ئۇيغۇربەگنىڭ تەتىلى توشتى، ئەمما لېكىن، دېمىسەم بولمايدۇ، بەگنىڭ غېمى تاشتى…

H[SBUX@2O((UC~8O15I{DVP_副本

شۇنداق قىلىپ بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان قىشلىق تەتىلمۇ ئاياغلىشىپ، نەچچە مىڭ كېلومېتىرلىق مۇساپىنى تاماملاپ مەكتەپكىمۇ قايتىپ كەلدىم. نەچچە كۈن سەپەرلىك ئارام ئېلىش ۋە يېڭى مەۋسۈمنىڭ ئالدىراش ئىشلىرى ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما لېكىن بەگلىككە كېلىۋاتقان بلوگداشلارغا دەردىم بار، دېمىسەم بولمايدۇ، بەگنىڭ غېمى تاشتى، كېلىڭ بلوگداش، سىزگە بىردەم دەرت تۆكۈپ بېرەي، بەلكىم بۇ دەردلەرنى سىزمۇ دېيەلمەي ئاران تۇرغانسىز…


بەگنىڭ بىرىنچى غېمى: ئىلھام قاچتى

بىر بلوگداش ئۈچۈن بلوگ  ئىلھامدىنمۇ قىممەتلىك بايلىق بولمىسا كېرەك. ياش ۋاقىتلىرىمىزدا ياش بولغاچقىمۇ ۋە ياكى تولا تەپەككۇر قىلىپ تۇرغاچقىمۇ، ئىلھام دېگەن توشاق ئىدى، كاللىمىزغا ھەر خىل خىيال، ھەر خىل ئارزۇلار كېلەتتى، شۇڭلاشقا بلوگغا يوللىغان تېمىلار ھەر تۈرلۈك، ھەر ساھەگە چېتىلاتتى. بىر كۈنى ناخشا يوللىساق، بىر كۈنى خاتىرە يوللايتۇق، بىر كۈنى تېخنىكا يوللىساق، بىر كۈنى يومۇر يوللايتۇق، قىسقىسى ياش ۋاقىتلىرىمىزدا نېمە يازغۇمىز كەلسە شۇنى يازاتتۇق. كېيىن بالىلار رەنجىپ ئۇيغۇربەگنى تېخنىكا بلوگى ئەمەس، ناخشا مۇنبىرىگە ئالماشتۇرۇۋەتتىڭىز دەپ قاقشاپ كەتكەچكە، مەخسۇس تېخنىكىلىق يازمىلارنى يوللاپ كۆنۈپ قالدۇق. ھالبۇكى… ھازىرچۇ؟ تولۇقسىزدىكى بىر مۇئەللىمىمىز دەرسدە تازا ئويلانمايدىغان، كاللا ئىشلەتمەيدىغان باللانى «گىرانىت كاللا» دەپ قوياتتى، ۋە ياكى كاللاڭ قوتۇرماچ بوپ كەتتىمۇ دەپ سورايتى. مەن دەل شۇنىڭ ئۆزى بولۇپ قالدىم، ئىلھام يوق، ئىلھام يوق!…

ئۇيغۇربەگدىن ساۋاق: بلوگ دېگەنگە ئۆزى نېمە ياقتۇرسا شۇنى يوللاش كېرەك، قۇرۇپ كەتسۇن ئاتالمىش خاسلىق!…

بەگنىڭ ئىككىنچى غېمى: ماغدۇر كەتتى

ياش ۋاقىتلىرىمىزدا بىر يازمىنى يېزىش ئۈچۈن كومپىيۇتېر ئالدىدا نەچچە سائەت قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ كېتىدىغان. ھەتتا بەزىدە تاماقنىمۇ ئۇنتۇپ، كېچە-كېچىلەپ بلوگ يېزىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىم بار ئىدى. ھازىر نەچچە سائەت بلوگ يېزىش ئەمەس، بىر سائەت قوپماي ئولتۇرۇپ قويىدىغان بولسام كۆزلىرىم چاپاقلىشىپ، كاللام قاپاقلىشىپ، زېھنىم قاتماللىشىپ بىر يەرگە بارىمەن…

ئۇيغۇربەگدىن ساۋاق: بلوگ – ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بارلىقى ئەمەس، ئۇ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانسۇن، بولمىسا مەندەك سەمىرىپ كېتىسىز…

بەگنىڭ ئۈچۈنچى غېمى: زېھىن چېچىلدى

WordPressكە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان زامانلاردا ھاياجانىم تۇتۇپ بىر پاتمان بلوگلارنى قۇرۇپ تاشلاپتىمەن، بىلەمسىز؟ بلوگداش.كوم، سازبلوگ.كوم، بلوگىمىز.كوم، ئۇيغۇربەگ.نېت ۋە ئۇيغۇربەگ.كوملارنى بىر كۈنى تەڭلا يېڭىلاپ ماڭغان كۈنلىرىم بار ئىدى، بىلەمسىز، پرېستان توسمىغان بولسا يەنە بىرمۇنچە بالا بلوگلارنى قۇرۇپ سېلىشىم مۇمكىن ئىدى، بالا بلوگلار كۆپەيدى، ئەمما زېھىن چېچىلدى، زېھىن چېچىلىپ كۆپ ئىشلەشكە مۇھتاج بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن ماغدۇر باشتا كەتتى، ئاندىن ئىلھام قاچتى.

ئۇيغۇربەگدىن ساۋاق: بلوگ دېگەندىن بىرنى قۇرۇپ قويسا بولغۇلۇق، ھەرگىز ئۆينى ئىككى قىلماڭ…

بەگنىڭ تۆتىنچى غېمى: زىيارەت كامايدى

بىر بلوگداش ئۈچۈن زىيارەتچى ئانچە مۇھىم ئەمەس دەپ جار سالغانلىقىم ئېسىمدە، ئەمما شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، تۇرايىمىزغا قانچە كۆپ زىيارەتچى كەلگەنسىرى بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىم شۇنچە كۆتۈرۈلىدۇ، پرېستان بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ۋە سەلتەنەتلىك بلوگىمىز ڧىلىم قانىلىنى يۈرۈشتۈرۈپ پەللىگە يەتكەندە شۇنداق كۆپ زىيارەتچىلەردىن خۇش بولۇپ، بىر كۈنى مانچە يازما يېزىۋەتكىنىم ئېسىمدە، بەلكىم كۆپ قىسىم بلوگداشلار پات-پات ھالدا زىيارەتچى ئىستاتىستىكىسىغا دىققەت قىلىپ تۇرىشىمۇ مۇمكىن، مەنمۇ دىققەت قىلىپ باقتىم، بەلكىم بەگلىككە يوللانغان يازمىلارنىڭ كۇرسى چۈشكەن بولسا ۋە ياكى بەگلىكنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولىشىدىن بولسا كېرەك، زىيارەتچىلەر خېلى كېمىيىپتۇ….

ئۇيغۇربەگدىن ساۋاق:  زىياتەتچى چۈشۈپ كەتسە چۈشۈپ كەتمەمدۇ، ماڭا يا زىيارەتچىدىن پۇل كېلەمتى(ۋاھاھاھاھا….)…

بەگنىڭ بەشىنچى غېمى: زىيارەتچىلىرىمىز ھورۇنلاشتى

بۇنى دېمىسەم بولمايتى، ھازىر مۇنداق قارىسام بەگلىككە كەلگەن 20 ئادەمنىڭ 1 ئىنكاس يېزىپ قويىدىكەن، قالغانلىرى….ھەي بولدى سۆزلىمەي، ئاغزىمدىن كۆپۈك يېنىپ ئەتە ماتەمگە چۈشۈپ قالمايلى يەنە…

ئۇيغۇربەگدىن ساۋاق: كىيىن زىيارەتچىلىرىڭىز كوچىدا ئۇچراپ قالسا بىر تەخسە لەڭپۇڭ ئېلىپ مىھمان قىلىشنى ئۇنۇتماڭ…



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1 گىرادۇس 66


66 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ۋەھىمە | 04:30 | 2013.03.19 جاۋاب

    توۋا دىمىسەم بولماس ، ئاخشامتىخى بىلوگداشلاردىن سىز ، مۇئەللىم ئىشقىلىپ يەنە بىرمۇنچە بىلوگداشلارنى چۇشەپ چىقىپتىكەنمەن ، سىز بىلەن مۇ خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشقان ، ئەمما سىزنى بودەك ھەم ساقاللىق سىياقتا كۆرۇپتىمەن ، ئەقىلىم يەتمەيدۇ ،

    • ئۇيغۇربەگ | 12:59 | 2013.03.23 جاۋاب

      مەنمۇ سىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بۇرادەرلەرنى چۈشەپ چىققانتىم بۇرۇن… :shock:

  • تەدبىركار | 05:46 | 2013.03.19 جاۋاب

    ياخشى تەجرىبە ساۋاقلار بولۇپتۇ. ئەڭ مۇھىمى قىزغىنلىق ۋە قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا مۇھەببىتىڭىز بولسا، باشقا ئىشلار چوڭ مەسىلە ئەمەس دەپ قارايمەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 13:00 | 2013.03.23 جاۋاب

      بۇ گېپىڭىزگە بىر نومۇر بىرىۋەتتىم… :smile:

  • يولۋاسباي | 06:36 | 2013.03.19 جاۋاب

    بۇرۇنلاردا مەنمۇ شۇنداق قىزىقىپ يىزىپ كىتەتتىم ھازىر راسلا ئىلھام دىگەن نەرسە يوق خاسلىق بويىچە ماڭدۇرمەن دەيمەنيۇ لىكىن شۇ خاسلىققا يازغۇدەك بىرنەرسە يوق نىمە يىزىش كاللام قاپاقلا بولدى مەنمۇ بۇندىن كىيىن ئۆزۇم ياختۇردىغاننى يازىمەن بولمىسا بىر كۇنى سەمىرىپ بىر كۇنى ئوروقلاپ يۇرگىلىككەن

    • ئۇيغۇربەگ | 13:00 | 2013.03.23 جاۋاب

      بلوگ دېگەنمىغۇ ئەسلى ئۆزى ياقتۇرىدىغان، نېمە يازغۇسى كەلسە شۇنى يازىدىغان نەرسىكەن… :cool:

  • دىلبىر | 07:57 | 2013.03.19 جاۋاب

    راس گەپ قىلسام بلوگىنى خاسلىق بۇيىچە قىلمەن دېسە ئازراق مەزگىلدىن كېيىن خاسلققا خاس تېمىلارمۇ تۈگەپ قالدىكەن.يەنىلا سىز دېگەندەك ئۆزى نېمىنى خالىسا شۇنى يازسا بولغۇدەك.لېكىن بەزى بلوگلارغا خاسلق تۇگەپ قالمايدىكەن،چۇنكى يازغان تېما ئوخشىمايدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 13:02 | 2013.03.23 جاۋاب

      دېگىنىڭىز بەرھەق، بەزىدە بلوگغا خاسلىق مۇھىم دەپ جار سالساقمۇ، بارغانسىرى تېما چۇڭقۇرلاشقانسىرى يازىدىغانغا يا سەۋىيە يەتمەي، يا مەزمۇن چىقماي قالىدىغان ئەھۋال بار ئىكەن، تۇرانىڭ خاراكتىرىنى ئازراق ئۆزگەرتىشنى پىلانلاۋاتىمەن…

  • ئالىپ ئەرتۇڭا | 10:35 | 2013.03.19 جاۋاب

    سىلىمۇ جېككە ئوخشاش بىلوگ بېسىمى بۇپ قاپتىلىدە بېگىم. :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 13:03 | 2013.03.23 جاۋاب

      جېكدىن بۇ كېسەل يۇققان ئوخشايدۇ دەيمنا… :grin:

  • تەشنايى | 23:23 | 2013.03.19 جاۋاب

    پىقىرغىمۇ بلوگ يېزىۋاتقىلى بىر يىل بولاي دەپتۇ، قىزغىنلىق ھىلىھەم سۇسلاشقېنى يوق! ئەمما شۇنچە قىلىپمۇ زىراتچېلىرىمنى كۆپەيتەلمېگىنىم ئازراق ئەلەم بولىدۇ. بېشىدا مەنمۇ بلوگنى مەلۇم خاسلىققا ئىگە قىىلىش كىرەك دەپ ئويلايىتتىم، ھازىرغا كەلگەندە بلوگىم ئۇنۋېرسال بوپ كەتتى. نېمە تاپسام شۇنى يوللايمەن، كاللامغا نېمە كەلسە شۇنى يازىمەن… ئىشقىلىپ بلوگ دېگەن پۇل تاپىدىغان نەرسە بولمىغاندىكىن( ;-) )…
    بگىمىز سەمىرىپ كەتسە بومايىتتى، كۈندە مارافونچە يۈگىرەپ بەرسە بۇغۇدەك ماقىما؟!

    • ئۇيغۇربەگ | 13:04 | 2013.03.23 جاۋاب

      مەنمۇ تۇرانى يېڭى باشلىغاندا سىزگە ئوخشايتىم، ئىشەنمىسىڭىز 2009~2010 يىللىرىدىكى يازمامنى ئوقۇپ بېقىڭ، بەزىدە سىزگە قاراپ ئۆزۈمنىڭ ياش ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ قالىمەن! :mrgreen: ما گەپ جىڭ جۇما! :grin:
      مېنى ئورۇقلاڭ دەيسىز، قاراپ تۇرۇڭ مەن ياشقا كەلگەندە سىزگىمۇ بىرى ئورۇقلاڭ دەيدۇ :cry:

  • كۆنچى | 11:34 | 2013.03.20 جاۋاب

    بلوگچىلا قېرىپتۇ مانا… ياش بلوگىچىلار چىقمايۋاتامدۇ ياكى بىز ئۇقماي يۈرۋاتامدۇق؟ قانداق داۋاملىشىش بوپ كەتتى… :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 13:05 | 2013.03.23 جاۋاب

      ياش بلوگچىلار چىقىۋاتىدۇ، ماۋۇ ئىنكاسلارغا قارا، يېڭى بىر ئەۋلاد بلوگگېرلار قوشۇنى ھەممىسى كەپتۇ! ;-)

  • رىنات | 12:09 | 2013.03.20 جاۋاب

    ھەقىقەتەنمۇ غېمىڭىز كۆپكەن… ئەمما ئاشۇ بىرىنچى ساۋاقىڭىز بويىچە ئىش تۇتسىڭىز مەنچە باشقىلىرى چوڭ مەسىلە ئەمەس.

    • ئۇيغۇربەگ | 13:05 | 2013.03.23 جاۋاب

      مەنچە ئىككىنچى، ئۈچىنچى غەممۇ خېلى بوش ئەمەس… :twisted:

  • نۇردوس | 12:17 | 2013.03.20 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بەگنىڭ تۇرايى،كەپىسى بار ئىدى ئەمدى ۋەتىنىمۇ بولدىمۇ نېمە؟ weten.net :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 13:06 | 2013.03.23 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كەپە، تۇرا بولغانىكەن، ئۇلار مەنسۇپ بولغان ۋەتەنمۇ ئەلۋەتتە باردە… :mrgreen:

  • salihbeg | 13:05 | 2013.03.20 جاۋاب

    ۋاي ئۇيغۇربىگ خاسلىق بىلەن يىڭىلىنىشى تىز بىلوگ قۇرۇش زۇڭتۇڭ بولاشتىنمۇ تەس ئىشكەن جۇمۇ…ھەي ئىلھاملىرىڭىزمۇ قايتا جانلىنىپ بىر ماڭغۇزىۋىتىڭە …

    • ئۇيغۇربەگ | 13:10 | 2013.03.23 جاۋاب

      ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن داۋاملىق ئالغا دېگەن شۇئار بىلەن باشلايمەن، قاراپ تۇرۇڭ! :cool:

  • بىرھون | 18:42 | 2013.03.20 جاۋاب

    سىز بولسىڭىز بىزمۇ بار!

    • ئۇيغۇربەگ | 13:14 | 2013.03.23 جاۋاب

      قەدىمىڭىزگە مەرھابا، ئېسىل كىتابلارنى بىزلەرگە بەھىر قىلغانلىقىڭىزدىن خۇرسەنمەن… :smile:

  • پاسئان | 18:48 | 2013.03.20 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇ، بېگىم.
    ئارتۇقچە غەم يېمەڭ. مەن بۇندىن كېيىن ئىككى ip بىلەن بلوگىڭىزغا چىقاي. :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 13:15 | 2013.03.23 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىنتايىن رەھمەت سىزگە ئاغا، بولسا ئىككى جايدا چىققاندا يازمىلاردىن بەھىر ئالغاچ ئېلانلىرىمنى چىكىپ قۇيارسىز… :cool:

  • پاسئان | 18:49 | 2013.03.20 جاۋاب

    ئاپلا، ئالدىراشچىلىقتا ئاۋۇ سالىمىمنىڭ بىر «م» سى قاپتۇ. ئەپۇ قىلارسىز. :shock:

    • ئۇيغۇربەگ | 13:18 | 2013.03.23 جاۋاب

      بىر قۇشۇق قېنىڭىزدىن كەچتىم ، ئاغام ئەمەسمۇ!… :smile:

  • تۇران تېكىن | 08:02 | 2013.03.21 جاۋاب

    ياش ۋاقىتلىرىمىزدا دەپ باشلانغان يازمىڭىزدىن، يۇرتىمىزنىڭ چايخانىسىدىكى ئىمىن ئاكام بوۋاينىڭ ……. ھېكايىلىرى خىيالىمدىن كەچتى. خۇددى 80 ياشتىن ئاشقان ئادەمدەك. دېمەك بېسىم ئېغىرلاپتۇ، ئىشلار كۆپىيىپتۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭچە ۋاقىتلىق ئىشلار. چۈنكى بۇ قاراشلىرىڭىز ئۇزۇنغا بارمايلا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇشۇ يازمىنى ئالدىراپ يېزىپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن، دەرھال يانداش يازمىدىن بىرنى مەيدانغا كەلتۈرىسىز.

    • ئۇيغۇربەگ | 13:20 | 2013.03.23 جاۋاب

      دېمىسىمۇ ئۆزەمنى 30غا كىرمەي تۇرۇپ 60ياشقا كىرگەندەك ھىس قىلىپ قالدىم، بۇنىڭدىن كېيىن تور دۇنياسىدىكى ۋاقتىمنى كۆپرەك قىسقارتىپ، رېئال دۇنياغا كۆپرەك كېرىشىنى نىيەت قىلىۋاتىمەن، ئېيتقانلىرىڭىز كەلسۇن، رەھمەت…

  • ئەبۇ-باھادىر | 13:29 | 2013.03.21 جاۋاب

    بەزىدە راست تېما يېزىشمۇ خېلى تەسكە توختايدۇ، مەنمۇ بىر مەزگىل 3 ئاي ئەتراپىدا ھىچنىمە يازماي تاشلاپ قويغانىدىم. كىين ئويلىسام قىلىۋاتقان ئىشلىرىم خەيرىلىك بولغاچقا يەنىلا جاپاغا چىداپ غەيرەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن. راست، بولۇپمۇ خاسلىقنى ساقلاپ قىلىپ ماڭدۇرماق تەسكە توختىشى مۇمكىن. لېكىن يەنىلا خاسلىقنى ساقلاپ قىلىۋاتىمەن. ئەمدى ماڭىغۇ خاسلىقنى ساقلاپ قىلىش بەكمۇ تەسكە توختىمايدىكەن، چۇنكى مىنىڭ كەسپىم ئەرەب تىلى بولغاچقا ئەرەب تىلىغا ئالاقىدارئۇچۇرلارنى يوللىماق بىر قەدەر ئاسان. ھېچ بولمىسا تەرجىمە قىلىپ يوللايدىغان گەپ.
    مۇھىمى ۋاقىت مەسىلىسى بوپ قالدىدە……

    • ئۇيغۇربەگ | 13:25 | 2013.03.23 جاۋاب

      بلوگىڭىزغا بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن، ئەمدى قاراپ باقسام خېلى ياخشى مەزمۇن بار ئىكەن، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم، ئاللاھ قىلغان ئەجرىڭىزگە چۇشلۇق ئەجىر قايتۇرسۇن ئىلاھىم، سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقى ھەقىقەتەن مۇھىمكەن جۇمۇ، يولدىن قايماڭ… :lol:

  • تۇرمۇش | 13:34 | 2013.03.21 جاۋاب

    بەگلىكنىڭ غېمىنى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتەي ;-)

    • ئۇيغۇربەگ | 13:28 | 2013.03.23 جاۋاب

      سىزنىڭكىنىمۇ يىنىكلەتكىلى ماڭدىم…ۋاي، ئۇلىنىڭ ئۇلىنىش بېكىتى ئىكەنغۇ…

  • ئەلشات | 04:04 | 2013.03.22 جاۋاب

    ماڭىغۇ مۇشۇ كەملەردە بلوگ يىزىش قەتئىلا خوش ياماس بولۇپ كەتتى، باشقىلار ئەمەس بلوگىمغا ئۆزۈممۇ كىرىپ باقمىغىلى 10 كۈندىن ئىشىپتۇ

    • ئۇيغۇربەگ | 13:28 | 2013.03.23 جاۋاب

      سىزنىڭ بلوگىڭىزنى تاقامدىكىن دەپ يۈرگەنتىم مەن…

  • ئىمپراتور | 08:54 | 2013.03.22 جاۋاب

    بەگلىكنى ماڭا ئۆتكۈزۋىتەمسىز يا؟؟! :o

    • ئۇيغۇربەگ | 13:29 | 2013.03.23 جاۋاب

      ئىمپىراتورلۇقنىڭ قارا نىيىتى بىزنىڭ بەگلىككە چۈشۈپتۇدە؟ :shock:

  • سەھرالىق | 17:44 | 2013.03.22 جاۋاب

    مەن ئىشقىلىپ ئامال تاپساملا ئۆزەمنىڭ بىلوگىنى يوقلاپ تۇرۇۋاتىمەن(يازالمىساممۇ) ماۋۇ بەگ-پەگلەرنىڭ تاققا-تۇققىلىرىنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرىمىز. يىزىۋەر شۇمتەك قېرى…
    :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 13:34 | 2013.03.23 جاۋاب

      ماقۇل شۇمتەك ياش…

  • مەدىكار | 05:14 | 2013.03.23 جاۋاب

    بەگنىڭ يۇقارقى يازمىسىدىن ئۇنىڭ قېرىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىنى بايقىدىم مەن.ھەركىمنىڭ ئەھۋالى ئۆزىگە ئەڭ ئايدىڭ .

    • ئۇيغۇربەگ | 13:35 | 2013.03.23 جاۋاب

      بەزىدە ياشنىڭ چوڭلىغانلىقى پىشىپ يىتىلگەنلىكدىنمۇ دېرەك بىرىدۇ دەپ قارايمەن. بەلكىم پىشىپ يېتىلگەچكە قېرىغان بولىشىممۇ مۇمكىن،،، :|

  • دوغاپ | 12:02 | 2013.03.23 جاۋاب

    مەنمۇ شۇنداق تېزلا يالتايدىم، بلوگنى تاقاپ قويۇش ئىشىنىمۇ ئويلىشىپ قويدۇم، نېمىنى قىلىش ۋە نېمىنى ئۆگىنىش ئۈستىدە نوقۇل بىر پىلان تۈزىۋاتىمەن، ئەمدى شۇ پىلان بىلەن كەلگۈسۈمنى پويۇرۇشقا تىرىشماقچىمەن…

  • دوغاپ | 12:05 | 2013.03.23 جاۋاب

    يورۇتۇشقا دېمەكچىدىم..

    • سەھرايىم | 20:20 | 2013.03.23 جاۋاب

      دۇغاپ قارىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ قارىشى بىر يەردىن چىقىپ قىلىۋاتىدىغۇ تاڭ.

    • مەدىكار | 07:14 | 2013.03.24 جاۋاب

      لېكىن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىن نەپ ئېلىۋاتقانلار ئاز ئەمەس ئىدى.مەن قارىسام سىزدە ئۈمىد زور ئىكەن.ئۆزۈڭ بىلگەننى ئاتاڭغا بەرمە دەپتىكەن.تېخىمۇ تىرىشىڭ…

    • ئۇيغۇربەگ | 14:47 | 2013.04.5 جاۋاب

      دوغاپنىڭ بلوگى يېڭى قۇرۇلغان بىلەن ئەمەلىي نەپ بىرىدىغان يازمىلار كۆپ ئىدى، خەيىر، بۇ ئىشىڭىزدىمۇ ياخشىلىق بولىشى مۇمكىن.

  • نىدا | 17:27 | 2013.03.23 جاۋاب

    «ئۆمۈچۈك پالۋان»نىڭ 1-قىسمىدا دادىسى ئۆمۈچۈك پالۋانغا:«ئىقتىدارىڭ قانچە ئاشقانسېرى، مەسئۇلىيىتىڭمۇ شۇنچە كۈچىيىپ بارىدۇ» دەيدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا، يازغان ھەر بىر يازمىمىزغا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى، يازما يېزىشتا مۇكەممەللىكنى تالىشىش ھېسسىياتى قاتارلىقلار ئوتتەك كېلىۋاتقان ئىلھامنى سوۋۇتۇپ، يازمىغا ئىشلەش، تولۇقلاشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ، نەتىجىدە، پارچە-پۇرات ئارگىناللار بىرلىشىپ مۇكەممەل بىر يازمىغا ئايلىنالمايلا، كومپيۇتېر ياكى خاتىرىنىڭ بىر بۇرجىكىدە توپا بېسىپ قالىدۇ، كۈنلەر ئۆتكەنسىېرى، يازمىلىرىمىزنىڭ يوقاپ، باشقىلارغا ھورۇنلىشىپ قالغاندەك ھېس قالدۇرىمىز. ئەمما، كۆڭلىمىزدە بىرمۇنچە ئارزۇ-ئارمان، بىرمۇنچە يازمىلارنىڭ تېزىس-ئارگىناللىرى يۇرۇقلۇققا چىقالماي كۆمۈكلۈك پېتى تۇرىۋېرىدۇ. ;-) بەگمۇ ھازىر دەل مۇشۇنداق بىر دەۋرگە كېلىپ قالغاندەك قىلىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 14:47 | 2013.04.5 جاۋاب

      رەھمەت…

  • پرېستان | 03:16 | 2013.03.25 جاۋاب

    ۋاي ۋۇي نېمانداق جىق باھالار بۇ، ئاران ئۇقۇپ بولدۇم.

    • ئالپبەگ | 05:30 | 2013.03.26 جاۋاب

      پرېستان بىلەن بەگ ئىككىڭلار يېقىن ئاغىنە بولغاندىكىن باھالارنى يېرىمدىن بۆلۈشۈپ ئوقۇپ مۇۋاپىق باھا يېزىپ قويساڭلارمۇ بولىدىغۇ؟! بۇرۇن بۇ ئىككىڭلار خېلى ھەمكارلىشىپ قوياتتىڭلار…

    • ئۇيغۇربەگ | 14:48 | 2013.04.5 جاۋاب

      ھازىرمۇ خېلى ھەمكارلىشىۋاتىمىزغۇ؟ :idea:

  • ئىزدەن | 13:19 | 2013.03.25 جاۋاب

    مەن دىيەلمەي قالغان گەپلەركەنغۇ بۇ …. ;-)

    • ئۇيغۇربەگ | 14:48 | 2013.04.5 جاۋاب

      خەلققە ۋەكالەتەن مەن دەۋالدىمغۇ؟ :mrgreen:

  • Forever | 17:32 | 2013.03.27 جاۋاب

    بىر نەچچە بلوگ بار ، كىرىپ ئىنكاسلاردىن ھوزۇرلىنىپ چىقىپ كىتىدىغان ;-)

  • Forever | 17:33 | 2013.03.27 جاۋاب

    بەگلىككە ئىنكاس يېزىپ باقمىغىلىمۇ خېلى بوپتۇ .

    • ئۇيغۇربەگ | 14:49 | 2013.04.5 جاۋاب

      ئىنكاسىڭىزنى سېغىنىپ قالدىم جۇمۇ… :smile:

  • ئۇقۇغۇچى | 06:03 | 2013.03.29 جاۋاب

    مەنمۇ بەگلىگنىڭ مۆمىن پۇقرالىرىدىن بىرى ،ياش ۋاقتىمدا مەنمۇ قىزىقىپ ئەل قاتارى ۋوردپىرەسدىن بىلوگ سوققانتىم،تەتىلدىن كىيىن مەرھۇم بۇلۇپ كەتتى

    • ئۇيغۇربەگ | 14:49 | 2013.04.5 جاۋاب

      نېمە بولۇپ مەرھۇم بوپ كەتتى؟؟

  • ئاۋام | 13:00 | 2013.03.29 جاۋاب

    ئوخشاشكەنمىز… گەرچە تۇتىۋاتقان يولىمىز(بىرسىمىز بلوگ، بىرسىمىز مۇنبەر) ئوخشىمىسىمۇ «قېرىشىمىز ئوخشاشكەن».. مەنمۇ قېرىپ ھەم سەمىرىپ(تولا ئولتۇرۇپ قۇرساق سېلىپ كەتتۇق كىچىككىنە تۇرۇپ) سەل ھېرىپ قالدىم.

    • بىلىكئال | 10:48 | 2013.04.5 جاۋاب

      سىز سەرقۇت تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاۋام ئەپەندىممۇ ؟؟

    • ئۇيغۇربەگ | 14:50 | 2013.04.5 جاۋاب

      مەن ھازىر بلوگنىڭ خاراكتىرىنى ئازراق ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىنىشىنى ئاستىلىتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن…

    • ئۇيغۇربەگ | 14:51 | 2013.04.5 جاۋاب

      @بىلىكئال، يۇقارقى تورداش دەل سىز تىلغا ئالغان سەرقۇتنىڭ قۇرغۇچىسى…

  • ئۇيغۇرباي | 05:21 | 2013.03.30 جاۋاب

    ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇربەگ !
    گەرچە مەن تولا ئىنكاسچى بولۇپ كەتمىسەممۇ بىراق سىزنىڭ ھىلى ئانا تىل ،ھىلى تۇرك تىلى،ھېلى ئەجنەبىي تىلىدا بىزگە بەرگەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى ياختۇرۇپ كۆرەتتىم !
    شۇ كۆپ كۆرۈپ ، ئاز سۆزلەي دىگەن ، خالاس!
    سىز تور دۇنياسىدا خىلى داڭدار شەخىس ! ھەرەىز ئۆزلىرىنى تاشلىۋەمىسىلە بەگ خوجام !

    • ئۇيغۇربەگ | 14:55 | 2013.04.5 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تاشلىۋەتمەسلىككە تىرىشىمەن…

  • ئۇزھال | 16:00 | 2013.03.30 جاۋاب

    بىر ۋاقىتلاردا مەنمۇ ئۇرۇقتىم، ھازىرغۇ تۈگەشتىم، 8 سائەت خىزمەت ۋاقتىدىغۇ قەتتئىي بىكار ئەمەس، ئەمما ئىشتىن چۈشۈپ كومپىيوتىر قۇچاققا چىقتىمۇ بولدى، چۈشۈڭ دېگەنگە ئۇنىمايدۇ. چېنىقىش سارىيىغىمۇ پۇل تۆلەپ قوياپ جانان قۇچاقتىن چۈشمەي ئاساسەن بارماي ۋاقتى توشاپ كەتتى، ياشلىقنىڭ ئىلھامى ھەم ئىنئامى ھەقىقەتەن كاتتىكەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 14:56 | 2013.04.5 جاۋاب

      كومپىيۇتېرچىلارنىڭ ئورتاق كېسەللىرىدىن بىرنى مۇشۇ ۋاقىتسىز سەمرىش دەيدىكەن، مەن تور ۋاقتىمنى تىزگىنلەشنى قارار قىلدىم…

  • يالغۇز | 15:42 | 2013.04.4 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif