ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يېقىندا بىر قانچە كىچىك ئەپنى ياساش جەريانىدا، ئەپ ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ھەر قايسى رازمىدىكى ئەپ ئايكونلىرىنى تەييارلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەمما، لايىھە ئىشلىرىنى ياخشى قىلالمىغاچقا، ھەر قايسى رازمىدىكى ئايكونلارنى تەييارلاش ماڭا قېيىن توختىدى. تور بېكەتلەردىن ئاقتۇرۇش ئارقىلىق بۇنىڭ چارىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپتىم.
405 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يېقىندا بىر قېرىندىشىم تۈركىيەنىڭ خىزمەت ۋىزىسىنى ئالماقچى بولۇپ، ياردەم سورىغان ئىدى. توردىن ماتىرىيال ئىزدەپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدىم. شۇنداقتىمۇ، تۈركىيەگە خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە كېلىدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن تۈركىيە خىزمەت ۋىزىسىگە كېتىدىغان ماتىرىياللار تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم. تۈركىيە خىزمەت ۋىزىسىنى بېجىرمەكچى بولغانلار نەزەر سېلىپ قۇيارسىلەر.
1,143 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بەلكىم خەۋىرىڭلار بولۇشى مۇمكىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بۇ يىلدىن باشلاپ رەسىمىي پاسپورتى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى تۈركىيە ساياھەت ۋىزىسىنى توردىن بېجىرىۋالسا بولىدۇ. يەنى، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەت ۋىزىسىنى ساياھەت شىركەتلىرى ياكى كونسۇلغا بېرىپ يۈرمەي توردىن ئۆزى بېجىرىۋالسا بولىدۇ. بۇنى خەلق ئىچىدە تۈركىيە ئېلىكترونلۇق ساياھەت ۋىزىسى دېيىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى يازمامدا مۇشۇ ۋىزىنى قانداق بىجىرىش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتكۈسىمەن.
17,352 گىرادۇس
دەرس ۋاقتى ھاڭۋىقىپ ئولتۇرسام، خىيال قۇشلىرىم پەرۋاز قىلىپ بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ سەبى، غەمسىز تولۇقسىز ئوتتۇرا ھايات مەزگىلىم ئېسىمگە كەلدى. كېيىن، ئىچكىرىگە ئاتلاندۇق، ئوقۇدۇق، جاپا چەكتۇق، غەم كۆپەيدى. ھەر قېتىم ئىچكىرىدىن يۇرتقا ماڭىدىغان چاغدا، ھەر بىر ۋاگۇننىڭ بېشىدا « سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى : سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان تاختايغا كۆزۈم چۈشەتتى، شۇ ھامان دەرس ۋاقتىدىكى خىيال قۇشۇم تۇرايىمىز ئۈچۈن بىر ئىلھام بۈركۈتىگە ئايلاندى، شۇ ھامان مەزكۇر يازمىنى پۈتتۈرۈپ چىقاردىم، كۆرۈپ بېقىڭلار، قوشۇلامدىكەنسىلەركىن؟ قوشۇلمىغانلار ئايىقىڭلارنى ئاتارسىلەر، قوشۇلىدىغانلار چاۋاكلارنى چالارسىلەر، تولۇقلايدىغانلار بولسا ئىلھام قۇشۇڭلارنى قويۇۋەتكەيسىزلەر…
4,177 گىرادۇس
بىلگىنىمىزدەك، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز خەلىقئارالىق تور ناملىرى ئىچىدە ھەقسىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىدۇ، ئەمما بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامى .TKنىڭ ھەقسىزلىقىنى بىلىدۇ، ھەمدە ئاشۇ نۇرغۇننىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلار بۇ ھەقسىز مۇتنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، بۈگۈن ئېلخېتىمگە كەلگەن بىر خەتتىن مەلۇمكى، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ، ئەمدى ئۇ مۇت ئەمەسكەن!…
1,716 گىرادۇس