ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يۇقارقى ماۋزۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ئەسلى ماۋزۇسىنى «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ياساشتىكى دەرسلىك» دەپ قويماقچى ئىدىم، تېخىمۇ كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىددە بىر ماۋزۇ ئويناپ قويدۇم. گەپكە كەلسەم، بلوگىم ۋە ئېلخەتتە مەندىن خەتلىك فىلىمنى قانداق قايسى پروگرامما، قايسى دىتالدا ياسايدىغانلىقىمنى سورىغان تورداشلار بار ئىدى، قايسى كۈنى مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى ئويلاۋېتىپ، بىر دەرسلىك تۈزۈپ چىقىشنى ئويلاشتىم ھەمدە بىر يېرىم سائەتلىك مەزكۇر دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم.

 

دەرسلىك ھەققىدە

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە، مەسىلەن ئاقبۈركۈت، قۇتيار، شاھبلوگ، ھەزرەت قاتارلىق بلوگ-توربېكەتلەردە خەتلىك فىلىم ياساش ھەققىدە ئىشلەنگەن دەرسلىك فىلىملەر مەۋجۇد بولغان. مەن ئىشلىگەن دەرسلىك بولسا، كەمىنىنىڭ «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» يۈرۈشلۈك قوش يىزىقلىق ناخشا – فىلىملەرنى ئىشلەتكەندە ئىشلەتكەن پروگرامما – تېخنىكا ھەققىدە بولۇپ، دەرسلىكتە ماتېرىيال ئۈچۈن بلوگىمدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان خەتلىك ناخشا «تاركان – قەسەم قىلدىم» ناملىق ناخشىنى ئاساس قىلدىم. شۇنداقلا، «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى»دە ئۈنۈم بېرىشكە ئىشلەتكەن خەت ھۆججىتى قاتارلىقلارنى تەمىنلىدىم. ئىشىنىمەنكى، خەتلىك فىلىمگە ئىشتىياقى بار دوستلار دەرسلىكىمدىن شۇنداقلا دەرسلىكتە تەمىنلىگەن پروگرامما، خەت ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمۇ قول سېلىپ بىر خەتلىك فىلىم ياساپ چىقالايدۇ.

 

دەرسلىكتىكى مەزمۇنلار

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

1. مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلار ۋە ئۇلارنى ئورنىتىش؛

2. خەتلىك فىلىم تېخنىكىسىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان .srt, .ass  فورماتتىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە پەرقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە؛

3. ۋاقىت ئوقى ياساش؛

4. ۋاقىت ئوقىغا تېكىست قوندۇرۇش؛

5. ۋاقىت ئوقىنى فىلىمدە كۆرسىتىش؛

6. ۋاقىت ئوقىغا ئۆرنەك خەت ھۆججىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈنۈم بېرىش ۋە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش؛

7. فىلىمنى پىرىسلاش؛

 

دەرسلىك ئۆز ئىچىگە ئالغان ماتېرىياللار

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

1. دەرسلىك ھۆججەتلىرى؛

2. لازىملىق پروگراممىلار(يۇمشاق دىتاللار)؛

3. ئۆرنەك فىلىم؛

4. ئۆرنەك خەت ھۆججەتلىرى؛

5. فىلىم خام ماتېرىيالى؛

6. تەييار تېكىست؛

7. دەرسلىك جەريانىدا ھاسىل بولغان ھۆججەتلەر؛

 

دەرسلىكنى چۈشۈرۈش

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ۋاقتىمنىڭ قىسلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن فىلىمنى ھازىرچە پەقەت بەيدۇ بوشلۇقىغا يوللىيالىدىم، ناۋادا بەيدۇ بوشلۇقىدىن دەرسلىك ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىچىدە ئېچىلىدىغان باشقا بوشلۇققا، باشقا يەرگە يوللاپ قويالايدىغان دوستلار بولسا( بولسا چەتئەلدىكى دوستلار oneDrive, Dropbox قاتارلىق جايلارغا يوللاپ قويغان بولساڭلار)  يوللاپ بولغاندىن كېيىن ھەممەيلەنگە ئوچۇق ھالەتتە ھەمبەھىرلەپ قويۇپ، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى مەزكۇر تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ. مەن ۋاقتىدا تىمىنى يېڭىلاپ، ئەڭ يېڭى ئادرېسىنى مەزكۇر يازمىغا قوشۇپ قويغۇسىمەن.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:

1. بلوگىمدىن بىۋاستە چۈشۈرۈش:

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

2. بەيدۇ تور دىسكىسىنىڭ دوستلۇق قوشۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ uyghurbeg دېگەن ئىسىمنى تېپىپ قۇشۇڭ ھەمدە شۇ ئىسىمغا خالىغان يىزىقتا «خەتلىك دەرسلىك» دەپ ئۇچۇر يوللىسىڭىز مەن ئۇچۇرنى كۆرگەن ۋاقتىمدا دەرسلىكنى بىۋاستە سىزگە يۆتكەپ بېرىمەن، ئاندىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ تور دىسكىسىغا كۆچۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئاخىرقى سۆز

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

كەمىنىنىڭ تەجرىبىسىزلىكى تۈپەيلى، دەرسلىكنىڭ ئۈنۈمى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئەمما،  دەرسلىكنى دىققەت بىلەن كۆرۈپ، مەن ئېيتقان قەدەم بۇيىچە مەشخۇلات ئېلىپ بارسىڭىز، خەتلىك فىلىىم ياساش تېخنىكىسىنى ئاساسىي قەدەمدە ئۆگىنىپ كېتىشىڭىزگە ئىشەنچىم كامىل. دەرسلىك ھەققىدە بايقىغان تەلەپ – پىكىرلەر بولسا، پەقەت مۇشۇ يازما ئىچىدە بىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. باشقا بېكەت ياكى جايلاردا بېرىلگەن تەلەپ – پىكىرلەرگە بىردەك جاۋاب بېرىلمەيدۇ. ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىم، يۇقارقى دەرسلىك پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ، دەرسلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا مەنسۇپ.

 

2016.2.6 يېڭىلاندى

نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چەكلەپ قۇيۇپتۇ، يېڭىدىن ھەمبەھىرلەپ باقتىم، يەنە بولمىدى. مەن باشقا ئامال تېپىشقا تىرىشىۋاتىمەن، تاپالىسام يازمىنى يېڭىلاپ سىلەرگە بىلدۈرگۈسىمەن، رەھمەت.

2016.2.9 يېڭىلاندى

چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ئادرېسى يېڭىلاندى

968 گىرادۇس 22


22 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئىزتىل | 01:19 | 2016.02.4 جاۋاب

    ھۈنەرنى ئاخىرى ئاشكارلىدىڭىز ھە بۇرادەر ، قالتىس ئىش قىلىۋاتىسز يېقىندىن بۇيان ، ھارمىغايسىز !

    • ئەرتۈرك | 03:06 | 2016.02.4 جاۋاب

      ئۇلىنىش ئادرىسى كۈچتىن قاپتۇ

      • ئۇيغۇربەگ | 08:20 | 2016.02.6 جاۋاب

        نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چەكلەپ قۇيۇپتۇ، يېڭىدىن ھەمبەھىرلەپ باقتىم، يەنە بولمىدى. مەن باشقا ئامال تېپىشقا تىرىشىۋاتىمەن، تاپالىسام يازمىنى يېڭىلاپ سىلەرگە بىلدۈرگۈسىمەن، رەھمەت.

      • ئۇيغۇربەگ | 12:16 | 2016.02.9 جاۋاب

        چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى.

  • ئەپەنداجىم | 03:21 | 2016.02.4 جاۋاب

    ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن……

  • ئويغان | 07:26 | 2016.02.4 جاۋاب

    بەگ ئەپەندىم،چۈشۈرۈش ئادرىسى ئەمەلدىن قاپتۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 08:20 | 2016.02.6 جاۋاب

      نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چەكلەپ قۇيۇپتۇ، يېڭىدىن ھەمبەھىرلەپ باقتىم، يەنە بولمىدى. مەن باشقا ئامال تېپىشقا تىرىشىۋاتىمەن، تاپالىسام يازمىنى يېڭىلاپ سىلەرگە بىلدۈرگۈسىمەن، رەھمەت….

  • ئابلىز | 19:00 | 2016.02.5 جاۋاب

    چۈشۈرۈش ئادىرىسى ئىناۋەتسىز بۇلۇپ كېتىپتۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 08:20 | 2016.02.6 جاۋاب

      نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چەكلەپ قۇيۇپتۇ، يېڭىدىن ھەمبەھىرلەپ باقتىم، يەنە بولمىدى. مەن باشقا ئامال تېپىشقا تىرىشىۋاتىمەن، تاپالىسام يازمىنى يېڭىلاپ سىلەرگە بىلدۈرگۈسىمەن، رەھمەت.

  • ئابدۇبەگ | 06:34 | 2016.02.6 جاۋاب

    رەھمەت…

  • ھەۋەسكار | 13:46 | 2016.02.7 جاۋاب

    مۇمكىن بولسا بۇرۇن يوللانغان فىلىملەردىن ھوزۇرلانساق ئىنتايىن قالتىس ئىش بولاتتى….

    • ئۇيغۇربەگ | 12:20 | 2016.02.9 جاۋاب

      بۇرۇنقى فىلىملەرنى يوللاش پىلانىم بار، ھازىر رەتلەۋاتىمەن، تەخىر قىلىڭ.

      • ھەۋەسكار | 05:37 | 2016.02.11 جاۋاب

        تىزىراق يوللىنىشىغا تەقەززامەن…..

  • مۆتىۋەر | 17:18 | 2016.02.7 جاۋاب

    مۇمكىن بولسا بۇرۇن يوللانغان فىلىملەردىن ھوزۇرلانساق ئىنتايىن قالتىس ئىش بولاتتى….
    مەن مۇشۇنداق دەرىسلىككى ئىھتىياجلىق ئىدىم ….

  • بەگبەگ | 07:59 | 2016.02.8 جاۋاب

    ھە

  • ئالپبەگ | 10:12 | 2016.02.10 جاۋاب

    ھىم، يوش. چۈشۈۋاتىدۇ…

  • ۋەھىمە | 07:28 | 2016.02.12 جاۋاب

    ئىلخەتكە يوللاپ بىرىڭ مۇقىم بوشلۇققا يۈكلەپ ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بىرەي

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!