ئۇيغۇربەگ تور بەگلىكى ئويغانماقتا، رەھمەت سىلەرگە بلوگداشلار…

ئۇيغۇربەگ تور بەگلىكى ئويغانماقتا، رەھمەت سىلەرگە بلوگداشلار…

ھەممە بلوگداشلارغا پۇر كەتكەندەك، نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن بلوگلار شۇنداقلا ماڭا ئىشىنىپ تور ناملىرىنى ساقلاشقا بەرگەن تورداشلارنىڭ تور ناملىرىغا قارا قول تەگكەندىن كېيىن،ماڭا ناھايىتى زەربە بولدى، بلوگ ساھەسىدىن شۇ پېتىلا يوقاپ كېتەي دەپمۇ ئويلىدىم، ئەمما نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن بلوگلاردىن بىردەمدىلا ۋاز كېچىشكە يۈرۈكۈم چىدىمىدى. نۇرغۇن بلوگداشلار، جۈملىدىن نەچچە يىللىق ھەمكاردىشىم پرېستان، تورخۇمارنىڭ ئاپتورلىرىدىن تەدبىركار ۋە ۋىروس، كۆككەپتەر بلوگى، ئىزتىل بلوگى، مۇئەللىم بلوگى، سابىق تەشنايى بلوگى ۋە ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ بولالمىغان باشقا بلوگ-بېكەتلەرنىڭ ئاتامانى مېنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى قايتا باشلىۋېلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەپسۇسكى، بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ ئىشى بېشىمنى ئاغرىتسا، بىر جەھەتتىن تور ناملىرى يوقالغان بلوگداشلارنىڭ بلوگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش يۈكۈمنى ئارتتى، بىر قىسىم تورداشلار يېڭى تور نامدا يېڭىدىن باشلاشنى تەۋسىيە قىلسا، بىر قىسىم تورداشلار ئۆزلىرى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسىملارنى ماڭا سوۋغا قىلىپ، ئەسلىدىكى تورناملارنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشىمنى تەۋسىيە قىلىشتى، بۇ يەردە مەن مېنى قوللاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن بارلىق خالىس نىيەتلىك تورداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن  رەھمەت ئېيتىمەن. رەھمەت سىلەرگە.

7,942 گىرادۇس 63

WordPress ئويناۋاتقانلارغا بىر قانچە تەۋسىيە بېكەت، چوقۇم سىز دائىم كىرىپ تۇرىدىغانلىرى بار…

psd-photoshop-freebies-011_副本

مۇنبىرىمىز ۋە بەگلىكىمىز، پرېستان، تورخۇمار، چەۋەنداز، شۇنداقلا پاراۋۇز، ئۇسلۇبلاردىن باشقا بېكەت-بلوگلارغا كىرىپ تۇرىدىغانلار قانچىلىككىن؟ تۆۋەندە مەن پات-پات كىرىپ تۇرىدىغان بىرقانچە بېكەتلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، تىل ئاساسى بارلار پايدىلانساڭلار ئەجەپ ئەمەس. بلوگداشلارنىڭ ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلىما قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

1,469 گىرادۇس 8

بۇ قېتىم مەنمۇ قاراپ ئولتامىدىم، ئىجادىي بولمىسىمۇ ئۆزلەشتۈرمە ئۇسلۇب تارقىتىمەن، نامى: D4

784

بۇ ئۇسلۇبنى قاچان چۈشۈرۈۋالغانلىقىم ئېسىمدە يوق، بىرەر يىلچە بولۇپ قالدى بولغاي ئىشقىلىپ، ماڭا كۆرۈنمە يۈزىنىڭ پاكىزلىقى بەك يېقىپ كەتكەچكە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدىم. ئالاھەزەل بىرەر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ مانا، يېقىندىن بۇيان بىرەر ئۇسلۇب يوللاپ باقماپتىمەن، بۇ ئۇسلۇبنى مېنىڭ بۇ مەۋسۈمدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يوللىغان WordPress ئۇسلۇبۇم قاتارىدا يوللاپ قوياي، ئۇسلۇبخۇمارلار چۈشۈرۈپ، ساقلاپ قويارسىلەر…

12,671 گىرادۇس 121

Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى

Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «WordPressنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئىقتىدارى ۋە كۆرسەتمە كودلار»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئەمەلىيەتتە ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى بولۇپ، بۇ تەدبىر ئادەتتە Linux مۇھىتىدا شۇنداق ساز ئىشلەيتى. يېقىندا بىر قىسىم بلوگداشلار ئېلخېتىمگە خەت يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەدبىرنى قوللىنالمىغانلىقىنى ئېيتىشتى. بىلسەم Windows بوشلۇقى ئىكەن، مەنمۇ بۇرۇن Windows بوشلۇقى ئىشلەتكەن ئىدىم، شۇڭا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدىدىم. بۇرۇن بادام بلوگىدا مۇشۇ خىلدىكى يازمىنى ئۇچراتقان، بۇ قېتىم مەنمۇ يەنە بىر قېتىم توختىلىپ ئۆتەي. ھە راست، WordPress سېستىمىسىنى ياخشى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز Windows بوشلۇقىدىن ئۇزاق تۇرۇڭ، يازمىغا مەرھەمەت…

1,759 گىرادۇس 16

[مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنىڭ تەدبىرى، ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!…

[مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنى ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!…

مانچە كۈن ئالدا تۇرايىمىزغا jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساپ، ئېلاندىن بىرنى قوندۇرۇپ قويۇپ شۇنچە تاما بىلەن بىرەر ھەۋەسكارنىڭ ئۆگىنىۋېلىش تەلىپىنى كۈتسەم، يا بايقىمىڭلارمۇ ياكى قىزىقمىدىڭلارمۇ بىلمىدىم، ھېچكىم سوراپمۇ قويمىدى. بوپتۇ، مەن ئۆگىتەي، ئاۋۋال بەگلىكنىڭ باش بېتىگە قايتىپ بەتنىڭ ئاستىغا لىفىت بىلەن چۈشۈپ سول تەرەپكە قاراڭلار، ئېلان بار، ئۈستىگە چىقىڭلار، ئېلان بار، بۇ قېلىن ئېلان نەگە بارسىڭىز شۇ يەرگە بارىدۇ، بۇ دەل بۈگۈنكى مەخپىي رېتسىپنىڭ ئۈنۈمى. ئېلاننى چىكىۋەتكەندىن كېيىن ماۋۇ يازمىغا قايتىپ كېلىپ، تېخنىكىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سالغايسىزلەر…

1,742 گىرادۇس 22

WordPressدىكى خەتكۈچ ۋىجىتىدە خەتكۈچدىكى يازما سانىنى كۆرسىتىشنىڭ تەدبىرى

615-1

بۈگۈنمۇ كىچىككىنە كود ئارقىلىق يەنە بىر ئۇز تېخنىكىنى، يەنى، بلوگىمىزنىڭ يان بۆلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەتكۈچ ۋىجىتىدىكى  خەتكۈچلەرنىڭ يېنىدا ھەر بىر خەتكۈچكە مۇناسىۋەتلىك ھالدا قانچە يازما يوللاندى شۇنى چىقىرىپ بىرىدىغان تەدبىرنى ئۆگىنىپ ئۆتەيلى. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى دەرسلىكنىمۇ ئۇستاز ئۇيغۇربەگ سۆزلەپ ئۆتكۈسى.

1,728 گىرادۇس 15

ۋوردپرەسكە زىيارەت قىلىۋاتقانلار سانىنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى

tumblr_lbaoz2qZMI1qbj02oo1_500

زىيارەت قىلىۋاتقانلار سانى بلوگىرلار ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان بىر مۇھىم ئۇچۇر، بىلوگنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا قانچىلىك ئادەم تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان كۆرسەتكۈچ دىسەك بولىدۇ. مەن كۆپ قېتىملاپ باشقا توربەتلەر تەمىنلىگەن كود ئارقىلىق بۇ جاينى ئىشقا ئاشۇرغان بولساممۇ لېكىن باشقا توربىكەت تەمىنلىگەن كود بولغانلىقى سەۋەبىدىن توربېتىمنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىەتتى. شۇڭا مەن ئۇيان ئىزلە بۇيان ئىزلە ئاخىرى بىر يەرلەردىن تېپىۋالدىم.

1,404 گىرادۇس 14

WordPressدىكى بلوگىمىزغا «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» ئىقتىدارىنى قوشۇشنىڭ تەدبىرى

codecss

پرېستان ھەزرەتنىڭ بەگلىكنىڭ ئۇسلۇبىنى قايتىدىن رىمۇنت قىلىپ چىققانلىقىغا بىر قانچە ئەسىر بولاپ قالدى، ئەمما كەمىنىمۇ بەگلىكنى كۈندە مانچە قېتىم كوچىلاپ بېقىۋاتىمەن، پرېستانغا دەپ قويماي بەزى ئىقتىدارلارنى قوشۇۋاتىمەن، چىقىرىۋاتىمەن، پرېستانغا دەپ قويماي قوشۇۋالغان بىر ئىقتىدار «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن»نى(تۇرايىمىزدا، ۋە باشقا جايلاردا بازار چۈرگىلەش دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، ئاپتوردىن ئالاھىدە ئەسكەرتىش)قوشۇۋالغان ئىدىم، تەدبىرنى بۈگۈن تورداشلار بىلەن بۇ ھەقتە چاي ئىچكەچ ئولتۇرغاچ ئورتاقلىشايلى…

1,294 گىرادۇس 14

WordPressنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى نەشىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمايدۇ!

qsarfdsfsgsg

WordPress سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى شۇنداقلا WordPress ئۇيغۇرچە نەشىرىنىڭ ئورگان بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مۇرشىدى ئەپەندىمنىڭ شەخسىي مىكروبلوگىدىكى ئۇچۇرلارغا كۆرە يېقىندا يېڭىلانغان WordPressنىڭ تەرجىمىسى ئىشلەنمەيدىكەن، ئەكسىچە پات يېقىندا تارقىتىلىدىغان WordPressنىڭ 3.4 نەشىرى رەسىمىي تارقىتىلغاندا ئۇيغۇرچە تەرجىمە خىزمىتى باشلىنىدىكەن ھەمدە تىز سۈرئەتتە تاماملاشقا تىرىشىدىكەن.

959 گىرادۇس 7

WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!

camera-lens-520x245

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرى، ھەر خىل ئەپ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئانچە-مۇنچە ئايفون ۋە فوتوگراپچىلىق تېخنىكىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان پاسىبان ئاغامنىڭ بلوگىنى ئايفوندا زىيارەت قىلسا شۇنداق پەچچەت چىقاتتى، ئىچىم قىزىغانتى دېسە. ئەمدى بىلسەم، بۇنىمۇ قىستۇرما ئارقىلىق جايلايدىكەنمىز. خوش، بىر قانچە سائەت ئىزدىنىشىم ئاستىدا ئەقلىيفونلاردا بلوگنى رەتلەپ چىقىرىپ بېرىدىغان قىستۇرما WPtouchنىڭ كۆرۈنمە يۆزىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم، ماڭا ئىشىنىڭكى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!…

6,740 گىرادۇس 58

WordPressدە بلوگ ئۈچۈن چىرايلىق رەڭدار خەتكۈچ بېتى قۇرۇشنىڭ تەدبىرى

756-1

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «WordPressدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى تەدبىرى»دە بىز بلوگىمىزدىكى رەڭدار خەتكۈچنى قانداق ھاسىل قىلىشنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ قېتىملىق يازمىمىزدا بولسا، ئاشۇ يازمىمىزدىكى تېخنىكىنىڭ داۋامى بولغان رەڭدار خەتكۈچ بېتى ياساشنى ئۆگىنىپ ئۆتكۈسىمىز. رەڭدار خەتكۈچ بېتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز ئاۋۋال ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىكى خەتكۈچزارلىقنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. خوش، يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت…

1,692 گىرادۇس 23

WordPressدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى تەدبىرى

cropped-000

ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز prestansimpleنىڭ يېڭى نەشىرىدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمى قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار. ئەلۋەتتە، قىستۇرما ئارقىلىق ھاسىل قىلىش بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي جاجىسى. بۈگۈن تۇرايىمىزدا يېقىندا يوللانماقچى بولغان رەڭدار خەتكۈچزارلىق بېتى قۇرۇش تەدبىرىنىڭ ئالدىدا ئاشۇ رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ بىر قانچە تەدبىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى، بلوگگېرلار ئىنكاسقا مەرھەمەت…

876 گىرادۇس 10