ئۇيغۇربەگ تور بەگلىكى ئويغانماقتا، رەھمەت سىلەرگە بلوگداشلار…
-
سەھىپە:تۇرا يېڭىلىقلىرى
باھا:61 دانە
01-05-2013
ھەممە بلوگداشلارغا پۇر كەتكەندەك، نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن بلوگلار شۇنداقلا ماڭا ئىشىنىپ تور ناملىرىنى ساقلاشقا بەرگەن تورداشلارنىڭ تور ناملىرىغا قارا قول تەگكەندىن كېيىن،ماڭا ناھايىتى زەربە بولدى، بلوگ ساھەسىدىن شۇ پېتىلا يوقاپ كېتەي دەپمۇ ئويلىدىم، ئەمما نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن بلوگلاردىن بىردەمدىلا ۋاز كېچىشكە يۈرۈكۈم چىدىمىدى. نۇرغۇن بلوگداشلار، جۈملىدىن نەچچە يىللىق ھەمكاردىشىم پرېستان، تورخۇمارنىڭ ئاپتورلىرىدىن تەدبىركار ۋە ۋىروس، كۆككەپتەر بلوگى، ئىزتىل بلوگى، مۇئەللىم بلوگى، سابىق تەشنايى بلوگى ۋە ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ بولالمىغان باشقا بلوگ-بېكەتلەرنىڭ ئاتامانى مېنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى قايتا باشلىۋېلىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەپسۇسكى، بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ ئىشى بېشىمنى ئاغرىتسا، بىر جەھەتتىن تور ناملىرى يوقالغان بلوگداشلارنىڭ بلوگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش يۈكۈمنى ئارتتى، بىر قىسىم تورداشلار يېڭى تور نامدا يېڭىدىن باشلاشنى تەۋسىيە قىلسا، بىر قىسىم تورداشلار ئۆزلىرى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسىملارنى ماڭا سوۋغا قىلىپ، ئەسلىدىكى تورناملارنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشىمنى تەۋسىيە قىلىشتى، بۇ يەردە مەن مېنى قوللاپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن بارلىق خالىس نىيەتلىك تورداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. رەھمەت سىلەرگە.
بلوگچىلىق ھاياتىم مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم بولۇپ قالغانىدىئ ئويلاپ باقسام ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ماڭا ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى بەرگەن بىر بولسا ياتاقداش، مەكتەپداش دوستلىرىم بولسا،بىر بولسا مۇشۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ئارقىلىق تونۇشقان بلوگداشلار بوپتۇ. پرېستان ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى سۆزلىمىسەممۇ بىلىسىلەر، ئەڭ قىسقىسى مۇشۇ قېتىم بېيجىڭغا بارغان ۋاقتىمدا سابىق تەشنائىي بلوگىنىڭ ئاپتورى كېچە سائەت 10:30دە ئاتايىن ئالدىمغا چىقىپ، ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە ماڭا نەچچە كۈن ھەمراھ بولۇپ، بېيجىڭ كوچىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ، يوللىرىمنى مېڭىشىپ بەردى، بىز پويىز ئىستانسىدا كۆرۈشكەن ۋاقىتتىلا خۇددىي قەدىناس دوستلاردەك بولۇپ كەتكەنىدۇق، گىپىمىڭىزدە ھېچ قۇرۇنۇش ۋە تارتىنىش يوق ئىدى، ئىشقىلىپ ياقا يۇرتتا ماڭا قالتىس مېھماندارچىلىق كۆرسۈتۈپ،مېنى غېرىبسۇندۇرمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆككەپتەر بلوگىنىڭ ئاپتورى ئەينى چاغ ماڭا ئاتاپ ئالغان ھازىرقى تور نامىمىزنى(يەنى www.uyghurbeg.cn) ئېلىپ قويغان ئىكەن، شۇ ھامان ICP بېجىرىپ ئىشلىتىۋالدىم. ICP بېجىرىشتە ئىزتىل ئەپەندى ھالقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈشۈمگە ياردەم بەردى. پرېستان ئاتايىن مەن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنى تاشلاپ، ھازىر سىز كۆرۈۋاتقان بلوگ ئۇسلۇبىنى ياساپ پۈتتۈرۈپ بەردى، دېمەك مەن رېئال دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى سۈنئىي دۇنيادىمۇ خالىس نىيەتلىك تونۇشلارغا، دوستلارغا ئېرىشكەن ئىدىم، خۇددىي رېئال تۇرمۇشتىكى دوستلىرىم بىلەن بىرگە ئەسرالىشىدىغان مەيدان لازىم بولغاندەك، تور دۇنياسىدىكى تۇرمۇشىمدىمۇ شۇ تورداشلىرىم بىلەن ئەسرالىشىدىغان يەنە بىر مەيدان لازىم ئىدى، بۇ مەيدان دەل بلوگ ئىدى….
ئاخىرى بۇ بلوگنى قايتا ئېچىۋالدىم، ياق، بۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى بىز بلوگداشلار قايتا ئېچىۋالدۇق. ئەمما، بۇداقى بلوگ بۇرۇنقى بلوگ بىلەن خېلى پەرقلىنىپ چىقتى. تور نام ئوخشىمايتى، بلوگنىڭ نامى ئوخشىمايتى، ئۇسلۇب ئوخشىمايتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنقى كۆپ بلوگ قۇرۇۋېلىپ زېھىن چېچىلىش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سابىق ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى بىلەن سابىق ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىكى يازمىلارنى بىرلەشتۈرۈۋەتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ بلوگدا يۇقارقى ئىككى بلوگلاردا ئېلان قىلىنغان ۋە ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان يازمىلارنى تەڭ ئۇچرىتالايسىلەر، مېنىڭ شەخسىي تۇرمۇشۇمنى كۆرۈش ئۈچۈن، ناخشا ئاڭلاش ئۈچۈن كەپەمگە چېپىپ يۈرمەيسىلەر، ھەممىسىنى مۇشۇ يەردە ئۇچرىتالايسىلەر. رەھمەت سىلەرگە!
سابىق ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى سېغىنغان تورداشلار ئۇنى بۇ يەردىن كۆرۈپ كۆرگەيسىزلەر.
مەنزىل: blog/