ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېقىندا تۇرايىمىزنىڭ iOS ئەپىنى يېڭىلاش جەريانىدا سەھىپىلەرنى رەتلەش ئىھتىياجى تۇغۇلدى. سەھىپىلەرنى رەتلەش جەريانىدا بلوگىمدىكى نۇرغۇن سەھىپىلەر ۋە خەتكۈچلەرنىڭ نىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، بەزى سەھىپىلەرنىڭ قايتىلىنىپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. ئەمما، نورمالدا بۇ سەھىپىلەرنى قولدا بىرىكتۈرۈش توغرا كەلسە، ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق. ئەمما، WordPress تەمىنلىگەن قىستۇرما ئارقىلىق بۇنى ئەپچىللا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
157 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئالدى بىلەن كېچىكىپ قالغان بولساممۇ سىلەرنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن: قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئۇزۇن بوپتىكەن WordPress ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغىلى، نەچچە كۈن ئاۋال بىر خەنزۇچە بلوگدا WordPressدە قۇرۇلغان بېكەتلەرنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا باغلىغىلى بولىدىغان قىستۇرمىنى ئۇچرىتىپ، بىر ئاز سىناق قىلغاندىن كېيىن ياراپ قالدى. بۈگۈن سىلەر بىلەن مەزكۇر قىستۇرما ھەققىدە بىرئاز بىلىملەرنى ئورتاقلىشىپ ئۆتەي…
4,406 گىرادۇس
بەزىدە بلوگىمىزدىكى يازمىلارغا يازمىنىپ ئاپتورى ھەققىدە ئازراق ئىزاھات بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدەك كۆپ ئاپتورلۇق بلوگلاردا بۇ ئىشنىڭ تەقەززاسى تېخىمۇ كۈچلۈك. ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبلىرىدا مەن كەڭ بلوگداشلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يازمىدا ئاپتور ئۇچۇرى چىقىپ تۇرىدىغان ئىقتىدارنى قوشقان ھەمدە تۇرايىمىزدا بۇرۇن «wordpress دا يازما ئاستىغا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى قوشۇش ئۇسۇلى» ناملىق يازما ئېلان قىلىپ بۇ تېخنىكىنى كەڭ بلوگداشلارغا تونۇشتۇرغان. ئەمما، كود بىلەن ھەل بولىدىغان بۇ تېخنىكىنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى بولغاچقا، بىر قىسىم يېڭى بلوگداشلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنى ئىجادىي قىستۇرمام Wp-Aptor ئارقىلىق ھەل قىلدىم. يەنى، Wp-Aptor قىستۇرمىسى ئارقىلىق يازمىلاردا ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىماھالىنى كۆرسۈتۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ!…
878 گىرادۇس
WordPress نىڭ 3.5.1 نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى نەشىرىدە ئاپتوماتىك قوشۇلىدىغان JS كىرگۈزگۈچ ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، WordPress نى بۇ يېڭى نەشىرگە كۆتۈرگەندە گەرچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى نورمال بولسىمۇ، بىراق باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدۇ. ناۋادا WordPress 3.5.1 نى يېڭىدىن قاچىلىساق، ئۇنداقتا فونت ۋە كىرگۈزگۈچ ھەر ئىككىسى چىقىرىپ تاشلانغان. گەرچە بۇ يىراقنى كۆزلىگەندە ئاقىلانە تاللاش بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنى نورمال ئۇيغۇرچە ئىشلەتكۈسى بار تورداشلار ئۈچۈن ھېچقانداق تاللاش يولى قويۇلمىغان. مەزكۇر قىستۇرما شۇ ئېھتىياج تۈپەيلى ياسالغان بولۇپ، ئېھتىياجى بار تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
1,866 گىرادۇس
بلوگنى يېڭى قۇرۇپ بولۇپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا چەتئەلدىن تونۇمايدىغانلار تۇققانلار ئىنگىلىزچە ئىنكاس يېغىپ كەتتى، ئۇلارنى ئۆچۈرۈپ تۇرساق بۇ بەز تۇققانلار يازمىمىزدىن ياكى ئىنكاسلاردىن بىرەر جۈملە سۆزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ بلوگىمىزنى ئەخلەت ئىنكاس بىلەن تولدۇرۇپ تاشلىدى، قانداق قىلىمىز؟ بۈگۈنكى ۋە ئەتىدىكى يازمىمىزدا سىپەمدىن ساقلىنىشنىڭ 6 تەدبىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز، ئاددىيراق بولۇشى ئۈچۈن بۈگۈنكى قىسمىمىزنى قىستۇرمىلارغا ئاتىدۇق، سىپەمدىن زىرىككەن بولسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىمىزدا بولسۇن.
1,354 گىرادۇس
ئۇيغۇرچە بلوگ ۋە بېكەتلەردە SEO ئوينايدىغانلار ئازراق بولسا كېرەك، شۇنداقتىمۇ يوق بولمىسا كېرەك، خۇددى ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە SEOغا ئائىت ھېچنېمە يوق بولغىنىدەك، خۇددى يولداش پرېستان ئەينى چاغدا بلوگىمىز فىلىم قانىلىنىڭ SEO قىسمىنى ئالامەت ئاقسا ئىشلىگەندەكچۇ. SEOنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بلوگ ياكى تور بېكىتىمىز ئۇچۇرىنى ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئۆمۈچۈكلىرى تەرىپىدىن كۆپرەك «تورغا ئىلىۋېلىش» بولغاچقا، بلوگىمىز ۋە تور بېكىتىمىزنى ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئىزدەش نەتىجىسىگە پايدىسى خېلى كۆپ، بۈگۈنكى يازمىمىزدا مۇشۇنداقراق ئىشلارغا ئەسقاتىدىغان مۇھىم قىستۇرما Google XML Sitemapsنى تونۇشتۇرۇپ قۇياي…
2,431 گىرادۇس
ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرى، ھەر خىل ئەپ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئانچە-مۇنچە ئايفون ۋە فوتوگراپچىلىق تېخنىكىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان پاسىبان ئاغامنىڭ بلوگىنى ئايفوندا زىيارەت قىلسا شۇنداق پەچچەت چىقاتتى، ئىچىم قىزىغانتى دېسە. ئەمدى بىلسەم، بۇنىمۇ قىستۇرما ئارقىلىق جايلايدىكەنمىز. خوش، بىر قانچە سائەت ئىزدىنىشىم ئاستىدا ئەقلىيفونلاردا بلوگنى رەتلەپ چىقىرىپ بېرىدىغان قىستۇرما WPtouchنىڭ كۆرۈنمە يۆزىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم، ماڭا ئىشىنىڭكى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!…
6,739 گىرادۇس
WordPress ساھەسىدە ئازراق ئىزدىنىپ باققانلار ۋە ياكى WP-PostViews قىستۇرمىسىنى چۈشۈنىدىغانلار شۇنى ئەلەم بىلەن ئىتىراپ قىلىدۇكى، WP-PostViews قىستۇرمىسى بلوگدا كەم بولسا بولمايدىغان قىستۇرمىنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر مۇقەددەم ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى «[مەخپىي رېتسىپ]WordPress قىستۇرمىسى WP-PostViews ۋە ئۇنى ئىشلىتىش» ناملىق يازمىمىزدا ھەم سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەپسۇسكى، تا ھازىرغا قەدەر بۇ قىستۇرمىنىڭ تەڭشىكى ئىنگىلىزچە ئىدى، بۈگۈن شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلايمىزكى WP-PostViews قىستۇرمىسى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، ئەمدى بۇنى ئىشلىتىش ھەققىدە تەپسىلىي مەزمۇنغا ئىگە بۇلايلۇق.
3,398 گىرادۇس
خوش، يېقىندىن بۇيان بلوگىڭىزدا ئىنگىلىزچە ئىنكاسلار يېغىپ كەتتىمۇ؟ بەلكىم «يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز» ناملىق يازمىمىزدا ئېيتىلغاندەك، بۇ ئىنكاسلاردىن ھاياجانلىنىپ ئۇ ئىنكاسلارنى تەستىقلاپ، جاۋاب بېرىپ ئولتۇرۇۋاتامسىز؟ كېيىن قارىسىڭىز بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار كۈنىگە 100 تالدىن، ھەتتا 1000 تالدىن كۆپىيىۋاتقان، سەل بىنورماللىق ھىس قىلىۋاتقىنىڭىزدا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، سىزگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىۋاتقان، سىز مۇدائىپە كۆرۈشنى ئەمدى باشلاپ، كۈندە ئىنكاس ئۆچۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان، كېيىن ئۆچۈرۈپ بولالماي چارچاپ كېتىۋاتقان، ئاھ، بۇنداق ھالدا بلوگ يازغاندىن بېرىپ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا بېرىپ ئىنكاس يازسامچۇ دەپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقان… ھىم، قايغۇرماڭ، بۈگۈن مۇشۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار ئۈچۈن «ئاكام سەمەت» قىستۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تاكتىكىسىنى ئۆگۈنۈپ قويغۇلۇق، ماڭا ئىشىنىڭكى، سىزگە ياشاش يولى ھامان بار!…
2,938 گىرادۇس
ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر، تۇرايىمىز بىر ئايلىق ئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھازىر قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە جىددىي ئاتلاندى ھەمدە بارلىق كۈچلەر سەپەرۋەرلىككە سېلىنىپ، يازما يوللاش تىزلىكى شىددەت بىلەن ئاشتى، بۈگۈن، ھەرقايسى ئەزىزلەرگە ناھايىتى كاتتا ئۈنۈملۈك بولغان بىر قىستۇرما، يەنى، يازمىسىدا كۆپرەك رەسىم ئىشلىتىپ سالىدىغان بلوگگېرلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى رەسىم كۆرۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدىغان قىستۇرما «slimbox»بىلەن جىددىي تونۇشۇپ ئۆتكۈسىمىز، دىققىتىڭىزلار يازما داۋامىدا بولسۇن!…
2,142 گىرادۇس