تېخنىكىلىق ياردەم تەلەپ قىلغانلارغا ئۆزۈر خېتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرلىق ھاياتىم يېڭىدىن باشلانغاندىن بېرى تاكى ھازىرغىچە ئېلخەت، چ چ، ئۈندىدار ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق مېنى ئىزدەپ ھەقلىق ياكى ھەقسىز مۇلازىمەت تەلەپ قىلغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، شۇنداقلا بىر قىسىم بلوگگېرلار ئۇچرىغان مەسىلىلىرىگە ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈنۈپ خەت يېزىشتى، ئەپسۇسكى نۆۋەتتىكى ئوبېكتىپ ۋە سۇبېكتىپ شەرتلەر تۈپەيلى، مەن بۇرۇن ھەقلىق مۇلازىمىتىنى قىلغان(ۋاقتى توشمىغان) بلوگگېرلاردىن باشقا كىشىلەرگە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىشنى بەزىدە رەت قىلدىم، بەزىدە ھېچ ئىپادە بىلدۈرمىدىم. بۇنىڭدىن باشقا، بلوگىمدا ۋە ياكى باشقا جايلاردا مېنىڭ تېخنىكىلىق يازمىلارنى يېزىپ تۇرۇشۇمنى، بلوگچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىپ تەكلىپ بەرگەنلەرمۇ بولدى. ئالدى بىلەن ماڭا ئىشەنگەن شۇنداقلا مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن كونا-يېڭى بلوگداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار بولغاچقا، مېنىڭ بلوگغا بولغان مۇھەببىتىم ھېچ سۇسلاپ قالمىدى، سىلەر بولغاچقا. بلوگ يازغاندا ئىلھام  بۇلىقىم ھېچ قۇرۇپ قالمىدى. ياقا يۇرتتا غېرىبسىنغىنىمدا سىلەرنىڭ مەدىتىڭلار ماڭا غايەت زور تەسەللىي بولدى. سىلەرگە رەھمەت، سىلەرگە يەنە بىر رەھمەت.

2,461 گىرادۇس 18

«مەن دوپپامنى سۈيىمەن» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىدا…

IMG_0230_副本

سىنا مىكروبلوگىدا ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويىدىغان ئىشىم بار، سىنا مىكروبلوگى شۇ تاپتا جۇڭگۇدا يېڭىلىنىشچانلىقى ئەڭ چوڭ بولغان دوستلىشىش خاراكتىرىدىكى چوڭ بېكەتلەرنىڭ بىرى، Twitter ئەندىزىسىنى دورىغان بۇ مىكروبلوگ سۇپىسى شۇ تاپتا جۇڭگۇدىكى داڭدار شەخىسلەرنى، چولپان-مۇتەخەسىسلەرنى ئۆزىگە جەلىب قىلىپ قالماستىن، يەنە دۇنياۋى ئورگانلار، مەسىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلات-ئورگانلار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى، شۇنداقلا ئاۋسىترالىيەنىڭ سابىق مېنىستىرى لۇ كى ۋېن(陆克文) قاتارلىقلارنى ئۆزىگە تارتقان، ئەلۋەتتە، مەزكۇر سۇپىدا كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرى، رېياسەتچىلەر، ناخشىچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئابدۇكېرەم ئابلىزدەك قىزىقچىلار قاتارلىق ھەر ساھە كىشىلىرىمۇ جايلاشقان. مۇشۇ سۇپىدا يەنە «دوپپا مەدەنىيەت ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى» دېگەن بىر بلوگمۇ بار، ئالدىنقى يىلى مۇشۇ بلوگ سىنا مىكروبلوگىدا «مەن دوپپامنى سۈيىمەن» نامىدا پائالىيەت ئويۇشتۇرغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا خېلى قىزغىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ يىلىمۇ مەزكۇر بلوگ «مەن دوپپامنى سۈيىمەن» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ نىشانى ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت كۈنى»نى تەبرىكلەش، مىللىي روھنى كۈچەيتىش، مىللىي خاسلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىدى.  ھازىرغا قەدەر مەزكۇر پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ئىشلەۋاتقان، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئاكتىپ قاتنىشىپ، پائالىيەتنى پائال قوللاپ كەلدى…

4,728 گىرادۇس 33

قۇربانجان رۇزى شەيدائىي ھۆسىنخەت كۆرگەزمىسى شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىدا غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلدى

01

جۈمە كۈنى ئەلكۈيى مىكروبلوگىم ئارقىلىق مەكتىپىمىزدە تونۇلغان خەتتات قۇربانجان رۇزى شەيدائىينىڭ ھۆسىنخەت كۆرگەزمىسىنىڭ مەكتىپىمىزدە، يەنى شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت يۇرتىدا ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدىم. تۆنۈگۈن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى مەزكۇر كۆرگەزمە غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلىپ، مەكتىپىمىزدە ناھايىتى ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈردى. بۇ كۆرگەزمىدىن بىر كۈن بۇرۇن خەۋەر تاپقاچقا، كەمىنە مەكتىپىمىزدىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، پائالىيەتنى ئاكتىپ قوللاشنى قارار قىلدۇق شۇنداقلا باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى بالىلار بىلەن، شۇنداقلا شېنجىندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان باشقا ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنى مەكتىپىمىزگە كېلىپ مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدۇق. مەكتەپدىكى بىر قىسىم بالىلار كۆرگەزمىخانىنىڭ ياردەملىشىدىغان ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلىشتى، ئەپسۇسكى بىز قىلغۇدەك ئىش قالمىغاچقا، كۆڭلىمىزنى توق قىلىپ، ئەتىدىكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشى بىلەن بەنىت بولدۇق.

4,556 گىرادۇس 11

ناۋادا قۇربىتىڭىز يەتسە بۇ 10 ئىشنى قىلىشنى سىناپ بېقىڭ…

1111_副本

ئوقۇش باشلاپ سەل ئالدىراش بولۇپ قالغان ئىدىم، كاللامغا تەسىر قىلغۇدەك بىرەر نەرسە كۆرۈپ باقمىغىلى ھەم ئۇزاق بوپتىكەن، كۆكلەم مۇنبىرىنى ئارىلاۋېتىپ، بۇرۇن بىر قېتىم كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما ئانچە ئېرەڭشىمىگەن بىر يازما تۇيۇقسىز دىققىتىمنى تارتىپ قالدى، بۇ يازما شۇنداق ئاددىي، شۇنداق چۈشۈنۈشلۈك، ھەمدە شۇنچىلىك راۋان. ئەمما مېنى خېلى-خېلى ئويغا سالدى، مۇنبەر ئوينىمايدىغان بلوگداشلار بوپ قالسا ئوقۇپ قالسىكەن دەپ تۇرايىمىزغا قۇرۇق بولسىمۇ مۇشۇنى ئەپ كەلدىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭ، كۆرۈپ بېقىڭ…

1,177 گىرادۇس 8

ئۆزگە يۇرتتا ئۆتىدۇ ھېيتىم، ئۇيغۇرنىلا ئىزدەيدۇ كۆزۈم…

IMG_0586

قاچانكىم ئىچكىرىگە ئوقۇشقا چىقىمەن دېدىم، شۇ زاماندىن بىرى غېرىبمەن. يەتتە يىل بولدى، كەلگەن روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، شۇنداقلا نەۋرۇز بايراملىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزگە يۇرتتا ئۆتىدۇ. كۆڭلۈملا ئەمەس، كۆزۈم ئۇيغۇرنىلا ئىزدەيدۇ. مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردى باشقا ۋاقىتتا تۇيۇلمىغان بىلەن، مۇشۇنداق چوڭ-كاتتا بايراملاردا بەكرەك نامايان بولىدۇ.

3,638 گىرادۇس 10

ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھەپتىسى ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر دېگەن ئىمتىھان ھەپتىسى…

DSCF8347

ئۇيغۇربەگنى يوقاپ كەتتى دەپمۇ قويمۇدۇڭلار، ماۋۇ كەپەمنى يېڭىلىمىغانلىقىمغا ھەپتە بولغانلىقىغا، تۇرادىكى ئىنكاسلارغا جاۋاب بېرىلمىگەنلىكىگە ئەسىر بولغانلىقىنى بىلمىدىڭلار. ئەمدى بىلگەن بولساڭلارمۇ ھېچقىسى يوق، «نېمىشقا بۇنچە ئالدىراپ كەتتىڭىز؟» دەپ سوراپ قويساڭلار ھېلىھەم كېچىكمەيسىلەر. سىلەرگە دەپ بىرەي، مەن بىكار يۈرۈپ چوڭلارنى رەسىمگە تارتىپ يۈرگەن «ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھەپتىسى»، يەنى 2012-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلارنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى قىلىدىغان ھەپتىسى ئاخىرلىشىپ بولدى. بىزنىڭ يىللىقتىكى بالدۇر ئوقۇش پۈتتۈرگەن 2 ئوقۇغۇچىنى قوشۇپ، 2008-يىللىقتىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن شىنجاڭلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىش چېيى، مەكتەپتە ئوپچە رەسىمگە چۈشۈش، خاتىرە رەسىمگە چۈشۈش قاتارلىقلارنى ئاشۇ ھەپتىدە بىراقلا پۈتتۈرۈۋەتتۇق. ئەمدى بولسا، بىزنىڭ ئىمتىھان بىرىدىغان ھەپتىمىز، يەنى «ئىمتىھان ھەپتىسى»، ھازىر مەنلا ئەمەس، بۇ مەۋسۈمگە دەرسكە چىقىپ باقمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى كۈتۈپخانىدا، ئىشەنمىسىڭىز شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ كونا-يېڭى كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ بېقىڭ، ئۆزى بولمىسىمۇ سومكىسى، ھېچ بولمىسا بىر-ئىككى تال يىپيېڭى كىتابلار ئورۇن ئىگەللەپ ئولتۇرىدۇ. خوش، ئاللاھ بۇيرىسا مۇشۇ ئاينىڭ 11-چىسلا ئىمتىھانىم تۈگەيدۇ، ئارىلىقتا ۋاقىت چىقىپ قالسا كەپەمنى يېڭىلاپ قويارمەن، بولمىسا بارلىق يېڭىلىقلارنى تۇراغا ئاتىۋەتكۈسىمەن، ئەمىسە «ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھەپتىسى»دە تارتقان بىر قانچە سۆرەتلەرنى قوشۇپ يوللاپ قۇياي، يارقىن نۇقتا تېپىپ، PS قىلىپ ئويناسىلەر…

2,993 گىرادۇس 17

شېجىن شادلىق جىلغىسى(欢乐谷)ساياھەت خاتىرىسى…

Digital StillCamera
ئەسلى بۈگۈنكى پىلانىمدا، بىر بولسا ياتاقدىن چىقماسلىق، بىر بولسا كۈتۈپخانىدىن چىقماسلىقنى قارار قىلغان ئىدىم. ئەمما نېمىشقىكىن، ئىچىم سىقىلىپ، كەيپىياتىم ئوساللىشىپ كېتىپ باراتتى. مەكتەپداشلىرىم ماڭا سىز نېمىشقا بۇرۇنقىدەك تېتىك ئەمەس دەپ قۇياتتى، ھەتتا فاكۇلتېتىتدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا بۇرۇنقىدىن جىمغۇرلىشىپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئارام ئېلىشىمنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىشتى. ئۆزۈممۇ ئۇزاق مەزگىللىك بلوگ بېسىمى بىلەن ئالدىمىزدىكى كەسپىي ئىمتىھاننىڭ بېسىمى تۈپەيلى كېلىپ چىققان جىددىيچىلىكىمنى ھىس قىلىپ تۇراتتىم، چارچاپ كەتكەنلىكىمنى تۇيۇپ تۇراتتىم. سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېرەي دەپ ئويلايتىميۇ، كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلسەم ھەممىنى ئۇنتۇپ، يەنە شۇ بلوگ ۋە تور دۇنياسىدىكى مەۋھۇم خۇشاللىقلار بىلەن بەنىت بولاتتىم. شۇنداق قىلىپ، بۈگۈنكى پىلانىمدا بىر بولسا ياتاقدىن چىقماسلىق، بىر بولسا كۈتۈپخانىدىن چىقماسلىقنى ئويلىغان ئىدىم…

6,142 گىرادۇس 35

4918 كىلومېتىر يوللار تۈگىدىن تامان، ئەمدى يېتىپ بلوگ يېڭىلاپ كېتىمىز ھامان!…

 

شۇنداق قىلىپ، قىسقىغىنا تەتىلنى تۈگۈتۈپ مەكتىپىمگە تىنىچ-ئامان كېلىۋالدىم، مەكتەپ شۇنداق تىنىچ ئىدى. يالغۇزلۇقنى خالىمىساممۇ يالغۇزلۇققا قالغىنىمنى ئويلىسام، ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كېلەتتى. ئۇقۇش پۈتۈشكە ئاز قالغاندا نېمە دېگەن پۈتمەس-تۈگىمەس ئىمتىھانلار بۇ دەپ ئۆزۈمگە كايىپ ئولتۇرۇپ بلوگنى ئاچتىم، ھەيھات، تۆنۈگۈن يوللىغان «ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن:بەش يىلنىڭ ئالدىدىكى ھەۋەسكار ناخشىچى مەن!»دېگەن يازمامغا ئوت كېتىپتۇ ئەمەسمۇ…

شۇنداق، ھەقىقەتەن مەكتەپكە كېلىۋالدىم. مەكتەپكە كەلگۈچە جاپانى ئاز تارتتىم، ئەمما بەكلا زېرىكتىم. ئالدىنقى يىلى يازدا ئاكام يۈسۈپ نىياز ئەلقۇت سودا ئىشى بىلەن شېنجىنغا كەلگەندە شېنجىننىڭ ھاۋاسىغا بىر قېتىم قاقشىغان ئىدىيۇ، كېتىدىغان چاغدا پويىزنىڭ ئازابىغا بىر مىڭ قېتىم قاقشاپ « يائاللا، ئىچكىرىدە ئوقۇماق بىر گەپ، ما قوتا پويىزدا نەچچە كۈن ماڭماق يەنە بىرگەپكەن»دېگەنىدى، ئوقۇغۇچىلىق دېگەن شۇنداق بولىدىكەن. مەن 16-يانۋار كۈنى يۇرتۇم توقسۇدىن پويىزغا چىقىپ ئون سەككىز سائەت، 28-يانۋار مەركىزىمىز ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ 55 سائەت، شۇنداق بولغاندا جەمئىي 71 سائەت(ئۈچ كېچە-كۈندۈز)نى پويىزدا ئۆتكۈزۈپتىمەن، پويىزدا ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى، ئەمما بەكلا زىرىكىشلىك بولدى، شۇ زىرىكىشتە ئۈچ كىتابنى ئوقۇپ بوپتىمەن. قېرىنداش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يۇرتىمىزدا ئارام ئېلىۋاتسا كېرەك، بۇ قېتىم ئۆيىگە قايتىۋاتقان يولداشلار كۆپ سانلىق. ئۇلار گەپ سوراپ «ۋۇييۇ، خەنزۇچەڭ ھەجەپ ياخشىكىنا»دەپ قويسا «ياق، ئىنگىلىزچەم بۇنىڭدىن ياخشى»دەپ پو ئېتىپ قويۇپ، جايىمدا يېتىۋېرىمەن. بەزىدە ئوتتۇرا مەنزىلدىن پويىزغا چىققان يولداشلار قولۇمدىكى « مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «سەئىدخان»رومانلىرىنى قىزىقىپ كۆرۈشۈپ بېقىشىپ «سىلەرنىڭ يېزىقنى قانداق ئوقۇيدۇ؟ ئۇلاپ-ئۇلاپ يېزىدىكىنا؟»دەپ قەقەھلەپ كۈلسە «بەرھەق، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭكىدەك ئاسان ئەمەس، كاتەك-كاتەك سىزىپ قويسىلا بۇلىدىغان»دەپ يانغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم، بەزى گالۋاڭلىرى «سەن ئەرەپچە بىلەمسە؟»دەپ كۆزلىرى چەكچىيىپ كىتابقا قاراشسا، ئۇلارغا بۇ ئەرەپچە ئەمەس، ئۇيغۇرچە يېزىق دەپ چۈشەندۈرۈپ، تېخىمۇ گالۋاڭلىرىغا «مەن ئەرەپچە، رۇسچە، ئىنگىلىزچە، ياپۇنچە، ھەتتا ئۇيغۇرچىنىمۇ بىلىمەن»دەپ پو ئېتىپ يولۇمنى داۋاملاشتۇرۇۋەردىم.

4,990 گىرادۇس 22

ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن:بەش يىلنىڭ ئالدىدىكى ھەۋەسكار ناخشىچى مەن!


ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمگە يېرىم كۈن بولۇپ، كىچىك ئىشلىرىم ۋە ئېلىش-بېرىش ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ كەلگەندىن كېيىن، تورخۇمارلىقىم تۇتۇپ تورخانىغىلا كىردىم-دە، دائىم كىرىدىغان بىر قانچە بلوگ-توربېكەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، كوت-كوتنى ئاچتىم. كوت-كوتتا تولۇق ئوتتۇرىدىكى دوستلىرىم بار ئىدى، پاراڭ ئارىسىدا مېنىڭ يېقىنىمدىن بىرى «سەن ھېلىھەم ناخشىچىمۇ؟»دەپ سوراپ قالدى. شۇ ھامان ھازىرقى ئەجرىم بلوگىنىڭ ئاپتورى ئىنىم سۈپەت دوستۇم ئىمام بىلەن بىر مەزگىل ناخشا توۋلاپ يۈرگەنلىرىم ئېسىمگە كەچتى. ئىمامغۇ ناخشىغا ئۇستا، قۇلى ئەپلىك بىر بالا ئىدى. مەن بولسام ھەۋەسكارلا ئىدىم، قولۇمدىن ھېشنىمە كەلمەيتى. شۇنداق قىلىپ تۆت يىل بۇرۇن تورغا يوللىغان، بەش يىل بۇرۇنقى بىر قېتىملىق ساۋاقداشلار پائالىيىتىدە ئىمام بىلەن ئورۇنلىغان ئۆزبېك سەنئەت گورۇپپىسى «باجىلار»نىڭ «شور پىشانەم»دېگەن ناخشىسىنى قايتىدىن تېپىۋالدىم. فىلىمنى كۆرۈۋېتىپ گۆدەك چاغلىرىمنى ئەسكە سالدىم. شۇ چاغدا ئاجايىپ يۈكسەك غايىلىرىم بار ئىدى، غەمسىز ئىدىم، ئۈمىدۋار ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا غايىلىرىم بارغانسىرى سۇسلىشىۋاتقان، غەملىرىم كۆپۈيۈۋاتقان، ئۈمىدسىزلىك ئۇچقۇنلىرى پات-پات چاقناپ تۇرماقتا ئىدىم. ھەي، ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن!

5,062 گىرادۇس 23

ھەر بارە كۆزۈم بېلەتتە، ياندۇرۇپ يەنە بېلەتتە. قايدا سەن بېلەت، ئىزلەيمەن سېنى…

tranticket

   ھەر قېتىم تەتىل كېلىشنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ كاللىمىزنى پىت باسىدۇ، پىت باسسىغۇ مەيلىتى چوڭ ئەلەم ۋە ئەلەم باسىدۇ، ئەلەم باسسىغۇ مەيلىتى زور ھەسرەت باسىدۇ ھەسرەت. چۈنكى بىز بېلەت ئۈچۈن سەكپارە. بەزىدە ئولتۇرۇپ ئۇيغۇرچە مەكتەپ تولۇقسىز سىنىپلىرىدا دەرسلىك قىلىنغان «ئەدەبىيات»كىتابىدىن مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تىلەشۈف ئەپەندىمنىڭ «قاشتېشىغا مەدھىيە»ناملىق شېئىرىدىكى «ھەر بارە كۆزۈم سەندە، ياندۇرۇپ يەنە سەندە» دېگەن مىسراسىنى ئەلەم بىلەن «ھەر بارە كۆزۈم بېلەتتە، ياندۇرۇپ يەنە بېلەتتە»دەپ ئۆزگەرتكۈم، مەن ياخشى كۆرىدىغان ناخشىسى قەھرىمان قىيۇمنىڭ «قايدا سەن جانان، ئەسلەيمەن سېنى»دېگەن مىسرالىق ناخشىسىنى بولسا ھەسرەت بىلەن «قايدا سەن بېلەت، ئىزلەيمەن سېنى»دەپ ئۆزگەرتكۈم كېلىدۇ…

5,201 گىرادۇس 24

تاۋباۋدا دۇكان ئاچقان ئىدىم، تاپاۋەت ھەجەپ يوقيا…

بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، بىكار تۇرغاندىن توردا دۇكان ئېچىپ قويسام قۇشۇمچە كىرىم قىلارمەن دەپ تاۋباۋنىڭ بىر مۇنچە يوللىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ تور دۇكاندىن بىرنى ئېچىپ قويغان ئىدىم. خىيالىمدىكىدەك مىليونىر بولغۇدەك پۇل تېپىپ باقمىدىم، ئەمما ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى ناملىق بۇ بلوگىمغا ئىشلەتكەن ھەسەن-ھۈسەن ئۇسلۇبىدىن بىر قانچىنى، 235 سوملۇق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتىن بىر قانچىنى سېتىپ، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى نامىدىكى فوندىمىزغا قوشۇپ تۇردۇم. ئەمما يېقىنقى بىر ئايدىن بىرى تور دۇكىنىمغا كىرىپ مېنى «ئاۋارە»قىلىدىغان تورداشلىرىم يوق بولۇپ كەتتى دېسە، خېرىدار كەلمىگەنسىرى مەنمۇ تىت=تىتلىشىپ، سەل سەپرا مىجەز بولۇپ قالدىم، تۇيۇقسىز كىچىك ۋاقتىمدا زادى ئەقلىمگە يەتمىگەن بىر مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك بولدۇم، يەنى نېمىشقا بازىرى ئىتتىك سودىگەرلەر خۇشچىراي، نېمىشقا بازىرى كاسات سودىگەرلەر مۇز قاپاق كېلىدىكىن دېسەم، سودا ياخشى بولسا ئادەمنىڭ كۆڭلى ۋە مىجەزى ئېچىلىپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ. ئەمدى ئاستا ماۋۇ قوتا كەپەمدە بولسىمۇ تەشۋىقات ۋە ئېلاننى باشلىۋېتەي…

ئەييۇھانناس، ئەي ئاۋام خاس، تور دۇكىنىمنى تېخىچە بىلمەي قالغان ئوخشىمامسىز؟ تور دۇكىنىم «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»غا قاراشلىق كەسپىي دۇكان بولۇپ، ئاساسلىقى WordPress ئۇسلۇبى ۋە تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان تېخنىكىلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ!

سىزدە بلوگ يوقمۇ؟ ئەمىسە ئۇيغۇربەگ تور مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىڭ!…

سىز بلوگگېرمۇ؟ ئەمىسە ئۇيغۇربەگ تور مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىڭ!…

سىز بلوگگېر بولماقچىمۇ؟ ئەمىسە ئۇيغۇربەگ تور مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىڭ!…

سىزدە بلوگگېر بولۇش ئويى بارمۇ؟ ئەمىسە ئۇيغۇربەگ تور مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىڭ!…

سىز زادى بلوگگېر بولمىسىڭىز بولمامدۇ؟ ئەمىسە ئۇيغۇربەگ تور مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىڭ!…

سىز بلوگگېر ئەمەسمۇ؟ ئەمىسە ئۇيغۇربەگ تور مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىڭ!…

سىزنىڭ بلوگگېر بولغىڭىز يوقمۇ؟ ئەمىسە ئۇيغۇربەگ تور مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىڭ!…

تور دۇكىنىمىز ئادرىسى: http://uyghurbeg.taobao.com/

uyghurbeg-taobao

دۇكىنىمدىن بىر كۆرۈنۈش

2,313 گىرادۇس 4

Google Adsenseنىڭ مۇھىم ئوقىتى PINنى تاپشۇرۇپ ئالدىم

ئۇزاق مەزگىللىك ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈش ھەمدە قايغۇ ھەسرەتلەر بىلەن ئەسلەش قاتارلىق ئوخشىمىغان ھېسسىياتلىرىم بىلەن ساقلىغان، رېۋايەتلەردىكى ئازغۇن كەبى زار قىلغان PIN كەپتۇ. ئەسلىدىكى ئىنتىزارلىقىمدا PINدېگەن بۇ ئوقەت كاللامدەك يوغان نەرسە دەپ ئويلاپتىكەنمەن، نەدىكىنى، تولۇقسىز ۋاقتىمدا سىنىپدىكى ساۋاقداشلارغا خەت يېزىپ قاچىلاشقا ئىشلەتكەن ئۆزۈم ياسىۋالغان كونۋېرتتىنمۇ «ئاددىي» بىر نېمە ئىكەنغۇ. تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم، ئەمما لېكىن، مەنمۇ خېلى ئاقسالىشىۋالدىم جۇما، خەن ۋە ئۇيغۇر-قازاق ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىم ھەيرانلىق بىلەن سورۇشۇپ، قۇلىغا ئېلىشىپ قاراشتى. ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ Google Adsense ئىچىگە خەنچە بىر پاتمان نەرسىلەرنى يېزىپ تاشلاپتۇ، بولمىسا ئاقسالىق قىلىپ «گۇگېل شىركىتى مېنى خىزمەتكە تەكلىپ قىپتۇ!»دەپ بىر ھازا پو ئاتقان بۇلاتتىم-دە!…
خوش، ئەمدى كېلەر ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالماقچى بولغان 200نەچچە دوللارنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەي، يولداش شاھ بلوگنىڭ بلوگىمۇ قالتىس پۇل تاپىدىغان بلوگكەنتۇق، تاپقان پۇلۇمغا شۇ بلوگنى سېتىۋالارمەن-يا. ئەمىسە، تۆۋەندىكى ئىككى پارچە رەسىمنى بۇ قېتىملىق PINنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىم ئۈچۈن خاتىرە قىلىپ يوللىدىم.كۆرۈپ باققايسىلەر…

2,546 گىرادۇس 8