تەۋسىيە يېڭى ئەپ: كۈنلەر

1588100908

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر.  يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ سانى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ھەتتا بىر قىسىم پىشقەدەم بلوگگېرلارمۇ ئەپ ئېچىشقا يۈزلىنىشكە باشلىدى. شۇلارنىڭ بىرى بولغان سابىق ۋارىس رۇزى بلوگىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىجادىيىتى ئاستىدا پۈتكەن  ئالما تېلىفونلىرى ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئەپ <<كۈنلەر>>نى ھۇزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كەلدىم. 

ئەپ ھەققىدە:

بۇ ئەپ ئاساسلىقى سىز ئۈچۈن ئالاھىدە بولغان كۈنلەرنى ئەسكە ئېلىشىڭزغا ياردەمچى بولالايدۇ. دوستىڭزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈننى توغرىلاپ قويسىڭىز سىزگە ۋاقتى كەلگەندە ئەسكەرتىش بېرىدۇ ھەمدە سىيرىلما يېرىدە (كىچىك قورال )كۆرۈنۈشنى تاللاپ قويسىڭىز ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇرالايسىز. مەيلى ئولتۇرۇشلار بولسۇن مەيلى چاي ياكى سەپەر بولسۇن سىز ئۈچۈن ۋاقىتنى ياخشى خاتىرلەپ بېرىدۇ ھەمدە ئاۋازلىق ئىقتىدارى بار. ئۈندىدار ۋە ھەر قايسى ئەپلەرگە ھەمبەھىر قىلالايسىز. يەنە بۇ ئەپتە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان رەسىمنى قوشۇپ تەھرىرلەپ كارتا ياسىيالايسىز. ئەگەر بۇ ئەپنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئەپكە باھا بېرىڭ. ئەگەر بۇ ئەپتىكى ئېلان سىزنى زىرىكتۈرۋەتسە ۋە ياكى تېخىمۇ مۇكەممەل ئىشلەتكۈڭىز بولسا 0.99دوللار خەجلەپ ئېلاننى ئۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. كۈنىڭىز ئەھمىيەتلىك ئۆتسۈن.

ئەپدىن كۆرۈنۈشلەر:

 

1825423431

226046759

يېڭى تەۋسىيە ئەپ - كۈنلەر | ئۇيغۇربەگ

screen322x572 (2)

screen322x572 (1)

screen322x572

چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:

https://itunes.apple.com/us/app/k-nl-r/id1073849124?mt=8

بۇ ئادرېسنى Safariغا چاپلاڭ ياكى ئەپ بازىرىدىن <<كۈنلەر>> دەپ ئىزدەڭ.

933 گىرادۇس 6


6 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئالۋۇن | 11:56 | 2016.01.31 جاۋاب

    بۇ ئەپنىڭ ئەنجۈر نۇسقىسى يوقكەندە …؟

    • System | 14:07 | 2016.01.31 جاۋاب

      ۋارس روزى ئەپەندىم بىر قىسىم ئەپلەرنىڭ ئاندرويد نۇسخسىنى گوگۇل ئەپ بازىرى جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىن تارقاتماقچى

  • System | 14:10 | 2016.01.31 جاۋاب

    كۆچمە ئۈسكۈنىگە ئەپ ئېچىش بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى تاللاش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى كىشىلەرنىڭ ئالاقە ئىھتىياجىنى ئاساسان كۆچمە ئۈسكۈنىلەر قاندۇرۋاتىدۇ

    • ئۇيغۇربەگ | 10:18 | 2016.02.1 جاۋاب

      ھازىرقى يۈزلىنىش كۆچمە ئۈسكۈنە ئەپلىرى بولۇپ قالدى، لېكىن بەزى پروگرامما مۇتەخەسسسىسلىرى كېيىنكى يۈزلىنىش HTML5 ئارغۇن(hybrid) ئەپلىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراشماقتا ئىكەن.

  • ئابدۇبەگ | 18:32 | 2016.02.1 جاۋاب

    بەك ياخشى بوپتۇ رەھمەت…

  • تىزناپ | 15:06 | 2016.02.7 جاۋاب

    مۇبارەك بولسۇن.يەنە يېڭى بىر ئەپ مەيدانغا كەپتۇ.

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!