بىر شائىرنىڭ ئۆزۈرى

بىر شائىرنىڭ ئۆزۈرى

 ئۇيغۇربەگ

ئەي قەلىمىم،
بىلىۋاتىمەن مەندىن رەنجىدىڭ،
سىياھ قۇسۇپ بىر پەس تىنجىدىڭ.
يازالمىدىم سەندە نەسىھەت،
قۇرالمىدىم سەندە سەلتەنەت.
ياراتمىدىم سۆيگۈنى قايتا،
ماختىمىدىم مەجنۇننى ئەسلا.

مەن نېمە قىلدىم؟
مەن ئۇزۇن سۈكۈت قىلدىم،
قىيا تاشنى ئۆرنەك قىلدىم.
شىلدىرلاپ ئاققان سۇلارنى ئەمەس،
گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلنى ئەمەس،
تىۋىشسىز دەرەخلەرنى تۇتېم قىلدىم،
تىمتاس قىرغاقلارنى ئۇدۇم قىلدىم.
بەرھەق!
مەن سۈكۈتنى كېپەن قىلدىم،
قورقۇنچنى چاپان قىلدىم،
ئىلھامىمنى ئولپان قىلدىم.
مەن
ھاياتنى دەپ ھاياتنى ياقتىم،
ئۆزۈم سۆيمىگەن ئىشىكنى قاقتىم…

سۇنمىدىڭ قەلىمىم، سۇنمىدىڭ،
سەن سۇنمىدىڭ مەن سۇلدۇم،
مەن
ئانام قىلغان دۇئالارنى،
ئاتام يارغان ئوتۇنلارنى،
ئاكام يازغان شېئىرلارنى،
بالىلىقىمدا ئالغان ئۈمىدلەرنى،
ھەسرەت ئىچىدە يۈتتۈم.

قەلىمىم،
مەن ۋەتەننى، مەن ئانامنى، مەن ئاكامنى،
ماتەم ئىچىدە سېغىندىم…

2015-يىل 7-ئاۋغۇست ئىستانبۇل

153 گىرادۇس 3

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يۇقارقى ماۋزۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ئەسلى ماۋزۇسىنى «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ياساشتىكى دەرسلىك» دەپ قويماقچى ئىدىم، تېخىمۇ كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىددە بىر ماۋزۇ ئويناپ قويدۇم. گەپكە كەلسەم، بلوگىم ۋە ئېلخەتتە مەندىن خەتلىك فىلىمنى قانداق قايسى پروگرامما، قايسى دىتالدا ياسايدىغانلىقىمنى سورىغان تورداشلار بار ئىدى، قايسى كۈنى مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى ئويلاۋېتىپ، بىر دەرسلىك تۈزۈپ چىقىشنى ئويلاشتىم ھەمدە بىر يېرىم سائەتلىك مەزكۇر دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم.

967 گىرادۇس 22

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى iOS ئەپى غەزەب بىلەن ئېلان قىلىندى

iOS Simulator Screen Shot 1 Mar 2015 21.57.41

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەزكۇر ئەپ 2011-يىلى، 2012-يىلى ئۇيغۇرچە ئون نادىر بلوگلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ بلوگ ئەپى بولۇپ، مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق ئ‍ۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا يوللانغان ئەڭ يېڭى يازمىلارنى ئايفون ۋە ئايپەددە بىلەن تىز ۋە ئەڭ قولاي ئۇسۇلدا ئېرىشەلەيسىز.

1,290 گىرادۇس 15

[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە سەكسەن تۆت گۇرۇپپىسى – چېقىلما

住宿登记表.xlsx - 快捷方式_副本

ناخشىدىن باشقا ھېچنېمە تەرجىمە قىلالمىغانلىقىمدىن قاتتىق ئېچىنىپ مۇشۇ چۈشەندۈرۈشنى يېزىشقىمۇ ئېرىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن. نېمىلا بولسا سەكسەن تۆت گۇرۇپپىسىنى تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، تۆمەردىكى ئوقۇتقۇچىمىز دەرس ئارلىقىدا بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا ئەكەلگەن مەزكۇر ناخشىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تونۇدۇم، ئەمما مەزكۇر «چېقىلما» دېگەن ناخشىسىنىڭ سۆزى ۋە مىلودىيىسىنى ياخشى كۆرۈپ كېتىپ ھاياجىنىم تۇتۇپ كېتىپ تەرجىمە قىلىپ سالدىم، ۋاقتىڭلار يەتكەندە ئاڭلاپ قويارسىلەر…

2,136 گىرادۇس 4

بېكەت-بلوگلارغا قارىلىق تۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ تەدبىرى

20130507133619436_副本

ئاپەت چىققاندا بەزى خەنسوچە بېكەتلەر ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا قارىلىق تۇتىشىدىكەن. يەنى بەت سۈررەڭ ھالەتكە ئايلىنىدىكەن، بېكەتكە قارىلىق تۇتۇش دېگەن ئاتالغۇنى كىم بۇرۇن ئىشلەتكەن، قارىلىق تۇتۇش ۋاجىپمۇ دېگەندەك مەسىلىلەر بۇ يازما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى ئۇنداق ئۈنۈمنى قانداق ھاسىل قىلىمىز، بۇ دەل بۇ يازمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى.

2,512 گىرادۇس 26

شىرئەلىجان 3 نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ چىمپىيونى بولدى

shireli-threes-champion_01

CBA كۆرۋاتقىلى ئاز كەمىدە 5 يىل بوپتۇ، بۇنداق دېسەم نۇرغۇن دوستلار CBA مۇ كۆرۈپ يۈرەمسەن، NBA پەيزى تۇرسا دېيىشى ئېنىق، ئەمما NBA دە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ توپچىلىرى يوقدە؟ نېمىسىنى كۆرىمەن؟ كىمگە مەدەت بېرىمەن؟ ھېلىمۇ ئىسىمدە، ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىغۇ دەيمەن، ياتاقتا زىرىكىپ ئولتۇرپ تېلىۋېزور كۆرۈپ ئولتۇرسام (1-يىللىقتا كومپىيۇتېر ئىشلەتكىلى قويمايتى) CCTV-5 تە CBA قويغىلى تۇرۇپتۇ، كۆزۈم توپچىلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسىگە چۈشۈپ قالدى، قارىسام مۇرات ئىكەن، زاپاس ئەزالار رايونىدا مەۋلانمۇ تۇراتتى. بۇ چاغدىكى ھېسسىيات ئىشقىلىپ بېلەكچىلا، ھاياجان… ئۇيغۇر توپچىلارمۇ بار ئىكەن؟ دەپ ھەيران قالدىم، شۇنىڭدىن كېيىن مەن CBA كۆرۈشكە قىزىقىپ كەتتىم، ھەتتا بىلىپ بىلمەي شىنجاڭ ئۇچار يولۋاس كوماندىسىنىڭ مەستانىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم. كېيىنچە بۇ كوماندىدا شىنجاڭلىق ئاز سانلىق توپچىلارنىڭ سىماسى كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدىن، بۇلۇپمۇ ھازىر تازا داڭ چىقىرۋاتقان شىرئەلىجان ئۇندىن باشقا ماكەن(خەنچە 克兰别克马坎 دەيدىكەن) ۋە مەردانلار.

777 گىرادۇس 2

ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە

ئۇيغۇر يېزىقى ھەققىدە:ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تىل – يېزىقى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى بويىچە سېلىشتۇرغاندا پۈتۈن دۇنيادىكى 6000 دىن ئارتۇق تىل ئىچىدە ئالدىنقى 70 نىڭ ئىچىگە كىرگەندىن باشقا، جۇڭگودا خەنزۇ (كانتون ۋە باشقا دېيالېكتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىلىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىغان نوپۇزلۇق تىل-يېزىقتۇر. نۆۋەتتە Windows 8 ۋە گۇگول، ۋوردپرېس، ۋىكىپېدىيە قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىشلەنگەن بولۇپ، IT ساھەسىدە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى ئازەرى، تاتار تىللىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرغاندىن باشقا، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، ئوردو، تىبەت ۋە باشقا نۇرغۇن تىل-يېزىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

1,005 گىرادۇس 5

ئۇيغۇربەگ تەتىلدە….

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ تۇنجى مەۋسۇمى ئاخىرلىشىپ، خىزمەت ئىزدەش ۋە پىراكتىكا قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سەپەردە بولۇپ قالدىم، بۈگۈننى ھېسابقا ئالغاندا كومپىيۇتېر ئالدىغا كەلمەي رېئال دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمغا بىر ھەپتە بولۇپ قالدى، شۇڭلاشقا بلوگنى نورمال يېڭىلاشقا، بلوگغا چۈشكەن سۇئاللارغا جاۋاب يېزىشقا، شۇنداقلا QQرىمغا قالدۇرۇلغان خەتلەرگە جاۋاب يېزىشقا پۇرسەت چىقمىدى، ئىشلىرىم ھېلىھەم ئورنىغا چۈشمىدى، قاچان چۈشىدۇ ھەم بىلمەيمەن، تەتىل ۋاقتىدا پۇرسەت چىقسا بلوگنى نورمال يېڭىلاپ تۇرغۇسىمەن، چىقمىسا تەتىل توشقاندىن كېيىن مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن يېڭىلىغۇسىمەن، بۇ جەرياندا كەمىنە ئۇيغۇربەگنى ئىزدەش توغرا كەلسە ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىشىڭلارنى سورايمەن، تەتىل جەريانىدا Windows8 كەسپىي نەشىرىنىڭ ھەقىقىي ئاكتىپلاش ئاچقۇچ كودىنى ئالماقچى بولغان ئەزىزلەرگە ئاچقۇچ كودىنى ئېلىپ بېرىشدىن باشقا،بلوگداشلارغا WordPress ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش، ئۇچرىغان مەسىلىلەرگە ياردەم بېرىش، بوشلۇقچىلىق، تور نامچىلىق قاتارلىق ئىشلاردا داۋاملىق مۇلازىمەت قىلغۇسىمەن، جىددىي ئىزدەيدىغانلار ئېلخەت ئارقىلىق تېلىفون نومۇرۇمغا ئېرىشسەڭلار بولىدۇ. ھەممىڭلارنىڭ كۈنىنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
ئالاقە ئۇچۇرلىرىم تۆۋەندىكىدەك:
ئېلخەت: uyghurbeg@yahoo.com
QQ:761250477

785 گىرادۇس 5

[ كۆچۈرۈلمە ] ئاVنىڭ غەيرىي رەسىمىي تەرجىمھالى

13

ئىلاۋە: دوستۇم ئەركىنىڭ بۇ ھېكايىسى مەن ھازىرغىچە ئوقۇغان ھېكايىلەر ئىچىدە سۆيۈپ ئوقۇغان ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. 2008- يىلى سابىق بەرقى مۇنبىرىگە يوللىنىپ تورداشلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرشكەن بۇ ھېكايە 2009- يىلى بەرقى تورىنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولغاندا دوستۇم ئەركى ئۆزىدە بۇ ھېكايىنىڭ ئورگېنالىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ بەكمۇ ئەپسۇسلانغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مېنىڭمۇ ئىچىم ئېچىشقان ھەم پات-پات ئەركى بىلەن بۇ ھېكايە توغرىسىدا سۆزلىشىپمۇ قوياتتۇق . دوستۇمنىڭ ماڭا بەرگەن يېڭى يىللىق سوۋغىسى « ئادىشىم چايان» نى كۆرگەندىن كېيىن مەنمۇ ئۇنىڭغا يېڭى يىللىق سوۋغا بېرىش ئۈچۈن جىق ئويلاندىم. كاللامغا تۇيۇقسىز بۇ مەرھۇم  ھېكايە كەلدى. بىر كۈن ئىز قوغلاپ ئاختۇرۇش، بوشاشماسلىق نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئاV غا باغلانغان بىر تۈركۈم چاتما ھېكايىلىرىنى قولغا چۈشۈردۈم.

1,077 گىرادۇس 9

ياش ناخشىچى شىرئەلى غېنىنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى–كېرەك ئەمەس

LL$(WN466U[DK88(5ARNN5D

H’Media ستۇدېيىسى كېرىشتۈرگەن ياش ناخشىچى شىرئەلى غېنىنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى «كېرەك ئەمەس» دېگەن ناخشىسىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە، مەن بۇ ناخشىنىڭ بۇرۇنقى ئاھاڭىنى ياقتۇرساممۇ، ئەمما يېڭى ئاھاڭ، يېڭى كۈي ۋە يېڭى MV ئۇسلۇبى مېنى قايىل قىلدى. سىزمۇ ئاڭلاپ بېقىڭ…

2,578 گىرادۇس 6

ئەزىز بلوگداش، 2012-يىلى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟….

04

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز بلوگداشلار. مانا ھەش-پەش دېگۈچە 2012-يىلىمۇ ئاخىرلىشىپ، 2013-يىلىگە كىرمەكچى بولىۋاتىمىز، ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن ھە، بىردەمدىلا يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن ستۇدېنىتتىن ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ستۇدېنىتقا ئايلىنىپتىمەن، قەدىردان ئۇسلۇبچى پرېستانمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆزىنىڭ دەردىگە يېتىۋاتىدۇ. ئۇزۇن بوپتىكەن، بلوگداشتىكى تورداشلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ باقمىغىلى، بۈگۈن بىر پاراڭ سوقۇپ باقمامدۇق، پاراڭ تېمىمىز «2012-يىلى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟….»بولسۇن، قانداق؟ خالايدىغانلار ئىنكاسقا مەرھەمەت…

1,679 گىرادۇس 22

قازاقىستان دەرۋىش ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇڭ ناخشىسى–ھەر ئاخشام

heraxsha

قازاقىستان رېسپۇبلىكىسىدىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلىرى ۋە ناخشىچىلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ قوياتتىم، ئالدىنقى چاغلاردا مەرھۇم مۇرات ناسىروفنىڭ «قالدىم يالغۇز»، زۇلپىقارنىڭ «ئانا»، دەرۋىش ئانسامبىلىنىڭ «ۋەتىنىم»،«ئايلىناي»(قازاقچە) ناملىق ناخشىلىرىنى خېلى ئاڭلىغان، بۈگۈن مىكرو بلوگدىن دەرۋىش ئانسامبىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى «ھەر ئاخشام»نى ئۇچرىتىپ قېلىپ مۇڭ رېتىمى ۋە لىرىك تېكىسىتىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالدىم، ئىمتىھان ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈپ يازما يوللىيالماي يۈرگەندە بۇ ناخشا تۇرانىڭ يېڭى يازما باھانىسىگە ئايلاندى، ماڭا ئوخشاش بلوگ يازغۇسى كەلمىگەن بلوگداشلارغا ناخشا يوللاپ بېرىش ئۈلگىسىنى يارىتىپ بېرەي، ئەمىسە ناخشىغا مەرھەمەت!….

1,502 گىرادۇس 10