد ھۈسەيىننىڭ ئوخشاش ناملىق كىتابىغا ئاساسەن سىنارىيەلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن كاتتا فىلىم بولۇپ، 2008-يىلى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە ئافغانىستانلىق ئىككى دوست ئامىر بىلەن ھەسەن ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بالىلىق ۋاقىتتىكى دوستلۇق بۇرچ، ساداقەت، ۋاپادارلىق، خىيانەت، پۇشايمان، رىشتە، ئازاب، ئىنتىلىش، پىداكارلىق، مۇھەببەت دېگەندەك قاتلاملىق ھىسلار بىلەن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن بولسا، فىلىمنىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى ھەمدە نۇرغۇن ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ فىلىمدە «چىقىپ» قالىدىغانلىقى بىزنى قىزىقتۇرىدۇ. مەزكۇر فىلىم مەكتەپداش ئىنىم ئابدۇكېرەم تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەييارلاندى. فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ھەم تەمىنلەندى، ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر.
3,853 گىرادۇس

تۈرك ناخشىچىسى تېئومان ئورۇنلىغان«ئىستانبۇلدا كۈز» ناملىق بۇ ناخشا مەن ئۈچۈن بىر كۈي. بۇ ناخشىنى ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدا ھەرقېتىم مۇڭغا چۆمىمەن. چۈنكى بۇ ناخشىدا بىر مەنا بار. ئەينى چاغ ئورخان پامۇكنىڭ «ئىستانبۇل» ناملىق كىتابىنى ئوقۇغىنىمدا مۇشۇنداق بىر مەناغا چۆمۈلگەن ئىدىم. ئىستانبۇل گۈزەل شەھەر، ئەمما ئىستانبۇل ھارغىن، مۇڭ بىلەن كۈي ئارىلاشقان مەزكۇر ناخشىغا مەرھەمەت.
4,504 گىرادۇس

گۆكھان ئۆزەن تۈركىيەدىكى داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ بىرىكەن. مەنمۇ گۆكھان ئۆزەننىڭ <<قەلبىم سەن بىلەن>>دېگەن ناخشىسى بىلەن تونۇشقان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بۇ ناخشىنى ئاڭلىدىم شۇ ھامانلا ئالدىراپ-تىنەپلا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. كېيىن، تۈركچە ناخشىلارنى تەرجىمە قىلىش داۋامىدا ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىم ئارقىلىق بۇ ناخشىنىڭ ئەسلى مەنىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلمىگەنلىكىمنى ھىس قىلىپ قايتىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. ناخشىدىكى <<سىتەمكار>>سۆزىنى ئەسلى ئۇيغۇرچىدا يوق دەپ ئويلاپتىمەن، كېيىن بىلسەم، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات دەرسىدىكى شائىر نىم شېھىتنىڭ <<بىلىم ئىشقىدا>>ناملىق ئەسىرىدە بۇ سۆز ئۇچرايدىكەن(ئەپسۇسكى، بۇ كىتابنى مەن ئوقۇپ باقمىغان…)، بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زاماندىكى مەنىسى – زۇلۇم سالغۇچى دېگەندەك مەنىلەردە ئىكەن، تۈركچىدىكى sitemkar سۆزىمۇ ئەيىبلىگۈچى دېگەندەك مەنىلەردە بولغاچ، ناخشا تېكىسىتىدە بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە سىتەمكار سۆزى بىلەن تۈركچە تەرجىمىسىنى قوشۇپ ئالدىم. ئەمىسە، ناخشا تەرجىمە قىلغانكى تەسىرات مۇشۇ يەردە تۈگىدى، ئەمدى بېرىپ ناخشا ئاڭلاڭلار.
3,467 گىرادۇس

مەزكۇر ناخشا تۈركىيە 2011-يىللىق مودا ناخشىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ناخشىچى ئۆزگۈننىڭ داڭق چىقىرىشىغا ئاساس سالغان ناخشا ئىكەن، بۇ ناخشىنى خېلى بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىپ قويغان ئىدىم. ئەمما تەرجىمىدە خاتالىق يۈز بېرىپ ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا يوللىۋەتكەن بولغاچ، ھازىرغىچە يوللىماي تۇرۇپ تۇرغان. ئەمدى يوللايدىغان فىلىم تاپالماي مۇشۇنى بولسىمۇ يوللاپ تۇرۇش قارارىغا كەلدىم، تەرجىمىدە خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا ئەپۇ قىلارسىلەر…
3,709 گىرادۇس

ئالدىنقى قېتىم مەن تەرجىمە قىلغان <<ئاشقىي قىيامەت>>دېگەن ناخشا ئېسىڭلاردىمۇ؟ ئاشۇ ناخشىسى بىلەن يۈرەك تارىمنى چىكىپ، كۆڭلۈمنى مايىل قىلغان ئەمرە ئالتۇغ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ شوخ ناخشىسىدىن <<يىگانە سۆيگۈم>>نى ئېلان قىپتۇ. قارىسام يامان ئەمەس ئېيتقان چىراي، شۇنىڭ بىلەن تەرجىمە قىپ قويدۇم، بوپتۇمۇ؟
3,046 گىرادۇس