[ساياھەت خاتىرىسى] موسكىۋا خاتىرىسى (1)

Offices Banner Moscow

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇنىڭدىن تەخمىنەن يېرىم ئاي بۇرۇن ئاللاھنىڭ خالىشى، ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى، دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكىۋاغا ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. گەرچە ئۆزۈمنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە بولغان ئىشەنچىم ياخشى بولمىسىمۇ، ئاشۇ ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت جەريانىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى شۇنداقلا شۇ جەرياندا ھىس قىلغانلىرىمنى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشدىن بۇرۇن ئاددىي سۆزلىرىم ئارقىلىق خاتىرىلەپ قۇيۇشنى ئويلاپ، كومپىيۇتېر ئالدىغا يېتىپ كەلدىم. ئىنشائاللاھ، سىلەرنىڭ يازمامنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

موسكىۋاغا بېرىشنىڭ ئالدىدا

موسكىۋاغا بېرىش خىيالىمغا تۇيۇقسىزلا كېلىپ قالغان ئىدىم. چۈنكى، تۈركىيە جۇڭگو پاسپورتىغا شەرتسىز ھالدا ئېلىكترونلۇق ۋىزا بېجىرىشنى باشلىۋەتكەندىن كېيىن،  تۈركىيەگە شىددەت بىلەن ئېقىپ كەلگەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە خەنزۇچە بىلىدىغان كىشىلەرگە بولغان ئىھتىياج تۇيۇقسىزلا ئېچىپ، مەندەك تۈركىيەدە جېنىنى ئاران بېقىۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بالىلار تۇيۇقسىزلا شۇ ساياھەتچىلەرگە ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش پۇرسىتى تۇغۇلۇپ كەتتى. مەنمۇ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلدىكى ساۋاقدىشىمنىڭ ياردىمى بىلەن، تۇيۇقسىزلا ساياھەت كەسپىگە كىرىپ ئىشلەشكە مۇۋەققەق بولدۇم ھەمدە ئاپرىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جىددى ئىشلەپ كېتىشكە باشلىدىم. مېنىڭ كەسپىم ھەمدە خۇيۇم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئەمما تاپاۋىتى ياخشى بولغان بۇ كەسىپنى ئىخلاس بىلەن تۈركىيەنىڭ ساياھەت پەسلى تۈگىگىچە دەممۇ ئالماي دىگۈدەك ئىشلەپ، ئاخىرى ئاۋغۇسىتنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ساياھەتچىلەرنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلگەندە، ئىشقا قانداق تۇيۇقسىز كىرگەن بولسام، يەنە شۇنداق تۇيۇقسىز ئىشسىز قالدىم. ئەمما تۆت ئاي ئىشلىگەن مائاشىمنى ساناپ ئولتۇرۇپ، ئاللاھغا ھەمدۇساناھ ئېيتقان بولسام، تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭمۇ باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ، كاللامنى ئارام ئالدۇرغاچ، مۇھىت ئالماشتۇرغۇم كېلىپ قالدى.

 

دېمىسىمۇ، 2013-يىلى تومۇزدىن باشلاپ، بىلىم ئىشقىدا يۇرتتىن ئايرىلىپ تۈركىيەدە ياشاۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بوپتۇ، بۇ جەرياندا تۈركىيەدىن باشقا يەرگە چىقماي ئوقۇش ئىشى بىلەن ئالدىراش بولغان بولسام، بۇ يېقىنلاردا خىزمەت بىلەنلا يۈرۈپ ئاجايىپ چارچىغان ئىدىم. زادى ئەمدى بىر ئارام ئېلىشقا ئالامەت ئىھتىياجىم بار ئىدى. يۇرتقا قايتاي دېسەم ئۆيدىكىلەرنى بولمىسىمۇ، ساقچى بۇرادەرلەرنى ئاۋارە قىلىپ قۇيۇشۇم ئېنىق ئىدى، شۇڭا بۇ ياخشى تاللاش ئەمەس. تۈركىيەنى ئاساسەن چۈرگىلەپ بولغاچقا، پىلانىمغا مەدەنىيەتلىك باشقا بىر دۆلەتلەرگە يالغۇز بېرىپ كىزىشنى ئويلاشتىم. شۇ ھامان كاللامغا مىسىر، كورىيە، ھىندىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر كەلدى.

 

مىسىر دېگەن دۆلەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى ئېسىمگە ئېلىپ پىلانىمدىن شۇ ھامان چىقىرىۋەتتىم، ھىندىستاننىڭ پىكرىنى ئاڭلىغان تۈرك دوستۇم ئۇ يەرنىڭ مەينەتلىكى ھەققىدە ۋەز قىلىپ شۇھامانلا مەيلىمدىن ياندۇرۇۋەتتى. ئۆزبېكىستان ئەسلى مەن ئويلىغان ئەڭ ياخشى نامزات ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەدە تونۇشقان ياخشى دوستلىرىدىمدىن بىرى تاشكەنتتە ياخشى بىر يەردە ئىشلەيدىغان بولۇپ، كەلسەم بىر ھەپتە چۈرگىلىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى، ئەمما ئۆزبېكىستاننىڭ تۈركىيەدىكى باشئەلچىلىكى «سەن تۈرك پۇقراسى ئەمەسكەنسەن» دەپ ئاقمىغان بىر گەپ بىلەن ۋىزەمنى رەت قىلىۋەتتى، ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىم كورىيە بولۇپ قالدى. كورىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئەلچىخانىسى يامان تەستە تېپىپ، ۋىزا ئىلتىماس قىلغىلى بارسام، «جۇڭگو پۇقراسى چوقۇم جۇڭگودا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك» دەپ چىرايلىق يولغا سېلىپ قويدى. بۇ چاغلاردا جۇڭگولۇقلارنى شۇنداق پەس كۆرگەن بۇ دۆلەتلەرگە شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، ھازىر تۈركىيەدە تۇرۇپ جۇڭگو پاسپورتى بىلەن نەگىلا ۋىزا ئىلتىماس قىلسا بەرمەيدىغان بولىۋالغىنى بىر ھەقىقەت بولۇپ قالغاچقا،  كورىيەگە، رۇسىيەگە، ئىشقىپ دۇنيادىكى 120 دۆلەتكە ۋىزىسىز كىرىپ چىقىۋاتقان تۈرك پاسپورتى بارلارغا تۇيۇقسىز ھەۋىسىم كېلىپ قالدى.

 

image2

موسكىۋا قىزىل مەيدانى ئىچىدىكى ۋەكىللىك ئىمارەت ئالدىدا

ساياھەت پىلانىم سۇغا چىلىشىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز رۇسىيە ئېسىمگە كېلىپ قالدى، لېكىن نىمىشقىكىن بۇ رۇسىيە ھېچ مېنى قىزىقتۇرالمايتى، شۇنداق بولسىمۇ جۇڭگو پاسپورتىغا ۋىزىنى ئاسانراق بىرىدىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ رۇسىيەدە نېمە باردۇ كۆرگۈدەك دەپ تىڭ-تىڭلاپ يۈرگەن مەزگىلىمدە، رۇسىيەدە ئىقتىساتشۇناسلىقتا ماگېستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ مېنىڭ ساياھەت پىلانىمنى ئاڭلاپ، شۇ ھامانلا مېنى رۇسىيەگە تەكلىپ قىلدى ھەمدە «كېلىڭلا ھەپتە ئاخىرىغا توغۇرلاپ كېلىڭلا» دېدى كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئىپادىنى قوللىنىپ. ساياھەت يېتەكچىلىكى قىلىپ يۈرگەن مەزگىلىمدە، بىر خېرىدارىم موسكىۋانىڭ ئىنتايىن چىرايلىقلىقىنى ھەمدە ئۆزگىچىلىكىنى دەپ ئېيتقانلىرى ئېسىمگە كېلىپ، شۇ ھامان مەن ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغان شۇ دۆلەتكە بىر بېرىپ كېلىش قارارىغا كەلدىم ھەمدە شۇ ھامانلا ۋىزا بېجىرىشكە چاپتىم.

 

ئىككى ھەپتىدەك ساقلاتقاندىن كېيىن، رۇسىيە ۋىزىسىنى بېجىرىپ بېرىدىغان شىركەتتىن تېلىفون كېلىپ، شىركەتكە كېلىپ ۋىزا ئېلىۋېلىشىمنى ئېيتتى. (بەلكىم تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىم ۋىزىنى قانداق بېجىردىڭ دەپ سورىشى مۇمكىن، توردىن رۇسىيە ۋىزىسى بېجىرىش دەپ تۈركچە ئىزدىسەڭلار بۇنداق شىركەتلەر ئىنتايىن كۆپ، ئىككى يۈز دوللار، ئىقامەت، ئىككى پارچە رەسىم بەرسەڭلار شۇ ھامان چىقىرىپ بېرىدۇ. ئۆزۈڭلار بېجىرسەڭلار قىرىق-ئەللىك دوللار كېتەمىكىن). شۇ ھامان شىركەتكە بېرىپ ۋىزامنى ئېلىۋالدىم-دە، ئۆيگە قايتىپ رۇسىيەدىكى دوستۇم بىلەن ساياھەت پىلانىنى سۇقۇشقا باشلىدۇق. توردىن ئايروپىلان بېلىتى ۋە مىھمانخانا زاكاس قىلدىم، ھەممىسىنى جۇڭگودىكى داڭلىق بېكەت چۈنار(去哪儿) تور بېكىتىدىن سېتىۋالدىم(مەزكۇر بېكەتنى مەن ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن، بەك قولايلىق ھەمدە ئەرزان، ئادرېسى: http://www.qunar.com/).  ئۇنىڭدىن باشقا دوستۇمغا ئازراق كۆڭۈل سوۋغىسى ھازىرلىغاچ ئۆزۈمنىڭ باشقا تەييارلىقىنى قىلغاچ، موسكىۋاغا ئۇچىدىغان كۈننى ساقلاپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم.

 

داۋامى بار، داۋامىدا موسكىۋادىكى تۇنجى ئاخشام يېزىلىدۇ…

1,239 گىرادۇس 8


8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئىزتىل | 01:09 | 2015.10.18 جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇرادەر ، يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالغىلى خېلى زامانلار بولغان ، قايتىپ كەلدىڭىز ، داۋامىنى كۈتىمىز

    • ئۇيغۇربەگ | 09:56 | 2015.11.20 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىلھامىم يوقاپ كەتتىمۇ ياكى ھورۇن بولۇپ قالدىممۇ، يېڭىلىنىش ئاستا بولۇپ كەتتى. ئامال بار پات پات يېڭىلاپ تۇرىمەن.

  • ۋەھىمە | 01:35 | 2015.10.18 جاۋاب

    بەگنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇمىغىلى خىلى بوپتكەن. قانداق بۇرادەر سالامەتمۇ سىز

  • ئۇزدىل | 02:21 | 2015.10.20 جاۋاب

    نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!

  • Mr.E | 03:18 | 2015.11.11 جاۋاب

    بىگىم ساياھەت خاتىرىسىنىڭ ئاخىرى قېنى…؟

    • ئۇيغۇربەگ | 09:50 | 2015.11.20 جاۋاب

      يىزىش خوشياقمايۋاتىدۇ. قانداق قىلسام بولا؟

      • كاتيوشا | 14:31 | 2016.02.2 جاۋاب

        ئەسسالامو ئەلەيكوم غەيرەت قلڭ تەقەززا بولدوق

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!